تەخەينىڭ پىكاپتىن ئەۋزەللىكى

پىكاپ مۇھىت بۇلغايدۇ، تەخەي بۇلغىمايدۇ. پىكاپنىڭ كېرەكسىز گاز چىقىرىشىغا ئۆلچەم بار، لېكىن تەخەي مۇنچىلىك تەرەت قىلىشى كېرەك، دەيدىغان تۈزۈم يوق. تەخەيدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىز ئۇنىڭ باھاسى ئۆسۈپ ماڭىدۇ، لېكىن پىكاپنىڭ ئۆسمەيدۇ. تەخەي تاغ - داۋانلاردىن ئاشالايدۇ، لېكىن پىكاپ پەلەمپەيدىنمۇ چىقالمايدۇ. تەخەي چوڭ بولسا تەخەيلەپ كۆپىيەلەيدۇ، لېكىن ھەرقانچە ئېسىل پىكاپمۇ «يەڭگىيەلمەيدۇ». تەخەي بىخەتەر، چۈنكى ھازىرغىچە «تەخەي ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ» دەپ ئاڭلىمىغانسىز ؟! پىكاپ ھەيدەش ئۈچۈن پىراۋا ئېلىش كېرەك، ئەمما تەخەيگە پىراۋا كەتمەيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-13 12:46
|