چاقچاق دېگەن مۇنداق بولىدۇ
ئەسسالامۇئەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، ياخشىمۇسىزلەر؟ ھەربىرىڭىزلارغا كەمىنە شەيدائىيدىن ئوتلۇق سالام! ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيىت يېتىپ كېلىش ئالدىدا مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئەزالارغا شېئىر شەكلىدە چاقچاق يېزىپ چىققانتىم، چاقچاق مۇنبەردە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان ئەزالار مەن يازغان شېئىر چاقچاققا شېئىر شەكلى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مېنى تولىمۇ خورسەن قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇنبىرىمىزدىكى خالتا كوچا ناملىق ئەزا بىلەن ئىككىمىزنىڭ يېزىشقان چاقچىقى ئۆزگىچە بولۇپ، مەزمۇن ۋە مەنا جەھەتتىن شۇنداق ماس كەلگەن ئىدى، ئۇنى ھازىر تورداشلارنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا سۇندۇم، ئەركىن، ئازادە پىكىر يۈرگۈزۈپ، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،
خالتا كوچا ناملىق ئەزانىڭ ماڭا يازغان چاقچىقى:
ئەسلىي كەسىپداش ئىدۇق،
كۆرۈشمىسەكمۇ بۇندا.
لېكىن ئۇنتۇپ قاپتىلا،
چاقچاق يېزىپ تۇرغاندا.
مەنمۇ كونا ئەزاتىم،
تەڭرىتاغقا كەلگەنغۇ.
نەزەرلىرى چۈشمەپتۇ،
خېلى ئىنكاس يازغانغۇ.
ئىمىننىياز مەتنىياز،
شەيدائىيغۇ تەخەللۇس.
قەشقەرگىمۇ كىلەلا،
چىقارمىز بىز راۋۇرۇس.
خەۋەر-سۈرەت چىقاتتى،
گېزىت – ژۇرنال تورلاردا.
ياكى باشلىق بوللىمۇ،
يوقاپ كەتلە يوللاردا.
كونا كەسىپ قەدىرلىك،
تاشلىماڭ دوست شەيدائىي.
يەنە ئەسەر يازمىسىڭىز،
بوپ قالىمىز سەۋدائىي.
«خالتا كوچا» ناملىق تورداشنىڭ چاقچىقىغا جاۋابنامە مېنىڭ قايتۇرغان جاۋابىم:
قەشقەرلىككەن ئۆزىڭىز،
ئەجەپ تۈزۈك زېھنىڭىز.
مېنى تولۇق بىلىسكەن،
نېمە تولۇق نامىڭىز.
مەن بارمىدىم قەشقەرگە،
بارسام دەيمەن بىر نۆۋەت.
دوسىتلار بىلەن جەم بولۇپ،
كۈلسەم دەيمەن بىر نۆۋەت.
قەشقەردىكى يەر شارى،
تىنچ-ئامان تۇرغاندۇ؟
بارسام ئەگەر بىر كۈنى،
مېنى قارشى ئالارمۇ؟
ئەجداتلارنى ياشناتقان،
خالتا كوچا ئامانمۇ؟
قەدىملىكتىن چايقىلىپ،
باغرى يەنە يارىمۇ!؟
ئاڭلاپ قالدىم كوچىلار،
ئەلەملىنىپ ياتقۇدەك.
ئەجدات روھى مۇڭلىنىپ،
غەمگە چۆكۈپ كەتكۈدەك!
تارىخ چاقى ئايلىنىپ،
كەلسە بىر كۈن مېھمانلار،
بۇ قەيەر دەپ ئۇھسىنىپ،
غەمگە پېتىپ كەتكۈدەك!!!!
بىلەلمىدىم قەشقەرنىڭ،
«مۇزېي» لىرى ئامانمۇ!؟
يەرلىك خاقان، غوجامنىڭ،
پەيلى يەنە يامانمۇ !!؟
قەشقەر ئۇزاق ئۆتمۈشتىن،
گۈزەل ماكان، ئۇز ماكان.
رۇخسارىنى ئۆزگەرتىپ،
بولدى قاچان «خۇي» ماكان!!؟
خالتا كوچا قەلبىدە،
شۇنچە سېخى نۇرانە.
بارسام ئەگەر بىر كۈنى،
ماڭا يەنە نېمە دەر!؟
شەيدائىي دوستۇمنىڭ سوئالىغا جاۋاب (ئۇنىڭ ماڭا قايتۇرغان جاۋابى):
قەشقەر شۇنداق ئېزىز يۇرت،
ئورۇن تۇتقان تارىختا،
يىپەك يولى تۈگۈنى،
تۇتاشتۇرغان دۇنياغا.
ئۆزۈم قەشقەر ئوغلانى،
پەخىرلىنىمەن يۇرتۇمدىن.
بەلنى باغلاپ چىقىڭ بىر،
يېتىۋەرمەي ئۇدۇندىن.
كەلمەي كەتسەڭ قەشقەرگە،
ھېساب بولماس كەلگىنىڭ.
دېگەن نەقىل بار ئىكەن،
رايونىمىز شىنجاڭنىڭ.
قوشنا تۇرۇپ سەت بوپتۇ،
كەلمىگىنىڭىز قەشقەرگە.
نېمىس، ئورۇس، ئېنگلىز،
مىغىلدايدۇ بۇ شەدە.
قەشقەردىكى يەر شارى،
سىزنى قارشى ئالىدۇ.
خالتا كوچا بۇرادەر،
تۆت كۆز بىلەن كۈتىدۇ.
ئەجداتلارنى ياشناتقان،
خالتا كوچا جايىدا.
ئۇچۇپ يۈرگەن پاراڭغا،
ئىشىنىپسىز گاھىدا.
قەشقەردىكى كوچىلار،
يېڭىلاندى ئورنىغا.
كونا يېڭى مەدەنىيەت،
گىرەلەشتى جايىدا.
ئەلمۇ كۆرۈپ خۇش بولدى،
ياخشىلاندى تۇرمۇشى.
كونا ئۆينىڭ ئورنىغا،
يېڭى ئۆيى سېلىندى.
ئۆزگەرمىدى ھويلىسى،
مىھمانخانا پىشايۋان.
ھەتتا قازناق سارايمۇ،
تۈڭلۈك بىلەن كايىۋان.
خەرىتىنى ئاممىلار،
ئۆزى سىزىپ بەردىغۇ.
ئۆيۈم مۇنداق بولسۇن دەپ،
ئارزۇسىنى دېدىغۇ.
ئۆز ئەكسىنى ساقلاشقا،
ھۆكۈمەت بەك كۈچىدى.
ب د ت دىن كېلىپمۇ،
مۆجىزە دەپ ماختىدى.
ياخشى ئۆيدە تۇرۇشنى،
قايسى كىشى ئويلىماس.
ئەكسى ئەگەر بۇزۇلسا،
خەلق باشتا خالىماس.
گۈزەل ماكان، ئۆز ماكان،
گۈزەللەشتى رۇخسارى.
كونا كوچا، رەت ئۆيلەر،
شۇ پېتى بار سۇۋارى.
كوچىدىكى ئەپ قاچتى،
ئۆسەك سۆزگە ئىشەنمەڭ.
پۇرسەت بولسا بىر كېلىپ،
كۆرۈپ بوپ بىر نېمە دەڭ.
مېھمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن،
ياتاقلارمۇ يېتىشمەس.
ئەندىشىڭىز تۈگىگەندۇ،
مەنمۇ قىلاي بولدى بەس.
قەشقەر ئەمدى يېڭىچە،
ئالاھىدە رايون بوپ.
قۇرۇلماقتا تېزلىكتە،
غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ.
يېڭى شەھەر شەرقتە،
ئەسلىي شەھەر ئورنىدا.
بىر-بىرىگە پۇتلاشماس،
تەرەققىيات يولىدا.
قەشقەر ئەمدى دۇنياغا،
تېخىمۇ بەك تونۇلار.
غەربىي يۇرتتا مەرۋايىت،
شەھەر بولۇپ سانىلار.
كېلىپ كېتىڭ قەشقەرگە،
كۆرۈپ كېتىڭ تارىخنى.
يېڭى يىپەك يولى ئۇ،
تۇتاشتۇرسۇن دۇنيانى.
ئۈستى ئوچۇق مۇزېيدۇر،
ئەزىزانە قەشقىرىم.
قانچە يازسام ئاز قىلۇر،
ئۇ مېنىڭ ھەم پەخرىم.
تورداشلارنىڭ ئەركىن شەكىل، يارقىن مۇنازىرىلەر ئارقىلىق مۇنبەرنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىشىغا تىلەكداشمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 13:20