تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 35|ئىنكاس: 1

قاش ئاتتى ( قەلەمىي غەزەللىرىدىن )[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
قەلەمىي
تىللا
232
تۆھپە
124
UID
2557
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاش ئاتتى

(غەزەللەر)

ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي


رىسالە ئىزدىدىم سەندىن كۆيۈكنىڭ داۋاسىغا.

ئەسلىدىم كۆندۈر مېنى سۆيگۈنىڭ ھاۋاسىغا.

يايرىسۇن كۆڭلۈم خۇشال قويۇۋەتمىگىن مەھكەم تۇتۇپ،

خالىساڭ بىرگە چۈشەيلى سۆيگۈ ئۇسسۇل ساماسىغا.

ئال ئەگەر خالىمىساڭ جانىمنى ئەزرائىل بولۇپ،

نەھاجەت ھەم جور بولۇش سەنسىز ھايات ناۋاسىغا.

گۈل ئىدىڭ بىر مەن ئۈچۈن لالە رەيھان خۇش ئىپار،

ئۈمىدىم بىر سەن بىلەن كىرسەم كۈرەش جەڭگاھىغا.

لەيلى بول، مەجنۇن بولاي، توۋلايلى بىز مۇڭلۇق مۇقام،

ئېھ نىگار: بىرلىكتە جور بولىلى ئىشىق داستانىغا.

لەۋزىمىز بولسۇن ئۆمۈرلۈك ئەڭ ئاداققىي كۈنگىچە،

ئىشەنگىن، كىرىمىز چوقۇم بەخت ۋىسال قورغانىغا.

؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛

بىر ساڭا كۆيگەنلىكىمنى ئەي نىگارىم ئەمدى بىل.

بىر سېنى كۈتكەنلىكىمنى ئەي نىگارىم ئەمدى بىل.

بەر دىسەڭ كۈرمىڭ قېتىم بېرىمەن چوقۇم جانىمنى مەن،

سېنى دەپ ئۆتكەنلىكىمنى ئەي نىگارىم ئەمدى بىل.

نەگە بارسام سەنلا باردەك خۇش چىرايىڭ نۇر چاچار،

ھەر قاراپ كۈلگەنلىكىمنى ئەي نىگارىم ئەمدى بىل.

باقىدىغاندەك سەن كۈلۈپ شېرىن خىيال دەملىرىدە مەن،

خۇش كۈلۈپ كۈتكەنلىكىمنى ئەي نىگارىم ئەمدى بىل.

؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛؛

سەھەر گۈلشەنىدە بۇلبۇل چىنار شاخلىرىدا قاش ئاتتى.

گۈزەل رەيھان گۈلى مامكاپ ئىپار يانلىرىدا قاش ئاتتى.

ئۇچۇپ كەلدى كۈلۈپ كاككۇك ئېلىپ ئاشىقنى گۈل باغدىن،

قىلىپ نەغمە ئۇسسۇل مەشرەپ ناۋا چاڭلىرىدا قاش ئاتتى.

كۈلەر بولدى قۇياشمۇ تەڭ ۋىلىقلاپ ئايمۇ، يۇلتۇزمۇ،

قىلار تازىم تۈمەن گۈللەر بىھىش باغلىرىدا قاش ئاتتى،

ھوقۇش پاختەك ئۈنى ئۆچتى، سېغىزخانمۇ قىلالماي گەپ،

جىمى دۈشمەن ئۆلۈپ كەتكەن تىنچ چاغلىرىدا قاش ئاتتى.

سۇنۇپ قۇت مەي- شارابىنى كۆڭۈلنى شادىمان ئەيلەپ،

ۋىسال مەنزىل كۈلۈپ تۇرغان باھار ئايلىرىدا قاش ئاتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 11:27  


Rank: 6Rank: 6

تىللا
462
تۆھپە
215
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش سۈرتىڭىزدە كېرست بەلگىسى تۇرامدۇ قانداق؟


ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ ئادەم بولمىقى تەس...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:48, Processed in 0.067079 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991