- تىللا
- 10
- تۆھپە
- 6
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
- جۇغلانما
- 28
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-16
- تىزىملاتقان
- 2012-3-15
- UID
- 8744

- تىللا
- 10
- تۆھپە
- 6
- UID
- 8744
|  |  |  |  | تاغدەك ئاتىلىرىمىز (رەسىم)




مەن بۇ رەسىملەرنى غۇلجا موڭغۇلكۈرەگە بارغاندا تاتقانتىم، موڭغۇل كۈرە 4- شياۋدۈيدىكى بىر تويدا تارتقان، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ماڭا بەكلا قاۋۇل كۈرۈنۈپ كەتتى، چۈنكى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تولىسى چارۋىچى دېھقانلار ئىكەن. ئۈچ ۋاخ تامىقىدا گۆش، سارماي دېگەندەك نەرسىلەر كەم ئەمەسكەن، كۈندە دېگۈدەك ئاز بولسىمۇ شورپا قاينىتىپ ئىچىۋالىدىكەن، قۇربان ھېيتلىرى بەزىلەر كالا، ئات سويىدىكەن، رەسىمدىكى ئىككىنچى ئادەمنىڭ بەستىلىكلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇرۇنقىلار ساپ دەۋرلەردە ياشىغاچقىمىكىن، ئەنە شۇنداق چوڭ، يوغان كېلەتتىكەن، لېكىن ياشلار بەكلا كىچىك، ئەمگەكنى سۆيمەيدۇ، زامانىۋى قالايمىقان يېمەكلىك، ئىچىملىكلەر بىلەن ۋە قالايمىقان تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنى تەڭشەيدۇ، تەبىئەتتىن يىراقلىشىپ، مول، رەڭگارەڭ، قالايمىقان شەھەر تۇرمۇشىغا بېرىلىپ، ئىسلامى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆگەنمەي، قارا قورساق ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭا ياشلارنىڭ چىرايىدا رەڭ يوق، پۇچەك، ياشلار چوڭلارنىڭ يولىدا ماڭالمايۋاتىدۇ. بۇ رەسىملەرنى تورداشلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇندۇم. ئاستىدىكى ماي بوياق رەسىمنى رەسسام جالال تۇرسۇن سىزغان، بۇ رەسىم تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلاردا ياشايدىغان، يەنى ھازىرقى غۇلجا موڭغۇلكۈرە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجداد تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. رەسىمنى بىر چەكسىڭىز چوڭ چىقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 10:12
|  |  |  |  |
|
|