تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 55|ئىنكاس: 2

تاغ قىزى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
538
تۆھپە
281
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تاغ قىزى


(ناخشا تېكىستى)


تاڭ سەھەردە چۆگۈن ئېلىپ ماڭار چوققىغا،

ئايرىپ قويغان سېغىنلارنى سېغىپ كەلگىلى.

سوغۇق شامال چاچلىرىنى تارار ئەركىلەپ،

تاغ پەرىگە گۈزەل ھايات سۆيگۈ بەرگىلى.

تاغ قىزى........ تاڭنىڭ قىزى.


قىيالاردىن تەرگىنىدە بىنەپشە كاشكاپ،

ھەۋەس بىلەن باش لىڭشىتار بەدىيان، مامكاپ.

تەڭدىشى يوق جامالىدىن سۆيۈنۈپ ھەتتا،

يامغۇر چاچار بۇلۇتلارمۇ پەرىنى ماختاپ.

تاغ قىزى........ تاڭنىڭ قىزى.


ياۋا ئۈزۈم، ئالقات، چىمەن ئۇنىڭ ماكانى،

كاككۇك سايراپ، كۆكمەك سەكرەپ كەتمەس يېنىدىن.

ئاق تۇلپارنى مېنىپ چىقسا يېشىل يايلاققا،

تۇمان ئەگىپ كېلەر ئۇنىڭ ئۇچقۇر ئىزىدىن.

تاغ قىزى........ تاڭنىڭ قىزى.


چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 13:23  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1042
تۆھپە
842
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 16:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكىلىك چىقىپتۇ،تەشەككۈر


سەكرا

Rank: 3Rank: 3

تىللا
130
تۆھپە
63
UID
6455
يوللىغان ۋاقتى 14 مىنۇت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزپسىز ھە


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:46, Processed in 0.068274 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991