كىرىستىئان رونالدونىڭ ياۋروپا لوڭقىسى مۇساپىسىگە نەزەر
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى يېقىندا كىرىستىئان رونالدونىڭ 9 يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقە مەيدانلىرىدىكى ھاياتىنى ۋە شان - شەرەپلىرىنى ئەسلەپ چىققان بولۇپ، ئۇ 9 يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى جەريانىدا جەمئىي 78 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 33 توپ ئۇرغان، بىر قىتىم چىمپىيونلۇقنى، بىر قىتىم 2-لىكنى قولغا كەلتۈرگەن. بۈگۈن سەھەردە كىرگۈزگەن ئىككى توپنى قوشقاندا ئۇنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپى 35 كە يەتتى، ئەلۋەتتە بۇ سان يەنە يىڭىلانغۇسى.
2003-2004 مۇسابىقە پەسلىدە، كىرىستىئان رونالدو تۇنجى قىتىم ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ چاغدا پورتوگالىيەلىك قىزىل ئالۋاستى-مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىدا ئىدى. ئۇ تېخى ياش بولغاچقا شۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئاران بەش قىتىم مەيدانغا چىققان. بىراق توپ كىرگۈزمىگەن.
2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدە، كىرىستئان رونالدو ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 8 قىتىم مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن، جەمئىي 501 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىغان. يەنىلا توپ كىرگۈزمىگەن. شۇ پەسىلدە مانچېستېر بىرلەشمىسى 8 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە مىلان تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن.
2005-2006 مۇسابىقە پەسلىدە، مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان، كىرىستىئان رونالدو گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە جەمئىي 500 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، بىر توپ كىرگۈزگەن. بۇ ئۇنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن تۇنجى توپى ئىدى.
2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدە، ئۇ كوماندا بىلەن بىرلىكتە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن، شاللاش مۇسابىقىسدە ئۇلار مىلاننى شاللىۋېتىپ، 4 كۈچلۈك كوماندا ئىچىگە كىرگەن. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇ 11 قىتىم، 949 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 3 توپ كىرگۈزگەن.
2007-2008 مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ. كرىستىئان رونالدومۇ 11 مەيدان مۇسابىقىدە 8 توپ كىرگۈزۈپ، تەدرىجىي باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىغان. شۇ پەسىللىك ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەنلىكى چىلسىي بىلەن بولغان نۇقتا توپ جېڭىدە، ئۇ نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن. ئۇ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن كىيىن، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئالتۇن مەزگىللىرىگە قەدەم قويغان.
2008-2009 مۇسابىقە پەسلىدە، مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بولسىمۇ، بارسىلوناغا يېڭىلىپ قالغان، كىرىستىئان رونالدو بۇ مۇسابىقە پەسلىدە 12 مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىپ، 4 توپ كىرگۈزگەن. ئۇنىڭ 4 كۈچلۈك مۇسابىقىسىدىكى 35 مېتىر يىراقلىقتىن تېپىپ ۋوروتاغا كىرگۈزگەن توپى ھازىرغىچە نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇنداق«جەڭ پالتىسى» دەپ ئاتالغان ئىختىيارى توپلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.
2009-2010 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ خان جەمەتى مادرېد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابقىسىگە قاتنىشىدۇ. بىراق بۇ پەسىلدە مادرېد 8 كۈچلۈك مۇسابىقسىدە شاللىنىپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ پەسىللىك چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 6 مەيدان مۇسابىقىدە 7 توپ كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسى «جەڭ پالتېسى» ئىدى.
2010-2011 مۇسابىقە پەسلىدە، خان جەمەتى مادرېد سەككىز كۈچلۈك ئىچىگە كىرگەن بولسىمۇ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شاللىنىپ كېتىدۇ. بۇ پەسىلدە ئۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا 6 توپ كىرگۈزگەن.
بۇ پەسىللىك چىمپىيۇنلۇق لوڭقسىى مۇسابىقىسى باشلانغاندىن ھازىرغىچە بولغان 6 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ 6 توپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا كىرگۈزگەن توپ سانى 35 كە يەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 20:57