ھاراققا ئائىت ماقال - تەمسىللەر
شاراپقا قاندىم دېگىچە، چاتاققا قالدىم دە.
ھاراققا بېرىلگەن، قەبرىسىنى چۆرگىلەر.
ھاراق بىلەن دوستلاشقىنىڭ، سالامەتلىك بىلەن خوشلاشقىنىڭ.
ئىچىملىك بالا - قازا ئەمەس، ئىچىملىككە بېرىلىش بالا - قازا.
مەست بولۇپ بىر كۈن قاينايدۇ، مۈرىسىنى ئون كۈن قاشلايدۇ.
ئەقىل تاشنى يارىدۇ، ھاراق باشنى يارىدۇ.
مەست بولغاندا سالار يۇرتقا جاپاسىنى، يېشىلگەندە تاتار ئۆزى جازاسىنى.
ھاراق ئېغىزغا چىۋىن بولۇپ كىرىپ، ئەجدىھا بولۇپ چىقىدۇ.
ھاراقكەشلىك يامانلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ، ئەقىلدىن ئازغۇڭ كەلسە ھاراق ئىچ.
ھاراق - شاراپ سەلتەنەت بىلەن باشلىنىپ، جەڭگە - جېدەل بىلەن ئاياغلىشىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 10:18