مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىنى كىم مەجبۇرىي ئىجرا قىلالايدۇ؟
ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشى بىلەن دۆلەت يىللىق مالىيەنىڭ %4 ىنى مائارىپقا ئاجرىتىش ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ ھەممەيلەننى خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغان ئاقىلانە قارار.
مەن مائارىپ سېپىگە قېتىلغىلى 8 يىل بولدى. مۇشۇ سەككىز يىل ئىچىدە مەن كۆرۈپ تۇرغان مائارىپ شارائىتى كۈنسايىن ياخشىلاندى. 2003- يىلى 9- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزدا دەسلەپكى قەدەمدە قوش كەچۈرۈم سىياسىتى يولغا قويۇلدى. 2005- يىلى بۇ سىياسەت مەركەز ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ كىتاب ۋە ئومۇمىي ئىشلار خىراجىتى ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا 300 يۈەندىن (مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيمەن، شۇڭا باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك سان- سېفىرلار بىلەن مىسال ئالدىم) خىراجەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەر يېتەرلىك مالىيە كاپالىتىگە ئىگە بولدى. 2009- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ «ئىككى ئاساسەن» تەكشۈرۈشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. 2010- يىلى 300 يۈەن پۇل 400 يۈەنگە، 2011- يىلى 500 يۈەنگە يېتىپ، مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئۈچۈن مالىيەدىن ئەنسىرىمەيدىغان، مەكتەپنىڭ ئوقۇش شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ھازىر تېخى ھەر كۈنى 3 يۈەندىن ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسى بېرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تېخى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق ياردەم پۇلى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش، ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتى دېگەنلەر يوق.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭمۇ 2011- يىللىق مائارىپ ئومۇمىي سېلىنمىسى 47 مىليارد 300 مىليوندىن ئاشتى.
يۇقىرىقىدەك ئەۋزەل شارائىتتا نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن مەمنۇن بولۇپ پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئاز بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار ئۆز تۇرمۇشى ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا قەستەن سەل قاراۋاتقان ئەھۋاللار بار.
مەسىلەن: مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپتە بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئاتا - ئانىلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتىش سەۋەبلىك بىر قىسىم ئاۋارىچىلىكلەر تۇغۇلۇۋاتىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن ئۇلارنى چوقۇم مەكتەپكە ئەكىرىش كېرەك. لېكىن ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا ماسلاشماي بىر كېچىدىلا خوتۇن بالا - چاقىسىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئالماشتۇرۇش، مەكتەپكە ئەكىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ماڭغان يول، تارتقان جاپا، ئورۇنسىز ھاقارەت، بىھۇدە چىقىملارنى دېمەيلا قوياي.
- قولۇڭدىن كەلسە ئاپىرىپ سولىتىۋەت، ئۆيۈمنى ئۆرىۋەت - . . . . ھەي . . . مۇنداق تەرەپلەر بەك كۆپ.
مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئاتا - ئانىلار ياكى باققۇچىلارنى پەرزەنتلەرنى مەكتەپكە بېرىش توغرىسىدا مەجبۇرلاش ھەرىكىتىنى قوللىنىدىغان ئورۇننى تاپالماي بارماق چىشلەپ سالىدىغان گەپكەن.
بىر تۈپ دەرەخنى كەسسە سورىقىنى ئالىدىغان ئورمان ساقچىخانىسى بار. بىر ئادەمنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش توغرىسىدا قانۇنىي ئاساسىمىز يوق بولۇپ قالدى.
دۆلىتىمىز پۇقرالارنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئېنىق قانۇن تۇرغۇزۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ مەكتەپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشىنى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى قىلىپ بېكىتكەن. ئوقۇش يېشىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ھامىيلىرىغىمۇ ھامىيلىق قىلىنغۇچى ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ۋاقىتتا مەكتەپكە بېرىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان. لېكىن بالىلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمىگەن ھامىيلارغا قارىتا قانۇننىڭ مەجبۇرلاش كۈچى ۋە مەزمۇنى بېرىلمىگەن. شۇڭا ئىدىيەسى قالاق. كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ، پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى بىر چەتكە رەھىمسىزلەرچە تاشلىۋەتكەن مەسئۇلىيەتسىز ئاتا - ئانىلارغا قارىتا قانۇنىي چەكلەش يوق بولۇپ قالدى.
گەپنى يىغقاندا مۇنبەردە خەلق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بولسا مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىغا قانۇنىي جەھەتتىن مەجبۇرلاش تارمىقى ۋە ئىجرا قىلىدىغان ئورگان، مەجبۇرلاش مەزمۇنلىرى دېگەنلەر كىرگۈزۈلسە، بالا ئىشچى، بالا ھۈنەرۋەن، بالا تىلەمچى، بالا بىكارچىلارنىڭ ئالدى ئېلىنسا دېمەكچى.
مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس گۇرۇپپا ۋە خىراجەت ئاجرىتىپ خىزمەت ئىشلىدۇق. ياخشى سىياسەتلەرنى سۆزلىدۇق. ھەتتا ئىشلەۋاتقان يەرلىرىگىچە بېرىپ ئىزدەپ باقتۇق. ئامال بولمىغاندا . . . ئامال بولمىدى شۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپ قانۇنىدا پىرىنسىپ بېكىتىلگەن. ئەمەل قىلمىسا ھۆكۈمەت قوللىنىدىغان مەجبۇرلاش مەزمۇنى ۋە ئىجرا قىلىدىغان فۇنكسىيەلىك ئاپپارات بولمىغاندىكىن پەقەت ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىدىغان گەپكەن.
مەن يېزىلىق سىياسىي - قانۇن خىزمىتىگە مەسئۇل شۇجى، مۇقىملىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى، ساقچىخانا، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ باقتىم، ئۇلارمۇ پەقەت دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلىرىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش توغرىسىدا يوليۇرۇق بەردى.
توغرا، ئادەمنى ئاساس قىلىش بىزنىڭ تەرەققىيات ئۆلچىمىمىز. جازالاش ياكى مەجبۇرلاش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئۇسۇلى ئەمەس، بۇنى چۈشىنىمەن. لېكىن چېكىدىن ئاشقان كاج ئادەملەرگە قارىتا خەلق دىكتاتورىسىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئەۋلادلارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش بەك خاتالىق بولۇپمۇ كەتمەس.
شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت سالغان %4 خىراجەتنىڭ قانۇنىي كاپالىتى بولسا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-15 15:55