تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 3

ئۆكۈنۈش (شاتگۈل)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
49
تۆھپە
19
UID
5716
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆكۈنۈش



تـاپـالمىـدىـم تـاڭلاردىن ۋىـسال،
ئۇنـتالـمىدىـم يـاكى مـەن سېنى.
كىـرپىـكلەردىـن دەرتـلىرىم ئايـان،
مـاڭـا بـەرگەن ۋەدىـلەر قېـنى؟

قــەھــرىـتانــنىڭ سـوغۇقـلىرىـغا،
تـەڭـكەش مېـنىڭ مـۇزلىـغان تېنىم.
خىـرەلـەشـكەن كـۆزلىرىـم ئېيتـار،
چىـن سـۆزۈمـنى سـاڭـا ئەي جېنىـم.

يــۈرىـكىــڭـدە تىـڭشىـيالامـسەن،
ئاچـچىق - ئاچـچىق تىـنىقـلىرىمنى؟
پىــچىــرلىـسام ئاڭـلىيـالامـسـەن،
سۆيــگۈمـىزنىڭ كـەچـمىچلىرىنى؟

مىڭ رەت ئايدىن سورىدىم ۋەسلىڭ،
قان - قان ئەتتىڭ يۈرەكـلىرىمنى.
كـۈتـەي دەرمان كەتـكۈچە سېـنى،
سـۇنـاي جـېنىـم يـۈرەكـلىـرىـمنى.

قەلبىمدىكى ئۆكۈنۈش، ھىجران،
سەن قوش قوللاپ سۇنغان سوۋغاتمۇ؟
دەرتـلىرىمـگە دەرتـلەرنى قـوشۇپ،
ئـۆلـەر ھـالغـا باشـلاپ قـويماقمۇ؟

ئـۆكـۈنىـمەن ھەر كـۈنى مىڭ رەت،
سـاڭـا قىـلغـان ئـەقىـدىـلەرگــە.
يۈرەكلىرىڭ گۆش ئەمەس تاشكەن،
ۋاپـايىـڭ يـوق ئەھـدىلـىرىـڭـگە.


مەنبە: شاتگۈل تىۋىشلىرى 2012-يىلى 22 -يانۋار كەچ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-16 10:23  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
544
تۆھپە
360
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوكۇنىمەن ھەر كۇنى مىڭ رەت
كەلگەچكە سەندىن جاپا دەت
بىلىپ قۇي سۇيگۇدە بارابەر شەرىت
بىر كۇنى تارتىسەن  تۇمەنمىڭ ھەسرەت


Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
447
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تـاپـالمىـدىـم تـاڭلاردىن ۋىـسال،
ئۇنـتالـمىدىـم يـاكى مـەن سېنى.
كىـرپىـكلەردىـن دەرتـلىرىم ئايـان،
مـاڭـا بـەرگەن ۋەدىـلەر قېـنى؟

  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ،،،،،،


Rank: 6Rank: 6

تىللا
409
تۆھپە
251
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 15:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قــەھــرىـتانــنىڭ سـوغۇقـلىرىـغا،
تـەڭـكەش مېـنىڭ مـۇزلىـغان تېنىم.
خىـرەلـەشـكەن كـۆزلىرىـم ئېيتـار،
چىـن سـۆزۈمـنى سـاڭـا ئەي جېنىـم.
     
   ئەستە قالغىدەك ياخشى يېزىپسىز. سىگە ئاپىرىن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:50, Processed in 0.067599 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991