ئامېرىكىدىكى كۈلكىلىك قانۇنلار
بۈگۈن قولۇمغا مۇقاۋىسى يىرتىلىپ كەتكەن بىر «تەرمىلەر» ژۇرنىلى چىقىپ قالدى، قايسى يىلى قانچىنچى سان ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ بۇمەزمۇننى كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم.
ئامېرىكىدىكى بەزى قانۇنلار مەلۇم سەۋەب بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان، بەزى قانۇنلارنىڭ نېمە سەۋەب بىلەن قاچان تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بەزى قانۇنلار مەجبۇرىي ئىجرار قىلىنمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈنلەي توختىغىنى يوق. بۇئەخمىقانە، كۈلكىلىك قانۇنلار ئامېرىكىدىمۇ قىزغىن مۇلاھىزە قىلىدىغان تېمىغا ئايلانغان.
تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر قىسىم قانۇنلار ناھايىتى چىڭ. مەسىلەن: كوچىدا يالاڭئاياغ مېڭىشقا بولمايدۇ، لېكىن 5 دوللار تۆلىسىڭىز ئېتىبار قىلىنىدۇ؛ مېھمانخانىنىڭ 2-قەۋىتىدە تۇرۇپ سۇ كالىسىنى قارىغا ئېلىشقا بولمايدۇ؛ ئىككى پويىز تۆمۈريول كېسىشكەن يېرىدە ئۇچراشقاندا چوقۇم بىرسى توختىشى كېرەك؛ ئۆرە تۇرۇپ پىۋا ئىچىشكە توغرا كەلگەندە ئۈچ يۇتۇمدىن ئارتۇق ئىچىشكە بولمايدۇ . جورجى بوش مەزكۇر ئىشتاتتا ئىشتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا بىر تۈرلۈك ئالاھىدە قانۇننى بېكىتكەن، يەنى: جىنايەتچى دېلو سادىر قىلىپ، 24 سائەت ئىچىدە ئۆز تەۋەلىكىدىكى ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ دېلونىڭ يۈز بېرىش جەريانى، ئۆلگەن-يارىلانغان ئادەم سانىنى ئېغىزچە ياكى يازمىچە دوكلات قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ.
تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنى بار. كىلارېندۇدا ئاممىۋى قۇرۇلۇشتىكى چاڭ-توزانلارنى پەيلىك چوتكا بىلەن سۈرتۈشكە بولمايدۇ؛ خۇئېستوندا يەكشەنبە كۈنى تۈن نىسبىدىن كېيىن پىۋا سېتىش چەكلىنىدۇ؛ ئاسسېگاندا لىفتتا غەيرىي پۇراق پەيدا قىلغانلار جازاغا تارتىلىدۇ.
فىلورىدا ئىشىتاتىدىمۇ قانۇن ئوخشاشلا چىڭ. ئەگەر بىر ئادەم سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيمەي ۋانىدا يۇيۇنسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ؛ سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيىپ ھاراق ئىچىش، توي قىلمىغان قىزلار يەكشەنبە كۈنى پاراشۇتتا سەكرەش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ نومۇر بەلگىسى ئاسمىغانلارنىڭ ئاسفالت يولدا چاقلىق ئاياغ بىلەن مېڭىشىغا بولمايدۇ؛ مىئامىدا قوڭغۇرىقى يوق ۋېلىسىپىت مېنىشكە بولمايدۇ، ئوخشاشلا ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقىنى بېسىشقا بولمايدۇ؛ پىنساكودا ئاياللار مونچىدا توك سايمانلىرىنى ئىشلىتىپ ئۆلۈش ھادىسسى يۈز بەرسە 100 دوللار جەرىمانە قويۇلىدۇ .
ئاركانزاس ئىشتاتىدا ھەرقانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن، سايلام كۈنىدىكى بېلەت ساناش ۋاقتىدا سايلام رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىشىك-دېرىزىسىدىن 15مېتىر ئىچىدىكى دائىرىگە كىرىشكە بولمايدۇ؛ سائەت 21 دىن كېيىن يېمەكلىك ۋە سوغۇق ئىچىملىك يايمىلىرىنىڭ يېنىدا سىگنال بېرىش چەكلەنگەن، بۇ ئاشخانا ۋە قاۋاقخانىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تۇرالغۇ ئۆيلەرنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
زىگلېر شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، ئوت كۆيۈۋاتقان ئورۇنغا ئەڭ ئاۋۋال بارغان تۆت نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ چېكاكودا ئائىلىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە غىزالىنىپ ئولتۇرغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ ئېۋانىسىتون شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ماشىنىدا كىيىم ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن؛ يېڭى ئورىلېئاندا جاڭجياڭ تىمساھى (بىر خىل ئۆمىلىگۈچى ھايۋان) نى ئوت ئۆچۈرۈش جۈمىكىگە باغلاپ قويۇش چەكلەنگەن؛ سايت لۇيىستا ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملارنىڭ يالىڭاچ ئاياللارنى، ئۇخلاش كىيىمى ياكى ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن ئاياللارنى قۇتقۇزۇشىغا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن؛ ئەڭ كۈلكىلىك يېرى، مېدسونبورگدا ھەر قېتىم ئوت ئۆچۈرۈشكە چىقىشتىن بۇرۇن ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى 15مىنۇت مەشىق قىلىشى بەلگىلەنگەن.
كېنتۇككى ئىشتاتىدا ھەرقانداق ئايالنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن كوچىدا يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ، پەقەت ئىككى ساقچى ھەمراھ بولغان ياكى قولىدا گۈرجەك كۆتۈرۈۋالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. بەدەن ئېغىرلىقى 40 كىلوگىرامغا توشمايدىغان ياكى 90 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەنلەر بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ؛ نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ كامېر شەھىرىدە ئەرلەرنىڭ كاستۇمى بىلەن شىمىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمىسا ، 500 دوللار جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ نوگالىس شەھىرىدە ئەرلەرنىڭ ئاسمىلىق ئىشتان كىيىشى قانۇنغا خىلاپ.
يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاشخانىدا ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يېسە قولغا ئېلىنىدۇ؛ كانزاستا يەكشەنبە كۈنى يىلان يېيىش چەكلەنگەن. خىلاپلىق قىلغۇچىلار قولغا ئېلىنىدۇ؛ ئوخايو ئىشتاتىنىڭ كولومبو شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى كۆممىقوناق سېتىش چەكلەنگەن.
كالفورنىيە ئىشتاتىدا ھايۋانلارنىڭ مەكتەپ ۋە ئاممىۋى تاماقخانىلاردىن 500 مېتىر ئەتراپىدىكى دائىرىدە جۈپلىشىشى چەكلەنگەن؛ سوراقخانىدا سوراق قىلىنغاندا يىغلاشقا بولمايدۇ؛ پاقىنى سۆيۈش قانۇنغا خىلاپ؛ ھەرقانداق جايدا ئىچ كىيىم بىلەن ماشىنا سۈرتۈشكە بولمايدۇ؛ ئىككىدىن ئارتۇق سىيىر باقمىغانلارنىڭ پادىچىلار ئۆتىكى كېيىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ مېھمانسارايدا پىچاق بىلەن ئاپېلسىن سويۇش چەكلەنگەن؛ چاشقان تۇتۇش ئۈسكۈنىسىنى ئوۋ ئوۋلاش كىنىشكىسى يوقلارنىڭ ئىشلىتىشى قانۇنغا خىلاپ.
ئىندىئانا ئىشتاتىدا چەمبەر تۇراقلىقى 4 كە تەڭ بولۇپ، 3.1415 بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 12:33