تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 45|ئىنكاس: 2

يۈز خەتلىك فېليەتونلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
38
تۆھپە
22
UID
7962
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۈز خەتلىك فېليەتونلار



      1. مۇبالىغىچىلىكنىڭ سىرى
      تۆت چاسا دېيىلگەننى بىر سىقسىلا يۇمىلاق بولۇپ قالىدۇ. يۇمىلاق دېيىلگەننى بىر سىقسىلا ياپىلاق بولۇپ كېتىدۇ. ئېغىز: پولات-تۆمۈردىنمۇ چىڭ. پاكىت: خېمىردىنمۇ يۇمشاق. نەتىجە: باش قاتۇرۇپ توقۇپ چىقىرىلغان. تەجرىبە: كۈچ سەرپ قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. شۇم خەۋەر: ئانچە - مۇنچىلا سۆزلەپ قويۇلغان. خۇش خەۋەر: ئالاھىدە تەكىتلەپ سۆزلەنگەن.

      2. يېڭىچە «قاراش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» ئارقىلىق كېسەل كۆرۈش
      تېبابەتچىلىكتە ئەسلىدە دوختۇر - تېۋىپلار كېسەللەرنى «قاراش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» پىرىنسىپى بويىچە تەكشۈرەتتى. ھازىر بەزى دوختۇرلار كىلىنىكىدا ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە «قاراش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان:
      قاراش: بىمارنىڭ كەسپى ۋە ئۆز كېسىلىگە جىددىي قاراش دەرىجىسىگە قاراپ، قانچە پۇللۇق دورا يېزىش ئۈچۈن ھازىرلىنىش.
      پۇراش: بىمارنىڭ ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن داۋالىنىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا قانچىلىك دورا ساتالايدىغانلىقىنى بېكىتىش.
      سوراش: بىمار ماگنېتلىق رېزونانس ئاپپاراتى ياكى پۈتۈن ئەزاسىنى  س ت دا تەكشۈرتەمدۇ، بالنېتسىدا ياتامدۇ، سوراپ بېقىش.
      تومۇرىنى تۇتۇش: بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، قەلىمىنى بىر ئوينىتىپلا، مەيلى ئۇ زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغان بولسۇن، مەيلى ئاشقازان كېسىلى، قەۋزىيەت بولسۇن، ئۇنىڭدىن 4 - 5 مىڭ يۈەننى سۇغىرىپ ئالماي قويۇپ بەرمەسلىك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 10:35  


Rank: 6Rank: 6

تىللا
462
تۆھپە
215
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاھاھا.. ھەقىقەتەن ئېسىل يېزىلىپتۇ..
  دېمىسىمۇ نەتىجە باش قاتۇرۇپ توقۇپ چىقىلغان


ئادەمنىڭ ئادەم بولۇپ ئادەم بولمىقى تەس...

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
米娜
تىللا
184
تۆھپە
42
UID
5704
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى ئەسەرئىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:51, Processed in 0.068885 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991