تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 2756|ئىنكاس: 29

ئەمۋاي ۋە نيۇسكىنغا ئوخشاش شىركەتلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
2
UID
2084
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 19:51:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    « ئەمۋايغا ئوخشاش شىركەتلەر بىزگە بېسىم ئېلىپ كېلەمدۇ؟ » ناملىق ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ مەسىلىدە بىر قەدەر ئىنچىكە ئويلىنىپ باقتىم. ئويلاپ باقسام بۇ مەسىلە سەل قاراشقا ياكى ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئىچكىرلەپ كىرىشكە بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قاپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسام دوستلارمۇ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقسا دېگەن ئۈمدتىمەن.
    1. ئەمۋايغا ئوخشاش شىركەتلەر ئۇيغۇرلاردىكى ئوخشاش مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىغان شىركەتلەرگە ئاز بولمىغان بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت رېتسىپلىرىغا ئاساسەن خەلقىمىزنىڭ تەن- ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىغان، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاساس يارىتالايدىغان خېلى كۆپ مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىندى. ئەمما ئۇ مەھسۇلاتلار پۈتۈن ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ. ئەمۋاي، نىسيۇسكىن ۋە باشقا سودا ئىمپىريىلىرىنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش تاكتىلىك مەھسۇلات سېتىش ئۇسۇلىنى قوللانمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئىنىقلا ئۇيغۇر شىركەتلىرىگە زور دەرىجىدە بېسىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
     2. ئەمۋاي، نىيۇسكىن ۋە باشقا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان سودا ئىمپىرىيەلىرىنىڭ سودا تاكتىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىپ بىرىنىڭ ھەققىنى، يەنە بىرىگە يېگۈزىدىغان ياكى باشقا بىرىنىڭ ئەجرى بەدىلىگە باشقا بىرىگە ھەق بىرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەزەلدىن ھالال بىلەن ھارامنىڭ چەك- چىگىرىنى ئېنىق ئايرىپ، يولدىن بىرەر نەرسە تېپىۋالسىمۇ ئىگىسىنى ئىزدەيدىغان ئىنساپلىق كېشىلەرنىڭ ئىنسابىنى يەپ كېتىدۇ.
     3. بۇ شىركەتلەرنىڭ سودا كۆز- قاراشلىرىدا ئاتا- ئاناسىغا، ئۇرۇق- تۇققانلارغا، دوست- بۇرادەرلەرگىمۇ مەھسۇلاتنى پۇلغا سېتىشنى، ئادىمىگەرچىلىكنى باشقا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئاتا- ئانىمىزغا تولۇق ۋە ئاخىرىغىچە ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا خىلاپ كېلىدىكەن.
    4. بۇ خىل سودىغا كىرىشكەنلەر باي، نامرات، دىندار، دىنسىز، خىزمەتچى، ئەر – ئايال، كىچە- كۈندۈز، دەم ئېلىش، خىزمەت ھېچقانداق ئۇقۇمنىڭ چەك- چىگىرىسىنى ئايرىمايدىكەن. بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ، دىننىڭ، مەدەنىيەتنىڭ، ئۆرپ- ئادەتنىڭ چەك، چىگىرىسىغا ئېغىر دەرىجىدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدىكەن.
    5. بۇ سودىغا كىرىشكەن ئادەملەر ئىنساننىڭ يۈرۈش- تۇرۇشى، گەپ- سۆزى، ئىش – ھەرىكىتى، ئۆيىنىڭ، ئىشخانىسىنىڭ بېزىلىشىدىن باشلاپ ھەممە ئىشقا دىققەت قىلىدىكەن ۋە پۇرسەت ئىزدەيدىكەن. بۇنى سودا ياكى مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇش ئەمەس. شارائىت ۋە پۇرسەت ئىزدەپ پۇل تېپىش دېگەنلىك بولىدىكەن.
    يوقارقىدەك ئەھۋالدا بۇ ئىشقا كىرىشكەن دوستلار ياخشىراق ئويلاپ بۇ ئىشقا كىرىشمىسە بۇ كىشىلەر ئاقىۋەت مىللەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئاپەت بولۇپ قالغۇدەك. شۇڭلاشقا ئويلىشىپراق ئىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1787
تۆھپە
547
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-20 23:34:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر گەپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەققىدىمۇ بىلىۋېلىشىمىز زۆرۈر.
شاخلىتىپ سېتىش يامراپ كەتكەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، دۆلەتنىڭ ئۇنى قوللاش ياكى چەكلەش-جازالاش ھەققىدە قانۇن بەلگىلىمىسى ئېنىق ئەمەس ئىدى. شاخلىتىپ سېتىش ئەۋجىگە چىققانسىرى ئۇنىڭغا چېتىشلىق ئالدامچىلىق، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق دېلولىرى كۆپەيدى. شاختىلىپ سېتىشقا ئارىلىشىپ قېلىپ، خانۇ-ۋەيران بولۇپ، ئۆلىۋالغانلارمۇ بولدى. شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشى ھەم ئىقتىسادىي تەرتىپكە ھەم ئىجتىمائىي موقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنلىكتىن، دۆلەت مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، شاخلىتىپ سېتىشنى چەكلىدى. لېكىن، قانۇن ھەممىگە قادىر بولمىغانلىقتىن، شاخلىتىپ سېتىش ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىلگىنى يوق. بەزى جايلاردا، جۈملىدىن دىيارىمىزدا يامراش ھالىتىگە يۈزلەنمەكتە.
ئامۋاينىڭ تىجارەت شەكلى شاخلىتىپ سېتىشقا كىرەمدۇ-كىرمەمدۇ، بۇنى تورداشلارسېلىشتۇرۇپ بىلىۋالسا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلار بار. ئامۋاينىڭ جۇڭگۇدىكى شىركىتى : بىزنىڭ مۇقىم دۇكىنىمىز بار، بىز ئەزا تەرەققىي قىلدۇرمايمىز، بەلكى ساتقۇچى ياللاپ ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىمىز، باشقا شاخلىتىپ ساتقۇچىلارغا ئوخشىمايمىز دىگەن ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن سېتىش ئەمەلىيىتى ئوخشاشمۇ ئەمەسمۇ، تورداشلار سېلىشتۇرۇپ باقسا بولىدۇ. خەنزۇچە تور بەتلەرنى كۆرۈپ باقسام، بەزىلەر ئامۋاي جوڭگۇ شىركىتىنىڭ قانۇنسىز دەپ چەكلەنمەسلىكىدە بىرمۇنچە سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى يېزىپتۇ.
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە  نوپۇزلۇق  يازمىنى تەۋىسسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا، مەيلى قانۇن نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن، سېتىلىش باھاسى ئەسلى قىممتىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتنى ( ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى، ئىشلەنگەن ئورنى، ئىشلىتىلگەن ماتىرىيالى قاتارلىقلار بىر سىر. گۇاڭجۇدىكى باش ۋاكالەتچى ئۈرۈمچىدىكى باش ۋاكالەتچىگە ئەۋەتكەن مال راستىنلا ئامىرىكا، كانادادا ئىشلەندىمۇ ياكى گۇاڭجۇدا ئىشلەندىمۇ، بۇ نامەلۇم) ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە ماختاپ سېتىپ ئاسانلا كۆپ پايدا ئېلىش كويىدا بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا تۇيۇق يولدىن بالدۇرراق يېنىشنى سەمىمىي تەۋىسسىيە قىلىمەن.

شاخلىتىپ سېتىش ئالدامچىلىقىدىن ھۇشيار بولۇش ھەققىدە
نۆۋەتتە، دۆلەت ئېنىق بۇيرۇق چىقىرىپ چەكلىگەن شاخلىتىپ سېتىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكتىن، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئامما بۇ خىل تىجارەت پائالىيىتىگە قارىغۇلارچە قاتنىشىپ، ئالدىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئىجتىمائىي مۇقىملىق، خاتىرىجەملىككە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، نورمال ئىقتىسادى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ھەرقايسى ئىستېمالچىلار جەمئىيەتلىرى ئاممىنىڭ پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى سەمىگە سالىدۇ. قانۇنسىز شاخلىتىپ سېتىش پائالىيىتى ئىلغار بولغان تىجارەت ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى (مەخسۇس سېتىش، ۋاكالەتچىلىك قىلىش، بىۋاستە سېتىش، زەنجىرسىمان سېتىش قاتارلىقلار) دەستەك، ھەر خىل تاۋارلارنى شاخلىتىپ سېتىشنى قورال قىلىپ، ئەزا كۆپەيتىش، ئالاقە تورىنى ۋاستە قىلىپ، ئىستېمالدا پايدا تەقسىم قىلىش، بايلىق سوۋغا قىلىش، ئاشكارا ۋەدە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز سۈرئەتتە باي بولۇشنى تەشۋىق قىلشتىن ئىبارەت. شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى شاخلىتىپ سېتىشنى مەنئى قىلىش نىزامىدا ئېنىق چەكلەنگەن قىلمىش ھېسابلىنىدۇ.
نۆۋەتتە، شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتلىرى ئاشكارا ھالەتتىن يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆتۈپ، ئەزا بولغۇچىلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكتە. ئەزا بولغۇچىلار ئەزالىققا كىرىپلا قالسا، قۇتۇلمىقى ئىنتايىن تەس، شۇنىڭدەك سىرتقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىشى قىيىن بولماقتا.
شاخلىتىپ سېتىش تەشكىلاتى  دەرىس سۆزلەش تەربىيلەش  قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قاتناشقۇچىلارنى ئازدۇرۇپ، ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك ناملار بىلەن (كىرىش ھەققى، تەشكىلاتقا قانىشىش ھەققى، ئىجازەت ھەققى، تەربىيلەش ھەققى قاتارلىق) ھەقلەرنى ئېلىپ، ئاخىرىدا پۇل- مالنى شىلىۋىلىش مەقسىتىگە يەتمەكتە.
قانۇنسىز شاخلىتىپ ساتقۇچىلار قارا قولىنى ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشسىزلار، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا سۇنماقتا. ئەزالارنى كۆپەيتىش ئۇسۇلى ئىلگىرىكى  پىششىقنى ئۆلتۈرۈش  تىن ھازىرقى  خېمىنى ئۆلتۈرۈش كە ئۆزگەردى. يەنى ئەسلىدىكى ئۇرۇق- تۇققانچىلىق، ھازىرقى توردا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەزالارنى ئالداپ قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەردى.
ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالىدۇكى، تورغا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاشتىن بۇرۇن، خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى شۇ يەرلىك سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقىلىق ئىگىلەپ باققايسىلەر.
ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئىستېمالچىلارنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، شاخلىتىپ سېتىشقا قاتنىشىش ھەرىكىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ.  شەھەر ئاممىسى شاخلىتىپ سېتىش قىلمىشلىرىنى بايقىغاندا 12315   پاش قىلىش تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ.


Rank: 4

تىللا
270
تۆھپە
149
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 00:23:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  ئەسلى   نىيوسكىنغا   ئەزا  بولاي   دىگەن  بىر  دوستىمنىڭ  تەۋسىيىسى بىلەن،،،ئەمما  ئەمدى  بولدى قىلسام  بولغۇدەك،،،يەنىلا  سىڭگەن  نېنىمنى  يەيچۇ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
903
تۆھپە
411
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:47:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بۇ مەسلىگە بولغان قارشىم ،سىڭگەن ناننى يەپ ياشىغۇلۇق مېنىڭچە  قىلچىلىك پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ قارايمەن.قىلاي دېسەك بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياخشى سودىلار بار غۇ ...


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەلبىنۇر
تىللا
952
تۆھپە
835
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 09:34:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىركەتكە  قۇشۇمچە كىرىپ قويسا بۇلىدۇ خالاس،،،،،،،،،،،،،،،،،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
898
تۆھپە
396
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 10:22:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاخلىتىپ سىتىش قانۇنغا خىلاپ


Rank: 4

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
321
تۆھپە
95
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 11:46:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى مەزمۇنلۇق ھەم ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپسىز ،بۇ كەسىپكە كىرگەنلەرنىڭ ئالدىدا ئالىدىغان تەلىمى يالغانچىلىق ،كەينىگە ئۇلاپلا ئالدامچىلىق باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدۇ ..ئاللا ھەممە بەندىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
686
تۆھپە
336
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 18:43:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت بىرىنچى كۆز قارشىڭىزغىلا قوشۇلىمەن .
  چۈنكى بۇ كۆز قارشىڭىز ئىقتىساد نوقتىسىدىن چىقىرىلىپتۇ.
  مەسلىلەرنى ھېسىيات نوقتىسىدىن كۆزىتىشكە بولمايدۇ.


ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..

Rank: 3Rank: 3

تىللا
321
تۆھپە
40
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 12:49:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە كېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزىڭىز بىلەك بىلەن بىلىمگە تايانغۇلۇق، خەقنىڭ ئالدىدا قۇرۇق گەپ ساتقۇچە؟


Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
8
UID
9303
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 18:18:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىلا بولمىسۇن، ساق تۇرۇپ كوچىدا تىلىگەندىن ياخشى. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ھالال ئىش، جىنايەت ياكى يامان ئىش ئەمەس


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 15:24, Processed in 0.073837 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991