تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 110|ئىنكاس: 2

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
991
تۆھپە
727
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى






1.jpg



      ئاتاقلىق ئالىم، يىتۈك ئەدىب، چىن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 - يىلى 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تىلەش ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قالغاچقا، دادىسىنىڭ دوستى ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1945 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. 1950 - يىلىدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 - يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، «ياخشى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1980 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي جەھەتتىكى تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنى يازغان. بۇ رومانلار ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان رومانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
      ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق نادىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش ئىشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تەتقىقاتچى.
      ھازىرغا قەدەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» (1946 - يىلى، لەنجۇ)، «تارىم بويلىرى» (1948 - يىلى، تيانشان نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، « قەشقەر كېچىسى» (1980 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985- يىلى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئىز» (1985 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئويغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» (1996 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.



***********************************
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى
***********************************


ئارمان نىمە
*****************
بولمىسا جانىم ئارا ئىشقىڭ ماڭا بۇ جان نېمە؟
سادىغاڭ بولسۇن بۇ جان، سەندىن بۆلەك جانان نېمە؟

كۈلمىسە جۇشقۇن خىيالىم ئاسمىنىدا ئاپتىپىڭ،
مەن ئۈچۈن ئالەم نېمەيۇ؟ گۆر نېمە؟ بوستان نېمە؟

ھېچ تېگىشمەس بىر كۈنۈڭنى دەۋرى - دەۋرانغا كۆڭۈل،
بولمىسا ۋەسلىڭ نەسىۋى ماڭا مىڭ دەۋران نېمە؟

ئۆتتى باشتىن شۇنچە يىللار قالدۇرۇپ ماڭلايدا ئىز،
بولسا سەندىن بىر خەۋەر، ئۆمرۈم ئۈچۈن پۇشمان نېمە؟

تەلمۈرۈپ شۇنچە يولۇڭغا ئاقتى كۆزنىڭ نۇرلىرى،
چاڭلىرىڭنى تۇتىيا قىلسام ئىدىم، ئىمكان نېمە؟

گۈلنى ھەر تاڭدا كۆرۈپ بۇلبۇل يەنە قىلماي شۈكۈر،
شۇنچە نالە ئەيلىسە، ئۇ نېمىدېگەن نادان نېمە؟

كاشكى مەن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم سېنى ئاي يۈزلۇكۇم،
جان بېرىپ ئۆلسەم شۇ دەم، دۇنيا ئارا ئارمان نېمە؟

ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكۈر ئادا بولدى قەلەندەردەك كېزىپ،
يوقمىدۇر شۇنچە جاھاندا دەردكە بىر دەرمان نېمە؟


1948 - يىلى 12 - ئاپرېل، ئۈرۈمچى



***********************************
مۇھەببەت ھەققىدە غەزەل


***********************************


مۇھەببەت شامدىنى شامسىز قالالماس ھېچقاچان جانان.
چىراغسىز قالسىمۇ مېھراب ۋە ھەتتا مەككىدە بىر ئان.

تاپار مەجنۇن كېزىپ ئۆتكەن باياۋان چۆلنى چىن ئاشىق،
كۆمەلمەس چۈنكى بۇ سۆيگۈ ئىزىنى ھېچ شامال - بوران.

ئۇدۇم بوپ قالدى كۆڭلۈمدە مۇھەببەت جامىغا ھېرىسلىك،
بوۋام ئىچكەن ئىدى چۈنكى بۇ جامنى تولدۇرۇپ چەندان.

غولام بولماقنى ئىستەيدۇ مۇھەببەت ئەھلىگە كۆڭلۈم،
تېگىشمەسمەن بۇ دۆلەتنى قېشىمغا كەلسىمۇ سۇلتان.

رىيازەت ئوتىدا تاۋلا يۈرەكنى دەر ئىدى پەرھات،
شۇ تەلىم دىلدا جا بولغاچ، ئوقۇرمەن يۈز تۈمەن شۈكران.

ئاقار تارىم سۈيى بىر كۈن كۈمۈشتەك يالتىراپ ئەركىن،
ۋىسال مەۋجىدە ئۆتكۈرمۇ بېلىقتەك قىلغۇسى جەۋلان.


1949 - يىل 5 - ئىيۇن. ئۇچتۇرپان



***********************************
تاڭ زىياسى يوقمىدۇر

***********************************

بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر؟
ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر؟

ئۆلگۈدەك جانىمغا تەگدى ھىجىر ئاخشامى يامان،
بىر خەۋەر كەلسە نە بولغاي، تاڭ ساباسى يوقمىدۇر؟

بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن،
تەشنەئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمىدۇر؟

ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك،
خەستە دىلگە بىر شىپا دورا - داۋاسى يوقمىدۇر؟

يار خىيالى بىرلە سولدۇم، يەتتى ئۆمرۈمگە خازان،
تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟

بۇ جۇنۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ، مېنى ئازدۇردى تالاي،
ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنەماسى يوقمىدۇر؟

كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،
يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟


1949 - يىل 8 - ئىيۇن. ئۇچتۇرپان



************************
قەلبىم باھار


************************

ئوت بىلەن كۆيمەكنى ئۆز جانىمغا قىلدىم ئىختىيار،
ئىختىيار قىلماس ئىدىم، ھوشۇمنى ئالدى بىر نىگار.

بىر نىگار كىم، لۇتپى ئەيلەپ تەنگە جان بەرگەن ئۆزى،
ھەم يەنە خەنجەر بىلەن باغرىمنى قىلدى لالىزار.

مىڭ شۈكۈر دەيمەن شۇڭا، يوقتۇر پۇشايمانىم مېنىڭ،
كى قىزىلگۈلنىڭمۇ ھۆسنى ھەم بۇيى، ھەم خارى بار.

گەر تىكەنلىك دەپ گۈلىدىن كەچسە بۇلبۇل بىر نەپەس،
تاپماس ئەردى بۇ جاھاندا قاغىدەكمۇ ئېتىبار.

چىقمىغاي ھەرگىز دىلىمدىن يار سېلىپ قويغان كۆيۈك،
چۈنكى شۇ دەرد بىرلە كۆڭلۈم ھەم يارا، ھەم بەختىيار.

ھېچ سىغىشماس تەنۇ جانىم ئەمدى بىدەردلىك بىلەن،
يۈرگىچە بىدەرد ياشاپ، پەرۋانە بولماق ئىپتىخار.

مەيلى مۆلدۈر، تاش - بورانلار ياغدۇرۇپ تۇرسۇن پەلەك،
ئەل بىلەن بىللە يۈرۈپ دەرمەن ھەمىشە يارى - يار.

مەيلى جىسمىمنى زىمىستان ئەيلىسۇن دەۋران ئىشى،
يار خىيالى بىرلە قەلبىمدە ياشار مەڭگۈ باھار.


1949 - يىل 2 - ئاۋغۇست. ئۇچتۇرپان

*****************************************************************

(مەنبە: «ئۆمۈر مەنزىللىرى» شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر غەزەللىرى

***********************************

سەجدىگاھىمغا
************************


( گۇمنام غەزىلىگە مۇشائىرە )

بىلەمسەن، دىلرەبا ھۆسنۈڭنى ئاختۇرغان نىگاھىمدۇر،
بۇ گۈلدۈرماما - چاقماقلار مېنىڭ پەريادى ئاھىمدۇر.

ئۆزۈڭنى ئوت بىلەن تاۋلا دېگەچ سەن سۆيگۈ سۇلتانى،
قەيەردە يانسا بىر يالقۇن، شۇ يالقۇن بارىگاھىمدۇر.

ئاداشسام زۇلمىتى دەشتتە، تىڭىرقاپ نالە چەكمەسمەن،
جامالىڭ شولىسى پارلاق ئۈمىد بەخش سۈبھىگاھىمدۇر.

مەلامەت، تەنە - تۆھمەتتىن، رەقىبتىن قىلمىدىم پەرۋا،
دىلىمغا ئورنىغان ئىشقىڭ نىجاتكار باشپاناھىمدۇر.

سېنى ئويلاش بىلەن كۆڭلۈم تاپۇر ھەر جايدا مىڭ لەززەت،
خىيالىڭ كۈندۈزى ئاپتاپ، كېچەلەر كۆكتە ماھىمدۇر.

ئەگەر رەشىك ئەيلىسە مەيلى ئەرەب يۇرتىدىكى كەئبە،
مۇشۇ تۇپراق - ئانا تۇپراق مۇقەددەس سەجدىگاھىمدۇر.

كۆڭۈل مۈلكىدە جاي يوقتۇر سېنىڭدىن ئۆزگىگە مۇتلەق،
قەسەميادىم ئۈچۈن مىسكىن مېنىڭ ئۆلمەس گۇۋاھىمدۇر.


1968 - يىل - 15 - فېۋرال. ئۈرۈمچى


******************************
«ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر»


******************************

«ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزىدىن ئارسلان»
بىلسە ئادەم، بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان.

مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن، چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،
بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا مەڭگۈ بىدار باغىبان.

تەنە - تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،
ھەممىسى بىتتى، لېكىن قالدى ھېكىمدىن نام - نىشان.

بىر ماقال باردۇر «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس» ئىمىش،
يولچىغا مەنزىل توشامدۇ بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.

مەيلى چىقسۇن بورىنى، ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،
كەل نىگار، ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!


1969 - يىل 20 - ئىيۇن. ئۈرۈمچى


**************************
باھار ۋەسلىگە مۇشتاقلىق

**************************

چىراغ ئوتىدا پەرۋانە كۆيەر مەردانە - مەردانە.
گۈزەل ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر بولاي قۇربانە - قۇربانە.

كۈلۈپ كەلگەن ئىدىڭ بىر چاغ، يېتىپ ۋەسلىڭگە گۈلشەن باغ.
قايان كەتتى ئەشۇ كۈنلەر، كۈنۈم سەرسانە - سەرسانە.

پىراقىڭدا بولۇپ مەجنۇن يانارمەن شەمئىدەك ھەر تۈن،
ئېرىپ جىسمىم، ئاقار كۆزدىن يېشىم دۇردانە - دۇردانە.

ساچىم بەلدە، ھاسام قولدا، بۇ نۇرسىز كۆزلىرىم يولدا،
كىشى كۆرسە بۇ ھالىمنى بولۇر ھەيرانە - ھەيرانە.

گۈزەل ھۆسنۈڭنى بىر كۆرمەي، ئاياغىڭدا بېشىم قويماي،
ئۆتەرمۇ ئۇشبۇ ھەسرەتتە ئۆمۈر غەمخانە - غەمخانە؟

يېنىپ كەلسەڭ يەنە باغقا، قونۇپ بۇلبۇل كەبى شاخقا،
تاماشا ئەيلىسەم بىردەم يۈرۈپ سەيلانە - سەيلانە.

جامالىڭ نۇرىلە بىردەم مۇنەۋۋەر ئەيلىسەڭ كۈلبەم،
سائادەت شۇ ئىدى مەڭگۈ ماڭا يىگانە - يىگانە.

قۇياش يۈزىگە كىر قونماس، ئۈمىدنىڭ قانىتى سۇنماس.
يولۇڭدىن نائۈمىد بولماق ماڭا بىگانە - بىگانە.

نەۋائىي ئىزىدىن مىسكىن كۆرەي دەپ مەيدە يار ئەكسىن،
ئېلىپ قولغا ساپالىنى كېزەر مەيخانە - مەيخانە.


1970 - يىل 30 - مارت. ئۈرۈمچى

****************************************************************

(مەنبە: « ئۆمۈر مەنزىللىرى » شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى. 1985 - يىل 6 - ئاي نەشرى)




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 12:06  


يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 4

ئىسىمى
كۈرەش ياقۇپ
تىللا
206
تۆھپە
110
UID
5045
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاتكار  بۈ سۈرەتلەرنى ۋە يازمىلارنى ياخشى ئىشلەپسىز   


Rank: 4

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
244
تۆھپە
160
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈ سۈرەتلەرنى ۋە يازمىلارنى ياخشى ئىشلەپسىز   
  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:48, Processed in 0.101307 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991