تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 125|ئىنكاس: 1

لې كەيفۇنىڭ ۋاقىت ۋە ئائىلە ھەققىدە ئۈگۈتلىرى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
86
تۆھپە
43
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

llllllllllll.jpg

ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئەڭ چوڭ ئىككى بايلىقى بولىدۇ. ئۇلار سىزنىڭ تالانتىڭىز ۋە ۋاقتىڭىزدىن ئىبارەت. سىز قانچە تالانتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز شۇنچە قىسقىرىپ بارىدۇ. دېمەك، تالانت بىلەن ۋاقىت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت مەۋجۇت. بىزداۋاملىق ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىپ، تالانتلىق بولۇش ئۈچۈنلا قاتراپ يورۇيمىز. بىز مەيلى قايسى كەسىپتە ۋە قايسى ساھەدە بولمايلى، ھەممىسىدە شۇنداق. شۇ بىر خىل كەسىپنىڭ ئۇستىسى ياكى مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىپ، كۆپرەك ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىشىنى ئويلايمىز. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە، بىزنىڭ بىركۈن ۋاقتىمىز قىسقىرايدۇ، ئۇنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز ۋاقتىمىزنى تېجەشنى بىلىشىمىز، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلماسلىقىمىز كېرەك.
يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى كەيفۇ ئۆزىنىڭ تېڭشۈن تورىدىكى مىكرو بلوگىدا ۋاقىتنى باشقۇرۇش توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك مەزمۇن ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھايات مۇساپىسىدىن يەكۈنلەپ چىققان ۋاقىتنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش توغرىسىدىكى بايانلىرى ئىكەن.
ئۇنىڭ مىكرو بلوگىدا مۇنداق دېيىلدى:« ۋاقىتنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1) ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئىشىنى قىلىشىڭىز، سىزگە ۋاقتىڭىزنى تېجەپ بېرىدۇ.
2) كۈندىلىك ۋاقتىڭىزنى قانداق سەرپ قىلىش توغرىسىدا ئانالىز قىلىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
3) پارچە ۋە «ئۆلگەن» ۋاقتىڭىزنى ئاكتىپلاشنى بىلىشىڭىز كېرەك.
4) ئىشنى مۇھىم ئۇرۇنغان قويۇشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ-تېنەپ تېرىشماسلىقىڭىز كېرەك.
5) تەرتىپلىك بولۇڭ، باھانە-سەۋەب ئىزدەيدىغان ئىشىنى قىلغۇچى بولماڭ.
6) يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋاقتىڭىزنى ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن ئىشقا قارىتىڭ.
7) ئائىلىنىڭ ئېھتىياجى تەڭپۇڭلاشتۇرۇڭ: دېگىنىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىشنىڭ بېلىڭ، ۋاقىتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىڭ.
ئۇ يەنە دېيەن دېيەن تورىدىكى بلوگىدا خىزمەت بىلەن ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:
1. چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىۋېتىڭ: جەزمەن دېگىنىڭىزنى قىلىڭ- ئەگەر سىز مەلۇم بىر ئىشتا ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ۋەدە قىلسىڭىز، ئۇنى جەزمەن ئورۇنداڭ. ئەگەر ۋاقتىدا ئورۇندىيالمىسىڭىز، ئۇلاردىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سوراڭ ھەمدە تولۇقلاڭ.
2. ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىڭ: ئەلۋەتتە، سىز خىزمەت ئۈچۈنلا دۇنياغا كەلمىگەندىكىن، خىزمەتكە باشچىلاپلا كىرىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ، ئائىلىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، ئۇنىڭغا سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. كۈنىگە 10 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت چىقىرىپ، ئايالىڭىز ( ياكى ئېرىڭىز) نىڭ دەردىگە يېتىڭ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭ ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ. چۈنكى قايناق سۇ بىلەن ھور ئاران بىر گرادۇس پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
3. زىرىكىشلىك ئىچىدە ئالدىراش يۈرۈڭ: بۇ سىزگە پاچە ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىتىدۇ. مەسىلەن، ئەتتىگەندە ئۆيىڭىزدىكىلەر تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولسا، سىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بەزى بىر تەييارلىقلرىىڭىزنى قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەتتىگەندە چاي تەييار بولغۇچە، سىزنىڭ ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداق قىسقا ھەم ئۈنۈملۈك ۋاقىتلاردا بەزى تەييارلىقلىرىڭىزنى قىلىۋالسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
4. ۋاقىتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىڭ. بۇ ئادەتتە ئىنگلىز تىلىدا quality time دېيىلىدۇ، ھەم كىشىلەر ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر بولغان ئىبارە دەپ قارىلىدۇ. سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنىڭ ھەر بىر مىنۇتى ئوخشاش ئەمەس. شۇڭلاشقا سىز ئۇنىڭغا سەمىمىي ھەم پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك.



Rank: 6Rank: 6

تىللا
509
تۆھپە
447
UID
2498
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-----خېلى قېنى باردەك تۇرۇدۇ،،،،،،مۇشۇنداق  قىلسام بولغىدەك دەپ قاراپ قالدىم....


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:51, Processed in 0.090072 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991