ئەمۋاي بىزگە خىرىس ئەپكىلەمدۇ ياكى پۇرسەتمۇ؟
سۆيۈملۈك تورداشلىرىم، مەن بىر ئەمۋايچى (يېڭدىن كىرگەن)، مەن بۇ مۇھىتتىىن ئالغان تەسىراتىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بۇ شىركەت ھازىر 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا كېڭىيىپ، ئۆزىنىڭ سودا ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ بولدى ۋە داۋاملىق كېڭەيمەكتە. بۇ شىركەت ھازىرغا كەلگىچە دۇنيادىكى كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولمىغان، ئوخشىمىغان مىللەت كىشىلىرىدىن 3مىليون 900 مىڭ ئادەمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بىرىپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. بۇ ئەمۋاينىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتى. ئەمدى بۇ يەردە بىر مەسلە بار. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈنلەي ئادەم بەدىنگە زىيانسىز بولغاچقا دۇنيا خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. بۇ مەھسۇلاتلارنى خەلقىمىزگە تۇنۇشتۇرۇپ سېتىشىمىز بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىزغا خىرىس ئېلىپ كېلەمدۇ - قانداق ياكى مەن ئارتۇقچە غەم قىلىۋاتامدىمەن؟ مېنىڭچە ۋىجدانلىق ئادەم بولسىلا مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. سۆيۈملۈك تورداشلىرىم، مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىغىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار. رەھمەت!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 12:10