راست ئىشلارخاتىرىسى
ئەسىالامۇئەلەيكۇم تورداشلار!!
مەن بىرئاددىي ھەۋەسكار، گەرچە ھازىرقى كەسپىمنىڭ ئەدەبىيات بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، لېكىن بوش ۋاقىت تاپساملا ئازدۇر - كۆپتۇر يازغانمۇ بولدۇم، لېكىن بىرەسىمۇ ئۆزۇمگەيارىمىدى، شۇندىلا يېزىقچىلىقنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىپلا يازىدىغان، ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بىلدىم، رايىم قايتتى، بەلكىم مەن تۇغۇلۇشىمدىن دادام ئېيتقاندەك تەبىئىي پەن ئۈچۈن يارالغاندۇرمەن، لېكىن بۇ ئويۇم قولۇمغا دادامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى چۈشكەندىن باشلاپ ئۆزگەردى، ئەسلىي مەندە چىنلىق يوقكەن، يازمىلىرىم ھەممىسى توقۇلما، ھېچكىمنىڭ كەچۈرمىشى ئەمەس، قانداقمۇ كىشىنى قايىل قىلالىسۇن؟
دادامنىڭ خاتىرە يازىدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقمىغانكەنمەن، خام ماتېرىيال كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ، سۆزلىرى ئاددىي، ئەمما مەنىلىك، خۇشاللىقمۇ، قايغۇمۇ، يىغىمۇ، كۈلكىمۇ تەپسىلىي قالدۇرۇلغان بۇ خاتىرە قولۇمغا قايتا قەلەم ئالغۇزدى، دادامنى يېزىشىم كېرەككەن، توغرا! بىرىنچى قەدەمنى كۆز ئالدىمدىكى چىنلىقتىن باشلىشىم كېرەككەن. بۇنىڭ ياخشى باشلىنىش بولۇشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن!
مۇرات ئازات
ئاپام ماڭا ھامىلىدار بولغاندا ئائىلىمىزدىكى بارلىق ئەرلەر، يەنى دادام ۋە ئۈچ ئاكام بەكمۇ خۇشال بولغان ئىكەن، چۈنكى دوختۇر مېنىڭ قىز بولۇش ئېھتىماللىقىمنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى دەپتۇ، ئاپاممۇ ئۈچ ئاكامغا قارىغاندا مېنىڭ قوسقىدا تىنچ ياتقىنىمغا، تاتلىققا سېزىك بولغىنىغا قاراپ تېخىمۇ جەزملەشتۈرۈپتۇ.
خۇداغا شۈكرى، ئۇ ۋاقىتلاردا بالىنىڭ قىز - ئوغۇللۇقىنى بىلگىلى بولىدىغان ئۈسكۈنە تېخى ئىجاد قىلىنماپتىكەن، بولمىسا ياشاش ھوقۇقىغىمۇ ئېرىشەلىشىم ناتايىن ئىدى! ئەمما بۇ مېنىڭ گۇناھىم ئەمەستە! لېكىن ئاپامغىمۇ تەس، پەقەت ئىككى ياشتىن پەرقلىنىپ تۇغۇلغان ئاكىلىرىم ئۇلارنى، بولۇپمۇ ئاپامنى بەك چارچاتقان ئىكەن! شۇڭا بەكمۇ قىز پەرزەنتلىك بولغۇسى بار ئىكەنتۇق. تولىمۇ ئەپسۇس....
19 - سېنتەبىر
يا بالدۇر ئەمەس، يا كېيىن ئەمەس ئەمدى تەستىقلانغىنى نېمىسى؟ قانداقمۇ ئېغىز ئاچارمەن ئەمدى، بارماي دېسەم ئەمدى ھەرگىز كەلمەيدۇ بۇ پۇرسەت، باراي دېسەم ئۈچ بالا بىلەن رەيھان قانداق قىلار؟ ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولغانداماڭا نېمە قويۇپتۇ ئوقۇشنى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولار يېرىم مۇشۇ! بولدىلا...
دادام مىڭ تەستە قولغا كەلگەن سوۋېتقاچىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كەچمەكچى بوپتۇ، لېكىن دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ - دە،شۇچاغلاردا چەت دۆلەت تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلەلىسىمۇ چوڭ ئىشتە، دادام بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرۈۋەرگەچكە ئىدارە رەھبەرلىرى ئۆيىمىزگە كەپتۇ.
سالام-سەھەتتىن كېيىن ئىدارە باشلىقى سۆز ئىچىپتۇ:
- رەيھان، تەرەبباللا كەپ سىزنى بىسەرامجان قىلدۇق، بىزگىمۇ ئامال بولمىدى، ئازاتقا بەك كۆپ ئىدىيە خىزمەت ئىشلىسەكمۇ ئۇ پەقەت ئۇنىمىدى، سىزنى يالغۇز، بالىلار كىچىك، يېتىشەلمەيدۇ دەيدۇ، لېكىن بۇ پۇرسەت ئەمدى ھەرگىز كەلمەيدۇ.
- نېمە دەۋاتقانلىقىڭىزنى پەقەت بىلەممىدىم، نېمە پۇرسەت ئۇ؟
- ئازات سىزگەئېيتمىدىمۇ؟
- ياق، ماڭا ھېچنىمە دېمىدى.
- دېدىمغۇ مەن! مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سۆز قېتىپتۇ، رەيھان بىلمەيدۇ دەپ، ماڭا قاراڭ مەركەزدىن ئىدارىگە ئىككى سان كەپتۇ، سوۋېتقا چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇپ كېلىدىكەن، بۇ سانغا ئازات ھەممىدىن مۇناسىپ ئالىي مەلۇماتلىق، رۇس تىلى بىلىدۇ، زېھنى ئۆتكۈر، ئۇنىڭ چوقۇم نەتىجە قازىنالايدىغىنىغا ھەممىمىز ئىشىنىمىز!
- سىزگىمۇ تەس، بالا ئۈچ، يەنە كېلىپ ھەممىسى ئوغۇل، ئازات سىزنى ئاياۋاتىدۇ، لېكىن....
- مەن چۈشەندىم، ئۇنى قايىل قىلاي!!
20-سېنتەبىر
ھەي! رەيھان مېنى ھەجەبمۇ تەڭ قىسلىقتا قويدۇڭ، بېرىڭ دەيسەن قانداق خاتىرجەم بارالايمەن؟ 3 يىل بوش گەپمۇ؟ ھەممە جاپانى ساڭا يۈكلەپ قانداقمۇ خاتىرجەم ئوقىيالايمەن، لېكىن سەن قەلبىمنى چۈشىنىسەن، ئاغزىمدا ياق دېگىنىم بىلەن ئوتتەك بارغۇم بارلىقىنى سېزىۋالدىڭ، داداڭ دېگەندەك مەندەك يالاڭ تۆشكە تەگكىنڭگە پۇشايمان قىلارسەنمۇ؟ دېمىسىمۇ قورسىقىمدىكى ئۇمىچىمدىن باشقا نېمەم بار؟ مېنى كەچۈرگىن، پەقەت 3 يىل چىدىساڭلا بولدى، چوقۇم راھەت كۆرسىتىمەن ساڭا!
ئاپامنىڭ چىڭ تۇرۇشى ھەم مەدەت بېرىشى بىلەن دادام بارىدىغان بوپتۇ، ئۇ چاغدا ئۈچىنچى ئاكام ئېيىغىمۇ توشماپتىكەن، مومام دادامنى سېسىق گەپكە يەتكۈچە تويدۇرۇپتۇ.
- باقالمايدىغان ئادەم نېمىگە تۇغىسەن، سېنىڭلا بالاڭمۇ بۇلار؟
- ئاستىراق، ئاپا ئازات ئاڭلاپ قالىدۇ.
- ئاڭلىسۇن، قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىسۇن، بۇ غوجام ئورۇستا ئوقۇسۇنيۇ، سەن بۇ يەردە غالچا بول، نېمەراھەت كۆرسەتتى ساڭا؟ بىر قىز دەپ نە ئارمانلار بىلەن چوڭ قىلدۇق سېنى؟ ئەمدى كۆرگەن كۈنۈڭ مۇشۇمۇ؟
- ئاپا!!!!! بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟؟ مەن ئۆزۈم رازى، ماڭا بۇنداق تاپا قىلماي كەتكىنە بولدى.
- داداڭ ئۆيدىن ئاپىسى بولغاندىكىن قىرىقىنى باقمامسەن دەپ چىقىرىۋەتمىگەن بولسا ھەرگىز كەلمەيتىم، راھىتىڭنى كۆرۈش ئەمەس، ئۆلگۈچە جاپايىڭنى تارتىدىغان ئوخشايمىز!!
چوڭ ئاكامنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە ئاپام بىر كېچە يىغلاپ چىقىپتۇ، دادامنىڭ شۇ چاغدىكى تەڭ قىسلىقىغا ھېچ گەپ توغرا كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە!
بىچارە دادام بىر پاتمان كۆڭۈلسىزلىكنى يۈدۈپ يولغا چىقىپتۇ، چوڭ ئاكام 5 ياش، ئوتتۇرانچى ئاكام 2 ياش، كىچىك ئاكام تېخى قۇچاقتا، دادامنىڭ دېيىشىچە ئاپاملارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇزىتىپ چىقىشى دادامنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىۋەتكەن ئىكەن، ئەزەلدىن يىغلاشنى نومۇس بىلىدىغان دادام ماشىنا ئەينىكىدىن قولىنى چىقىرىپ ئاپامنىڭ قولىنى تاكى ماشىنا ماڭغۇچە قويۇۋەتمەي ئۆكسۇپ يىغلاپتىكەن، (ھېلىھەممۇ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ بۇ گەپكە).
1-دېكابىر
بۇيەرگەكۆنۈپ قالدىم، كۆنمەيمۇ ئامالىم يوق! لېكىن سېنى بالىلارنى بەك سېغىندىم، جاۋاب خېتىڭ تېخىچە كەلمەيۋاتىدۇ، قانداقمۇ قىلۋاتقانسىلەر؟ مەندىن چوقۇم ئاغرىندىڭ، شۇنداقمۇ؟ ئىشەنسەڭ رەيھان مەن بىر كۈنمۇ ئارام تاپالمىدىم. كاللام سىلەردە، بۇنچىۋالا بوپ كېتىشىمنى بىلسەم كەلمەسكەنمەن. ئەسلىى! پۇشايمانغا قاچا يوقلۇقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم.....
بەلكىم دادام يىغلىغان بولسا كېرەك، بەزى خەتلەرنىڭ سىياھلىرى يېيىلىپ كەتكەنىدى. 3 يىلغىچە كۈندىلىك خاتىرە يېزىلىش ۋاقتى ئانچە مۇقىم بولماپتۇ، سوۋېتتىكى تەسىراتتىن كۆرە ئاپام ۋە ئاكاملارنى سېغىنىش ھېسسىياتى، يۈز كېلەلمەسلىك، پۇشايمان، ھىجران ئازابى دادامنى بەك قىيناپتۇ، بىر ئايالنىڭ ئۈچ بالىنى باقمىقى ئاسانمۇ؟ دادام شۇ كەتكەنچە پۇل تېجەش ئۈچۈن ئارىلىقتا پەقەت كېلەلمەپتۇ، ئۆزى يېمىسىمۇ، كىيمىسىمۇ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئۆيگە ئەۋەتىدىكەنتۇق، ئەزەلدىن تىرىشچان بولغاچقا ئۆگىنىشتىكى نەتىجىسىمۇ كۆرۈنەرلىك بوپتىكەن. بىچارە ئاپام دادامنىڭ ئەرەنچە ۋېلىسپىتىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ، بالا، ئۆي، ئاتا-ئانا، ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپتۇ، ئاكىلىرىمنىڭ دېيىشىچە ۋېلىسپىتنىڭ كەينىدە ئىككى ئاكامنى ئولتۇرغۇزۇپ كىچىك ئاكامنى قورسىقىغا مەھكەم تېڭىپ بىرىنى مەكتەپكە، بىرىنى يەسلىگە، بىرىنى چوڭ ئۆيگە توشۇيدىكەنتۇق. تاپا قىلغان بىلەن يەنىلا ئاتا-ئانا بالىغا چىدىمايدىكەن، بوۋام-مومام ئاغزىدا قاخشىغان بىلەن يەنىلا ئاپامنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈپتۇ، ئاپام ئۆمرىدە بىر قېتىممۇ دادامدىن زارلىنىپ باقمىغان، ئاغرىنىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس! شۇ 3 يىلدا تارتقان جاپالىرىنى دادامنىڭ خاتىرىسىدىن ھەم شۇ ۋاقىتلاردا يېزىشقان خەتلىرىدىن بىلدىم، مەن بۇلارنىڭ ھەممىنى كۆچۇرۈپ بولالمايمەن، پەقەت ئۆزەم ئەڭ ياقتۇرغان ئككى پارچە خەتنى تاللاپ چىقتىم. (ئەينەن كۆچۈرۈلدى)
سالام خەت
ئەسسالامۇئەلەيكۇم رەيھانقىز!
سالامەتمۇ سەن، بالىلار، ئاپام-داداملار ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ مەن خېلى ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، سېنى جاپادا قويدۇم، كۆپ جاپا تارتتىڭ، يا بۇ ئوقۇش تۈگىمەي كەتتى، پوق يەپ كەپتىمەن، بۇنداق يەرلەرگە توي قىلمىغان، غېمى يوقلار كەلسە بولىدىكەن ئەسلى، لېكىن چېرتيۇژ سىزىش تېخنىكام خېلى ئۆستى، بۇرۇنقىدەك ۋاراق ئىسراپ قىلمايدىغان بولدۇم، ھامىنى كەپتىمە، قورساقنى لىقلاپ ماڭاي ئەمدى، يەنە بىر يىل چىدىغىن خوتۇن! كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ، سېنى بەك سېغىندىم، مېنى ئايايدىغىنىڭنى بىلىمەن، رىشاتنىڭ (ئۈچىنجى ئاكام) بالنىتسىدا ياتقىنىنىمۇ دېمەپسەن، ئەنسىرىمىسۇن دېگىنىڭ بىلەن خەقنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تېخىمۇ ئەنسىرىدىم، ئۇ تايچاق قانداقراق بوپ قالدى؟ ئاپام-داداملار يەنە ئاغرىنامدۇ مەندىن؟ ئۇلاردىنمۇ كۆرمەيمەن، توغرا ئەمەسمۇ گەپلىرى، ھېچبىر خولۇق كۆرمىدىڭ مەندىن، ئاللاھ خالىسا تىنچ ئامان قايتسام چوقۇم خىزمىتىدە بولىمەن. بۇ قېتىم 58 سوم ئەۋەتتىم، ئۆتكەنكىدەك قايتۇرۇۋېتىدىغان ئىشنى قىلما، مەن رەنجىپ قالىمەن. بالىلارغا كۆڭلى تارتقاننى ئەپ بەرگىن، تازا دادا دەيدىغان ۋاقتىدا بۇ يەردە بوپ قالدىم، قايتىپ بارغاندا كىچىكى مېنى تونارمۇ رەيھان؟؟ بىلەمسەن، چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم قانغان بىلەن باللىرىمغا قېنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم. ئىچىمنى بىر نەرسە يەيدۇ، جاپانىڭ تېگى ئالتۇن دەپتىكەن، خەپ! ئالتۇنغا كۆمۈۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس سېنى! ھە راست، ماڭا خالتا ئەۋەتمىگىن، يەنە ئەۋەتسەڭ قايتۇرۇۋېتىمەن، بۇ قېتىم دېگىنىمنى قىلىمەن!! مەن ئۈچۈن ئاۋارە بولما! پەقەت مەندىن ئاغرىنمىساڭلا بولدى. ماڭا شۇ يېتەرلىك، سېنىڭ مەدەتلىرىڭ بىلەن كۆڭلۈم ئاۋۇيدۇ، ئۆزەڭنى ئاسرا، داداملارغا سالام ئېيتقىن، تايچاقلارنى مەن ئۈچۇن بىرمۇ-بىر سۆيۈپ قويغىن! كۆرۈشكىچە ئامان بولغىن.
سېنى سىغىنىپ:ئازات
1979-يىل6-ئاۋغۇست
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-16 09:55