تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1929|ئىنكاس: 22

‹‹ نــەشـــە ›› توغىرسىدا گــەپلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
184
تۆھپە
129
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 22:29:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ نــەشـــە ›› توغرسىدا گــەپلەر


xxxx.jpg


ھـــەر مىــلـلــەت خــــەلــــقى بـىـــرلىــشىـپ زەھـەرگــە قــارشـــــــــــــى  تــــــــۇرايلــــــى !!!

  ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى نەشىنى چىكىش ۋە نەشە بىلەن تەمىنلەش قانۇنسىزلىق دېگەن بولسىمۇ ،ئامېرىكىدا نەشە شۇنداق كەڭرى .يەنە كېلىپ قارا تەنلىكلەر،ياشلار سەنئەتكارلار ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئارىسىدا چېكىش شۇنداق ئومۇملاشقان.ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن چەككۈچى كىشىلەر نەشىنى مۆكۈپ تۇرۇپ چېكىشكە رازى ئەمەس ،شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ نەشىنى قانۇنلاشتۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى ياڭرىماقتا. شۇ سەۋەپتىن نەشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئامېرىكا تارىخىدىكى چوڭ‹ھەرە تارتىش جېڭى›بولۇپ قالدى.
1996-يىلى كالىفورنىيە شىتاتى نەشىنى داۋالاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىشكە يول قويغان بولۇپ ،بىمارلار دوختۇرلارنىڭ رېتسىپى ئارقىلىق دورىخانىدىن سېتىۋالالايدۇ .ھەممىمىزگە مەلۇم ،نەشە‹يۇمشاق زەھەر›تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ ،ئۇزۇن مۇددەت ياكى كۆپ مىقداردا چەككەندە نەپەس يولى ئەزالىرى ۋە ئۆپكىنىڭ راك بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھەمدە خۇمار بولۇپ قالىدۇ ،چەككەن  ئادەمنى بىر خىل خىيالى تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە نەشە باشقا زەرلىك بۇيۇملارغا ئۆتۈشتىكى ‹تىز يول›بولۇپ ،نۇرغۇن كىشىلەر دەسلەپ نەشە چېكىپ ئاندىن باشقا زەھەرنى چېكىشكە ئۆتكەن .مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ نەشە چەكلەشكە تىگىشلىك زەھەر ئەلۋەتتە.ئەمما نەشىنىڭ دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يوقىرى بولۇپ، بولۇپمۇ نېرۋا كېسەللىكلىرىگە شىپا قىلىدۇ .دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن دۆلىتىمىزلىك 炎帝نەشە بىلەن نېرۋا سېستېمىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى خاتىرىلىگەن.خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پىنسىيىگە چىققان گىرىنسىفەن پىراففېسورنىڭ دېيىشچە نەشە ئىچى ئېلىشنى توختىتىدىكەن،گلاۋكوما كېسەللىكلىرىنىڭ نۇر يىغالماسلىقىنى داۋالايدىكەن،ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئىشتىھاسىزلىقىغا شىپا قىلىدىكەن.تۇتقاق كېسەللىكلىرىگە قارىشى تۇرالايدىكەن.

2009-يىلىدىكى سىتاستىكىغا قارىغاندا ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى 56%كىشى نەشىنىڭ قانۇنلۇق بولىشىنى قوللايدىغان بولۇپ،ئۇ كىشىلەر نەشىدىن ئېلىنىدىغان باج ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى ۋە كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئىقتىسادى كىرزىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ دەپ قارىسا قارىشى تۇرغۇچى كىشىلەر بۇنداق بولغاندا نەشە ياشلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارايدىكەن.
نەشىنىڭ خىيىۋى تەركىبى ئاساسلىقى تېتراگىدروكاننابىنول بولۇپ(ئاددى ئاتىلىشىTHC)دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن زەھەر دەپ قارىلىپ چەكلەنگەن.THCنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى خىروئىن،مۇزسىمان زەھەر ۋە باشقا زەھەرلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
نەشە ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن تىز سۈرئەتتە قان ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقايدۇ .چوڭ مىڭنىڭ مەلۇم قىسىمنى نەشە ئارقىلىق غىدىقلىنىپ ،نەشە چەككۈچىنى رەھلانغاندەك ھېس قىلىدۇ . بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك چوڭ مىڭنىڭ ئىش تەقسىماتى بار بولۇپ ، ئۇزۇن مۇددەت نەشە چېكىش ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى، ئوي-خىيالى،زېھنىنى يىغىش، ھەرىكەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت نەشە چەككەن ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.خامۇشلۇق كېسىلى ،يۈرەك كېسەللىكلىرىگە  گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلايدۇ.
ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىشى ۋە تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا زور مىقداردا THCئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ ياشلارنىڭ تېنىگە كىرگەندىن كىيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاھىشىنى ،زوراۋانلىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن.ئامېرىكىدا ھەر كۈنى 6000ئادەم تۇنجى قېتىم نەشە چېكىپ باقىدىكەن ،بۇلارنىڭ 63%بولسا 18ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلەر ئىكەن.ھەر يىلى 300مىڭ ئادەم نەشىگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن زەھەر تاشلاش ئورنىغا كىرىدىكەن.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
952
تۆھپە
835
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:13:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ شۇ ..لېكىن بەزى كىشلەر دۇرا دەۋالىدىكەن بۇ قانداق گەپ ئەمدى..


Rank: 2

ئىسىمى
نەۋقىران
تىللا
93
تۆھپە
23
UID
4974
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 12:25:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەشە چەكلەشكە تىگىشلىك زەھەر


Rank: 6Rank: 6

تىللا
898
تۆھپە
396
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 13:52:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دۆلىتىمىزنىڭ زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكىدىن بەكمۇ مىنەددار.چەكلەپ تۇرمۇسا بىزنىڭ تەقدىرىمىز قانداق بولۇپ كىتەتتى ھە!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
336
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 14:41:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن چەكلىگىدەك دەرىجىگە يەتتى.؛....


ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..

Rank: 4

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
277
تۆھپە
153
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 15:40:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈ  زەھەرلىك بۈيۈم  ئۇ دۈرا ئەمەس  ئادەمنى زەھەر لايدۈ  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
814
تۆھپە
530
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 16:51:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ھورۇنلاشتۇرۇپ كاردىن چىقىرىش دورىسى دىگەن شۇ....


Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 16:55:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جۇڭگوچە تىبابەت ، ئۇيغۇر تىبابىتى قاتارلىق مىللى تىبابەتلەردە نەشە ۋە ئەپيۇن تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ۋە نېرۋا كېسەللىك دورىلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسىمى . ئەمما ئىشلىتىش ئۆلچىمى ، مىقدارى ۋە چەكلىنىدىغان كىشىلەر ئېنىق ئەسكەرتىلگەن . غەرىب تىبابىتىنىڭ ئەڭ داڭلىق تىنىچلاندۇرۇش دورىلىرىغا ئەڭ كۈچلۈك رەھەرلىك ماددىلار قوشۇلغان . زۆرۈر بولغان بىمارغا ئىشلەتمەي ئامال يوق ، مەسىلەن : ئاخىرىقى باسقۇچتىكى راك ، ئۇرۇش مەيدانىدىكى يارىدار دېگەندەك .

لېكىن غەرىب ئەللىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تەرەققى تاپقان قوشنا دۆلەت ئامېرىكا بىلەن كانادادىكى ياشلارنىڭ نەشىنى قانۇنلاشتۇرۇش ساداسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەكلا ئەۋىج ئېلىپ كەتتى .
زەھەرلىك چېكىملىك ئەڭ ئاۋال مېڭىنى زەھەرلەپ نېرۋىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ، ئاندىن ھەر خىل داۋالاش قىيىن ياكى داۋاسى يوق كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . جەمىيەتكە ۋە ئەخلاققا بولغان بېسىمىنى دېمىسەكمۇ ھەممىمىزگە ئايدىڭ .
زەھەرنى چەكلەشتە ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-23 16:58:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانادانىڭ ۋانكۇۋېردا بۇيىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى يەنە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ قاتناشقان ئادەم سانى 5000دىن ئاشقان .

مەنبە :        http://www.dushi.ca/tor/news/bencandy.php/fid11/aid4325


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
482
تۆھپە
321
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-24 01:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈ  زەھەرلىك بۈيۈم ، ئۇ دۈرا ئەمەس .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:26, Processed in 0.081498 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991