تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 10

‹‹قاڭقىل تائاملىرى›› بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
43
UID
163
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<<قاڭقىل تائاملىرى>> بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى


20120312101425628382.jpg


   11- مارت، 12 يىلدىن بۇيان پەقەت «ھەۋەسكار» سالاھىيىتىدىلا توپ تېپىپ كەلگەن تۇرپاندىكى پۇتبول سۆيەر ئەزىمەتلەر ئۈچۈن، شۇنداقلا پۇتبولنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەزىمەتلىرىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان پۇتبولخۇمار مەستانىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى.

تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەشكىللىگەن، تۇرپان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان، مۇنتىزىم يەتتە كوماندا تىزىمغا ئالدۇرغان، 100 گە يېقىن ئادەم / قېتىم بىۋاسىتە قاتناشقان تۇرپان «قاڭقىل تائاملىرى» بىرلەشمە مۇسابىقىسى رەسمىي باشلىنىپ، 1- ئايلانما مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقە كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

   مۇراسىمدا، ھەرساھەدىن تەشكىللەنگەن پۇتبولچىلار رەت – رىتى بىلەن تىزىلىپ تۇردى، يىراق – يېقىندىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەر مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىپ، مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇنتىزملاشقان ئەل ئىچى تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشتى. ئۆز يۇرتىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مۇنتىزملىشىۋاتقانلىقىنىڭ شاھىدى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە خۇشال بولۇشتى. شەھەر ئاھالىسى لى شىجې مۇنداق دېدى: بۈگۈن پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم، تۇرپاننىڭ ئۆزىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى بار بولدى، بىرلەشمىنىڭ مۇشۇ دەرىجىگە كەلمىكى ئاسان ئەمەس، بىزگە ئوخشاش پۇتبول مەستانىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ۋاقىتنى كۈتكىلى خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، تېخىمۇ كۆپلىگەن مەستانىلەرنىڭ سىپىمىزگە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئەزالىرى ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، دېھقانلار، مۇخبىرلار، خەلق ساقچىلىرى، قاسساپ، تۆمۈرچى، تاكسى شوپۇرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى پۇتبول سۆيەر ئەزىمەتلەر يىغىلغان بولۇپ، ئون قانچە يىلدىن بۇيان، مەيلى 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق تومۇز ئىسسىق بولسۇن ياكى قەھرىتان سوغۇق بولسۇن ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىر كۈنمۇ سۇۋۇپ قالغىنى يوق. ئۇلار شۇ قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز – ئارا تونۇشتى، مەيداندا سەپداش، مەيدان سىرتىدا دوست بولۇشتى.

   مۇراسىمدا تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ يۇڭ، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى ئىسھاقجان لىتىپلار تونۇشۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۇتبول تۇرپاندىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ئورتاق ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. ھەرساھە، ھەر كەسىپلەردە پۇتبولنى قىزغىن سۆيۈپ قوللاپ كېلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى نۇرغۇن پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئۆزلىكىدىن تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەيدانىغا يىغىلىپ، ھەرخىل كىچىك تىپتىكى مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ، تۇرپاننىڭ تۇمۇز ئىسسىق ياز پەسلىدە بولسۇن ياكى سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە بولسۇن، ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ مەيدانىدا ھەر ھەپتە ئاخىرىدا پوتبول تىپىۋاتقان ھەرخىل قۇرامدىكىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تۇرپاندىكى پۇتبولچىلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخىمۇ كۆپلىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ساغلاملىق ۋە تەنھەرىكەتكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، پۇتبول سۆيەر شەھەر ئاممىسىنى ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشىدا يەرلىك مۇسابىقىلەردىن ھوزۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەدەنىيەت- تەنتەربىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ھەردەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە رەھبەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقە تۇرپان تەنتەربىيەسىنىڭ مۇنتىزملىشىىشغا يېڭى يول ئېچىپ، تۇرپاندىكى پۇتبول سۆيەر مەستانىلەرگە، ئۆزى سۆيىدىغان ئۆزىنىڭ كوماندىسى بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگۈسى.


20120312102012153850.jpg

   مۇراسىم ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى، بۇ قېتىمقى بىرلەشمىنى مەبلەغ بىلەن مۇستەقىل تەمىنلىگۈچى قاڭقىل تائاملىرىنىڭ غوجايىنى ئوسمان نىياز ئەپەندى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتپىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلارنىڭ توپ باشلاپ بېرىشى بىلەن مۇسابىقە رەسىمى باشلاندى.

   بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مۇسابىقە ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، 1- باسقۇچتا ھەرقايسى كوماندىلار ئۆز ئارا ئۇچرىشىدۇ، 5- ئايغىچە داۋاملىشىدۇ؛ 2- باسقۇچتا: شاللاش مۇسابىقىسى قائىدىسى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغۇچى چېمپىيون بولغان بولىدۇ.

20120312101804256247.jpg

پۇتبولچىلار ۋەكىلى قەسەم سۆزى قىلماقتا

20120312111340492569.jpg

توپ كىردى

20120312114942884490.jpg

ئەلقىيا كوماندىسى

20120312115135251933.jpg

ئىدىقۇت ياشلار كوماندىسى

20120312111245876603.jpg

كەسكىن ئېلىشىش

مەنبە: تۇرپان ئۇچۇر تورى(www.tlfw.net)


20120312113427223940.jpg

Rank: 1

تىللا
23
تۆھپە
6
UID
889
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ مانا، بولسا ئابدۇلبارى، مىرئەخمەتلەردەك  ئوغلانلىرىمىز كۆپرەك يېتىشىپ چىقسا.
      ھە راست، دىيارىمىز خوتەندىمۇ مەخسۇس خوتەن بىرلەشمىسى باشلىنىپ خېلى بىر يەرگە باردى، مەنمۇ ئۆز مۇنبىرىم ئارقىلىق خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتىمەن، ئەگەر مۇشۇ تۇرپان بىرلەشمىسى توغرىلىق خەۋەر يوللاپ تۇرىدىغان دوستلار بولسا مۇنبىرىمدىن مەخسۇس بىر سەھىپە ئاجىرتىپ مۇشۇ بىرلەشمە ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.
      خوتەن بىرلەشمىسى ھەمدە باشقا پۇتبول خەۋەرلىرىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز پۇتبولچى مۇنبىرىگە مەرھەممەت
ئادرېس----www.putbolqi.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-14 15:39  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
742
تۆھپە
485
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوتبول دۇنيا تەنھەركىتىنىڭ سەركىسى شىنجاڭ پوتبولچىلىقىنىڭ ئەتىسى قانداق بولا؟


Rank: 4

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
244
تۆھپە
160
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوتبول دۇنيا تەنھەركىتىنىڭ سەركىسى شىنجاڭ پوتبولچىلىقىنىڭ ئەتىسى چۇقۇم پارلاق بولىدۇ.مەن چەكسىز ئۈمۈت بىلەن  شۇنداق دەپ قارايمەن.


Rank: 4

ئىسىمى
نۇر ئەلى
تىللا
194
تۆھپە
104
UID
5237
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم پارلاق بولدۇ، مەنمۇ شۇنداق ئۇمۇتتە پۇتبۇل تەنھەرىكەت چىلىرىگە ئامات تىلەيمە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KIZILYOPURMAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-13 23:34  



Rank: 2

تىللا
42
تۆھپە
21
UID
6488
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشا ئۇيغۇرۇم  .................


Rank: 6Rank: 6

تىللا
671
تۆھپە
421
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  、ئاپىرىن ئوت يۇرتىنىڭ ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرى


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
43
UID
163
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umak7758 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-13 18:46
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ مانا ، بولسا ئابدۇلبار ...

ئۇلانمىڭىز ئۇلانماپتۇ،
بۇ مۇنبەردە ئۇلانما قىلغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ، مەنمۇ قىلالمىدىم.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
774
تۆھپە
315
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىمەتلىرىمىمىزگە مىڭلەرچە ئاپرىن


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
43
UID
163
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umak7758 يوللىغان ۋاقتى  2012-3-13 18:46
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ مانا ، بولسا ئابدۇلبار ...

بۇ گەپنى بەك ياخشى قىپتىكەنسىز، لېكىن سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن،
مىنىڭ چ چ نومۇرۇم: 109982598
مەن بىلەن تېزراق ئالاقىلاشسىڭىز بوپتىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:51, Processed in 0.083609 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991