تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 699|ئىنكاس: 14

‹‹ئۇيغۇر چىڭگىزخان››نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
86
تۆھپە
43
UID
461
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹ئۇيغۇر چىڭگىزخان››نىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى




qqqqqqqqq.png

ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى:ئابلىز ھوشۇر-چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمھالى


ئابلىمىت مەخسۇم


ئىنىم ئابلىز(ئابدۇل ئېزىز)1912-يىلى1-ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952 -يىلى 40يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۈلۈم جازاسى بېرىلگەن.ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئەرەپچە،ئىنگىلىزچە،پارىسچە،تۈرۈك تىلى قاتارلىق 7 تىلنى بىلەتتى ھەم تەرجىماللىق قىلاتتى.

   ئۇ تۇغۇلۇپ 16ياشقىچە(1928-يىلغىچە)ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان ۋە ئۆز ئاتىمىز موللا ھوشۇر ھاجىدا ئوقۇغان.1928-يىلدىن1931-يىلغىچەكۇچا ناھىيىسىدە موسايىپ داموللىدا ئوقۇغان.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ”ئەندىرىپ“دېگەن نام بېرىلگەن.بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ،مەنىسى“بۇلبۇل“دېگەن بولىدۇ.1932-يىلدىن1934-يىلغىچە3يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا دېگەن ئۈنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن1936-يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان.1937-يىلىدىن1942-يىلىغىچە 6يىل ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان.ھەم شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان .  1942- يىلىدىن1946-يىلغىچە مىسىردا 4يىل ئوقۇغان ھەم جامىل ئەزھەر ئۈنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەل 35ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگەن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى،پادىشاھلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىشتەئابدۇلئەزىزنىڭ بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنى ماختاپ“بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ <چىڭگىزخان>بولسۇن،چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگۇدا چىڭگىزخان دېگەن كىشى ئۆتكەن.بۇ قېتىم سەن جۇڭگۇدىن 2-قېتىم چىقتىڭ“دەپ جاكارلىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇلئەزىز دېگەن ئىسىم ”چىڭگىزخان“دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

   ”چىڭگىزخان“دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى“ئاتاقلىق“،“مەشھۇر“،“ناھايىتى كۈچلۈك“،“تەڭداشسىز“دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.ئۇ مىسىردىن ئەرەبىستانغا بېرىپ مامۇت سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنيەگە بارغان.شۇ مەزگىللەردە جۇڭگۇنىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ئىنىم ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشچە ياپۇننىڭ بىر باشلىقى“ھازىر جۇڭگۇ-ياپۇن ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ.بىز جۇڭگۇنى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز،سىلەر شىنجاڭدىكى موھىم ئادەملەر،سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن شىنجاڭنىڭ مەمۇرى باشلىقى،مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن“دېگەن.بۇ ئىككىسى ياپۇنيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كومۇنىستلارنى،ۋەتەبپەرۋەر زاتلارنى،زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا بارماي ئاخىرى نەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇغان.بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان،نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ  يەرلىككە قويغان.

   چىڭگىزخان ئاخىرى جۇڭگۇنىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ1947-يىلى1-ئايدا مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن.15كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىسارغا كېلىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندىن كىيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجۇڭ،مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ماشىنا ئەۋەتىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارىتىدە كوجاڭ،قوشۇمچە سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.(ئەيسا بەگ رەئىس ئىدى).مۇشۇ ۋاقىت بېتىم بۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى راۋاجلانغان مەزگىل بولۇپ توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىنىڭ ھاكىملىرى ھاكىملىقنى تاشلاپ غۇلجا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.بۇ ئۇرۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى مۇرەككەپلىشىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۈچ ناھىيىگە جەمىيەت تەرتىپىنى تىنجىتىپ باشقىدىن ھاكىم سايلاش ئۈچۈن ئىنىم چىڭگىزخاننى باشلىق،لى….نى مۇئاۋىن باشلىق قىلىپ 25دەك كىشىنى 1947-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنى توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىگە ئەۋەتىپ توخسۇن ناھىيىسىگە ھامۇت داموللىنى ھاكىم،تۇرپانغا ئابدۇراخمان موھىتىنىڭ ئورنىغا ئابلىمىت دېگەن چوڭ ئاخۇننى شەنجاڭ،پىچان ناھىيىسىگە لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئىسكەندەر غوجىنى ھاكىملىققا بەلگىلەپ تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ ۋەزىپىنى تاماملاپ8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان.بۇ خىزمەتكە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغان.

ئىنىم ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.1948-يىلىئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جاڭجېشىنى زۇڭتۇڭ سالايدىغان ۋەكىل نامزاتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە چىڭگىزخاننى بۈگۈردىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتتى.شۇ يىلى4-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ9-ئايدا قايتىپ كەلدى.جىياڭ جېشىنى زۇڭتۇڭ سايلايدىغان قۇرۇلتايغا بېرىپ قاتناشتى.قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر بىر ناھىيە،ۋىلايەت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىنى نازارەتكە باشلىق بولۇپ ھەر بىر ناھىيىنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرىنى بېكىتىش،تەستىقلاش ئىشلىرىنى بېجىردى.

  1949 -يىلى7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى.9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ  قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.


مەنبە:بايىنغۇلىن تارىخى ماتىرىياللىرى4-توپلامدىن ئېلىندى.(1990-يىلى1-ئاي نەشىرى)

ئەسكەرتىش : ئەسەر بىلەن سۇرەتنىڭ مۇناسىۋىتى يوق .


Rank: 4

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
317
تۆھپە
188
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىمىغان تارىخ ئىكەن، رەھمەت سىزگە. مۇشۇنداق بىز ئاڭلاپ باقمىغان تارىخلاردىن يەنە قانچىلىكى باردۇر!!!! ھەي!!


Rank: 2

ئىسىمى
قۇربان غۇپۇر ئۇلباس
تىللا
109
تۆھپە
41
UID
2099
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئاڭلاپ باقمىغانلا ئىشكەنغۇ بۇ!


Rank: 1

تىللا
17
تۆھپە
1
UID
5751
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپۇنلارنىڭ قورچىقى بولۇش تاماسىدا ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ رەھمەتلىك


Rank: 2

تىللا
102
تۆھپە
34
UID
3157
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ كىشى توغۇرلۇق ئازراق بولسىمۇ ماتىرياللادا كۆرگەن ئىدىم ،بەك باتور ،ئىلىم-ئىستىدات ئىگىسى،ئەل سۈيەر ،مىللەت سۈيەر ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىكەندۇق بۇ -ئۆلىمايىمىز.بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ بىزنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىمىزگە مۇناسىپ كىشى ئىكەن.بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتە .......ھامان بىركۈنى تارىخ بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
742
تۆھپە
485
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوي ئۇيغۇرالردىنمۇ مۇنداق ئادەم ئۇتۈپتىكەن ھە.....كۇپ رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر چىڭگىزخاننى  بۇگۇن تۇنجى ئاڭلاپتىمەن بىز بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار خېلى كوپكەن


Rank: 2

ئىسىمى
ياسىن
تىللا
129
تۆھپە
31
UID
5978
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمە ت  سىزگە..............


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
1814
تۆھپە
620
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىز ھوشۇر(چىڭگىزخان داموللا) ئەينى دەۋىردە ياشىغان ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ئالىم كىشى ئىدى بىلىم جەھەتتە ئابدۇقادىر داموللام بىلەن تەڭ دەرىجىدە تۇرغان لېكىن ناھەق ئۈلۈپ كەتكەن 1952-يىلى چەتئەلگە قېچىشقا ئۇرۇنغان ئەكسلئىنقىلابىي ئۇنسۇر تەڭ ئۈرۈمچىدە ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن بۇ كىشىنىڭ تەرجىمھالى يەنە شېرىپ خۇشتار ئەپەندى يازغان شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر ناملىق كىتابتىمۇ بار!


كۆكتىن تامدۇق يەردىن ئۈندۇق

Rank: 4

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
244
تۆھپە
160
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئاڭلاپ باقمىغانلا ئىشكەنغۇ بۇ!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 12:49, Processed in 0.081610 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991