ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ نەۋرۇزغا ئاتىغان تەبرىك سۆزى
ئۈچ مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 300مىليۇن خەلق ئارىسدا نەۋرۇز بايرىمى ھەر خىل رايون ،ھەرخىل مىللەت،ھەر خىل دىن ھەر خىل تىل مۇھىتىدىكى كىشلەرنىڭ ئالاقىسنى كۈچەيتىپ، باھارنىڭ تۇنجى قەدىمىنى يەنى ،يېڭى بىر ھاياتلىقىنىڭ باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى .
نەۋرۇز بايرىمى -ئۇرۇق -تۇغقان يارۇ دوسىت بۇرادەرلەر ئۆز ئارا جەم بولىدىغان خۇشاللىق تەنتەنە قىلىشىدىغان ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشدىغان بايرام .
نەۋرۇز كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىجىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئارا ھۆرمەت ۋە ئىناقلىق مارشىنى ياڭرىتىپ بۇ بايرامنى خاتىرلىشدۇ .يېڭى بىركۈن يېڭى بىر ھايات باشلانغان بىغۇبار دەقىقىلەردە ئۆزئارا دوسىتلۇق ۋە تىنىچلىق ئارزۇسىنى نامايەن قىلىشىدۇ .
ھەر يىلقى نەۋرۇز بايرىمى دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايەن قىلىىپ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى بىر بىرىگە مەھكەم باغلايدۇ .
شۇڭلاشقا نەۋرۇز بايرىمى مەدەنيەت ،پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن <<ئىنسانيەتنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنيەت مىراسلىرى >>تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلىقئارالىق نەۋرۇز بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.
ھازىر دۇنيا تۇراقسىز ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ .نەۋرۇز بايرىمى ئۆتكۈزدىغان رايونلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
نەۋرۇز بايرىمى تىنىچلىقنى ،ئىتتىپاقلىقىنى ،ئۆملۈكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بايرام بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە .
مەن جاپالىق رايونلاردا نەۋرۇز ئۆتكۈزۋاتقان كىشلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن .
بۇ بايرام بىزگە ئورتاق تەقدىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ،چوقۇم ھەممەيلەن تىرىشىپ گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىشمىزنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى .
ھەممىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ،بۇ بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ ،تېخىمۇ بىخەتەر ،تېخىمۇ تىنىچ ،تېخىمۇ باراۋەر بولغان خەلىقئارالىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ئۈچۈن تىرىشايلى .
مانا بۇ نەۋرۇز بايرىمنىڭ بىزگە ئالدىن بەرگەن بىشارىتى . شۇنداقلا كۆپچىلىك ھەممەيلەنگە يۈكلىگەن ئورتاق ۋەزىپىسى ..
2012-يىلى 21-مارت
قەلەمىي تەرجىمسى
http://www.un.org/zh/sg/statements/2012/nowruz.shtml