تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 777|ئىنكاس: 20

بىزدىكى ئانا ئوبرازى ۋە «ئاناڭنى» ئىبارىسى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
184
تۆھپە
129
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 22:35:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6442972_1319403633e.jpg


بىزدىكى ئانا ئوبرازى ۋە «ئاناڭنى» ئىبارىسى ھەققىدە

(ئابدۇلۋاھىد مۆلچەرى)

ئانا ھاياتلىقنىڭ قۇياشى، مېھرى مۇھەببەتنىڭ بۇلىقى، سىرلار كانى، ئالەمنىڭ گۈلتاجى! ئانا مەڭگۈلۈك ۋە مۇقەددەس تېما.

ئانا دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى دېڭىز -ئوكيانلاردەك چوڭقۇر، ئالەم بوشلۇقىدەك كەڭ ، تاڭ قۇياشىدەك يارقىنكى، بۇنى تەرىپلەشكە تىل، يېزىشقا قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەجداتى ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ جۆرىسى ھەۋۋا ئانىدىن تارتىپ بارلىق ئىنسانلارنى تۇغۇپ ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.
ئالەمدىكى جىمى ئىنسانلار ئانىدىن تۇغۇلغان، ئانىدىن ئاق سۈت ئەمگەن، ئانىنىڭ(ئاتىنىڭ) پەرۋىشىدە چوڭ بولغان.ئانا - ئىنساننى پەرۋىش قىلغۇچى، ئەقلىنى تاكامۇللاشتۇرغۇچى تۇنجى ئىنسان . شۇ ۋەجىدىن بارلىق شان -شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇق ئانىلارغا خاس. ئۇلۇغلۇقتا ئانىلارغا تەڭداش يەنە بىر ئىنسان تېپىلماس! كلاسسىك ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئانا ھەققىدە يازغان نادىر ئەسەرلىرى، قالدۇرغان ھىكمەتلىك سۆزلىرى ئۆلمەس داستانلىرى ئاز ئەمەس، بۇ يەردە ئۇلۇغ ئىككى شائىرنىڭ مىسرالىرىنى نەقىل كەلتۈرسەك كۇپايە .ئۇلۇغ شائىر ئەلىشىر ناۋايى مۇنداق ھېكمەتلىك مىسرالارنى يازغان

باشنى پىدا ئەيلە ئاتا قاشىدا،
جىسمىڭنى قىل سەدىقە ئانا باشىغە.
(بېشىڭنى ئاتاڭغا پىدا قىل، ۋۇجۇدۇڭنى ئاناڭ ئۈچۈن سەدىقە قىل)  
بىز بىلەن تېخى يېقىندىلا ۋىدالاشقان مەرھۇم شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى"ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك" ناملىق داستانىدا ئانا ئوبرازىنى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئوبرازىنى شۇ قەدەر يارقىن ،جانلىق ،گۈزەل ، ئوبرازلىق ،مۇكەممەل يارىتىپ ،گويا مىسىر ئېھراملىرىدەك يىقىلماس ئابىدە تىكلەپ بەردىكى،ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدە بۇنىڭدىن ئارتۇق تەسۋىرلەشنىڭ ھاجىتى قالمىدى دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. بىزنىڭ تارىخىمىزدا شۇ "ئۇلۇغ ئانا" دەك سانسىزلىغان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىز ئۆتكەن، بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق ئانىلار ئارىمىزدا يەنىلا كۆپ. ئانىنى ئۇلۇغلاشنىڭ گۈزەل ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىگىنى ، ئانىنى ھاقارەتلەشنىڭ ، خارلاشنىڭ نومۇسسىزلىق ، ئېغىر گۇناھ ۋە جىنايەت ئىكەنلىگىنى ھەممىمىز بىلىمىز ، ئەپسۇسكى بىزدە باشقىلارغا تىل-ھاقارەت ياغدۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان بارچە يامان ،قەبىھ سۆزلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى ،ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى ۋە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقىنى " ئاناڭنى !" دېگەن ئىبارىدۇر. بىز باشقىلارنى تىللىغاندا ، بىرەر ئىشتىن خاپا بولغاندا ، ھەتتا ئىچىمىز پۇشۇپ جىلى بولغان چاغلاردىمۇ دائىم " ئاناڭنى !" دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىمىز . تېخى بۇ ھاقارەت سۆزى "ئاناڭنى !" دېگەن مۇشۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن تۇگىمەيدۇ . مۇشۇ ئىبارىلەرگە ئەگىشىپ يەنە بىر قاتار قەبىھ سۆزلەر بىللە كېلىدۇ . مەن سەھرادا ،شەھەردە ،بازاردا ، يولدا ،ئەمگەك مەيدانلىرىدا ، كوچا- كويلاردا ، توي -تۆكۈنلەردە ، تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاڭلىغان "ئاناڭنى !" دېگەن ئىبارىنىڭ شۇنچە تولىلىقىدىن "ئەشۇ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ قايسى گۇناھى ئۈچۈن كىشىلەر شۇنچە كۆپ قارغىش –ھاقارەت ياغدۇرىدىغاندۇ " دەپ ئۆز- ئۆزەمگە سوئال قويىمەن . مەن ئاڭلىغان ،ئۇچراتقان بەزى ئەھۋاللارنى بەلكىم سىزمۇ ئاڭلىغان ،ئۇچراتقانسىز . قوش ھەيدەۋاتقان بىر دېھقاننىڭ كالىسى خاتا مېڭىۋىدى ، دېھقان رەللە بولۇپ سۆگەت چىۋىقى بىلەن كالىنى ئۇرغاچ تىللىدى: " ھۇ ئاناڭنى ! تاپ –چۇ ...! بىر ھارۋىكەش ھارۋىغا ئۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكەن بىر ۋېلسىپىتلىك كىشىنى تىللىدى: "ھۇ ئاناڭنى! كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ !"...... قايسىبىر شوپۇر ئالدىدىكى تاشيولدىن تۇيۇقسىز توغرا كېسىپ ماڭغان كىچىككىنە بىر قىزغا كېپىنكىدىن بېشىنى چىقىرىپ بىرنى تۈكۈردى ۋە تىل سالدى : "تۈفى ! ئاناڭنى پاسكىنا ! ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟"... بىر قەرزداردىن پۇلىنى ئالالمىغان قەرز ئىگىسى ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ تىل سالدى : " ئاناڭنى ! بۇ پۇلدا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ ؟ دېگىنە قاچان بېرىسەن ؟".. بىر كۈنلۈك خىزمەتكە كېلەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنغانلىقىغا نارازى بولغان بىر خىزمەتچى كاسىر ئايالنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپ شۇنداق دېدى: "بەرسەڭ ئاناڭنىڭ پۇلىنى بېرەمتىڭ ؟ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى بۇ ، مەن بىر ئاينىڭ ياقى ئاناڭنىڭ غالچىلىقىنى قىلمىدىم ، ھۆكۈمەتنىڭ غالچىلىقىنى قىلدىم بىلەمسەن ؟".. يۇقۇرقىلار بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان جىدەل- ماجىرا ، قەبىھ سۆزلەرنىڭ مىڭدىن بىرىنىڭ مىسالى . بەزىبىر سۆزلەرنى ئادەم ئاڭلاشتىنمۇ نومۇس قىلىدۇ . مەن ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مۇندىن مىڭ يىل بۇرۇنقى لۇغىتى"تۈركىي تىللار دىۋانى " نى ئاختۇرۇپ كۆردۈم ، ھەتتا ئەر -ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى ، جىنسىي ئالاقە سۆزلىرى ، بىر -بىرىنى تىللاشقاندا ئىشلىتىدىغان بىرمۇنچە قەبىھ سۆزلەرگىمۇ ئالاھىدە ئىزاھات بېرىلگەن . بۇ دىۋاندا «ئاناڭنى !» دېگەن ئىبارىنى تاپالمىدىم . باشقا ئالىم ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ بۇ ئىبارىنى ئاساسەن ئۇچرىتالمىدىم . قارىغاندا " ئاناڭنى !" دىگەن بۇ ئىبارە بىزدە ئېتىقاد ، غۇرۇر تۇيغىسى، چۈشەنچىسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقان مۇشۇ بىرقانچە ئون يىل مابەينىدە پەيدا بولغان بولسا كېرەك .ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئىبارە ئەدەتتىكى سۆزلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ قانچىلىك يامان ئىكەنلىگىگە كىشىلەر ئانچە ئېرەن قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇ بىر نەرسىگە دىققەت قىلىش زۆرۈركى ، بىر ئادەمنىڭ ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ ئانىسىنى تىللىغىنى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئۆز ئانىسىنى تىللىغىنى ، ئۆز ئانىسىنى تىللىغىنى ئۆزىنى تىللىغىنى ، ئۆزىنى تىللىغىنى ئۆز قەدىر -قىممىتىنى يەرگە ئۇرغىنىدۇر . ئەقلى-ھوشى جايىدا ئادەم ئۆز قەدىر- قىممىتىنى ئۆزى يەرگە ئۇرمايدۇ . گېپىمىزنىڭ خۇلاسىسى شۈكى ، ئانا ئۇلۇغ ، ئەشۇ ئۇلۇغ ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە رازى قىلىش ھەممىمىز ئۈچۈن قەرز ھەم پەرز . ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيتقاندەك
بىلىملىككە سۆزلىدىم مەن، سۆزۈم،
بىلىمسىز تىلىنى بىلمەيمەن ئۆزۈم.
سۆزلىگەن سۆزىمىزنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن مەنىسىنى ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان، ئۆز قەدىر-قىممىتىمىزنى ئۆزىمىز يەرگە ئۇرۇپ يوق قىلىدىغان ھاماقەتلەردىن بولۇپ قالمايلى
«شىنجاڭ ئاياللىرى» ژورنىلى

Rank: 4

تىللا
252
تۆھپە
143
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 13:57:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز   ھەقىقەتەن  ياخشى  يىزىپسىز  ،  ئاللا  قولىڭىزغا  دەرت   بەرمىسۇن .
مەن  بۇ  گەپنى  بىلىپ  بىلمەيلا  دەپ  سالىمەن  ئاچچقىمدا  ، بەئەينى ماڭا
قارىتىپ  يازغاندەكلا  يىزىپسىز  .  مىنىڭ  گەپ  سۆزدىكى  خاتالقىمنى  بىر  تونۇتتىڭىزدە  .
رەھمەت  تىما  ئىگىسىگە   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   __h1vAt----- تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-23 13:57  



Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
336
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 14:39:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، مەنمۇ بەزىدە دەپ سالاتتىم ، ئەمدى تۈزىتىمەن


ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 00:57:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇڭگۈزنىڭ چىقىرىشىنى يېقىملىق  مۇزىكا دەپ  بىلىدىغانلار بەزىدە تۇڭگۇزنى دوراپ باققۇسى كىلدۇ،،،،،بۇنى نىمە دىگۈلۈك ئەمدى.ھە _راس  سېلىقراق ئاتاپ_ مەدەنيەتسىزلەر. دىيىش كېرەك .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 00:57:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇڭگۈزنىڭ چىقىرىشىنى يېقىملىق  مۇزىكا دەپ  بىلىدىغانلار بەزىدە تۇڭگۇزنى دوراپ باققۇسى كىلدۇ،،،،،بۇنى نىمە دىگۈلۈك ئەمدى.ھە _راس  سېلىقراق ئاتاپ_ مەدەنيەتسىزلەر. دىيىش كېرەك .


Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
255
تۆھپە
153
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 15:32:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىنىڭ بىر قەۋم ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى مەن ھېس قىلىۋاتىمەن. بىر قەۋمدە ئانا رولىنى يوقاتسا شۇ قەۋم.....  تۈگىدى دېگەن گەپ


ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 4

تىللا
252
تۆھپە
143
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 17:44:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
skod يوللىغان ۋاقتى  2012-3-24 00:57
تۇڭگۈزنىڭ چىقىرىشىنى يېقىملىق  مۇزىكا دەپ  بىلىدىغانل ...

ياق   ياق   شەرەپسىزلەر   دىيش  كىرەكمىكىن  دەيمەن .


Rank: 2

تىللا
66
تۆھپە
40
UID
9505
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 20:19:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 23:45:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
__h1vAt----- يوللىغان ۋاقتى  2012-3-24 17:44
ياق   ياق   شەرەپسىزلەر   دىيش  كىرەكمىكىن  دەيمەن .

ئۇنداق دىسىمۇ بولغۇدەك،سىلىق چىقىدىۆەن،رەھمەتسىزگە!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 23:47:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
suriya يوللىغان ۋاقتى  2012-3-24 20:19
ناھايىتى ياخشى يىزىلىپتۇ.

رەھمەت سىزگە!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:26, Processed in 0.082006 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991