Kony2012 (ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرىغا ئەڭ زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان)
Kony نى بېلەمسىز؟؟؟
Kony2012 دېگەن سۈرەتلىك فىلىم youtube دا ئېلان قىلىنىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 50 مىلىيونغا يەتكەن.
«Kony2012» فىلىمىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى ئۇگاندا (ئافرىقا دۆلىتى) ئىچكى ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش ئەمەس بەلكى قارشىلىق بىلدۈرش ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى، خەلقئارا سوتنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىسى Joseph Kony نىڭ بالىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئەسكەرلىككە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىشىدەك ھەرىكەتنى تەنقىدلەش ھەم قارشىلىق بىلدۈرۈش ئارمىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بالىلارغا ياردەم قىلىش.
بۇنىڭدا LRA قارشىلىق بىلدۈرۈش ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى Joseph Kony نىڭ 1986 يىلىدىن باشلاپ
30 مىڭدىن ئارتۇق بالىنى تۇتقۇن قىلىپ، مەجبۇرى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇشى، بالىلارنىڭ يۈزىنى بۇزۇۋېتىشى، تېنىنى مەجرۇھ قىلىشى، بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇرلىشى، قىز بالىلارنى ئاياغ ئاستى قىلىش ھەمدە ئىككى مىليون ئادەمنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كېتىشىدەك ئىنسانىيەتنىڭ كىشىلىك ئىززەت - ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان ئېغىر جىنايىتىگە بولغان كۈچلۈك غەزەپ - نەپرەت ئىپادىلەنگەن.
ئۇ ھازىر ئۇگاندادىن ئايرىلىپ قېچىپ يۈرگەن بىرىنچى نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچى.
优酷،土豆 تورىدىكى تورداشلار ھەم youtube دىكى تورداشلار ھەممىسى بۇ سۈرەتلىك فىلىمنى ھەرقايسى BBS، مىكروبىلوگلاردا تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ Kony نىڭ تۇتۇلۇپ، بالدۇرراق قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىشىغا بولغان ئارزۇ - ئۈمىدىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ.
بىزمۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ بالدۇرراق تۇتۇلۇپ ئادالەتنىڭ سورىقىغا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 11:20