تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1451|ئىنكاس: 42

ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى بۇزۇپ ئويناشقا ھەققىڭىز يوق! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
596
تۆھپە
320
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئارىلاۋېتىپ تەسسادىپىي بۇ  فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم، كۆرگىنىمگىمۇ ناھايىتى پۇشايمان قىلدىم، ئاخىرى ئويلاپ تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدىم. ئۇيغۇر ئىكەنمىز، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى بۇزۇپ ئويناشنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك.


Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
5
UID
8272
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر خىلمۇ -خىل يېڭى ئۇسۇل تۈرلىرى بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كوچا ئۇسۇلى... دىگەندەك. بۇ ئۇسۇلغا قارىغاندا بۇمۇ يېڭىدىن ئىجاد بولغان بىر خىل ئۇسۇل شەكلى ئوخشايدۇ،  ئۇسۇل ئوينىغانلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ بۇ ئۇسۇلغا « داشقال ئۇسۇلى» دەپ نام بەرسەك بولغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
54
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېتېقسىز نەرسىلەرنى ھەرخىل بانا سەۋەپلەر مۇنبەرگە يوللايدىغان تورداشلارغا دەيدىغىنىم؛ سىلەرنىڭ كۈزۈڭلارغا سىغمىغاندىكىن نىمە قىلىسىلەر مۇنبەرلەرگە يوللاپ ،باشقا يوللاشقا تىگىشلىك نەرسە تاپالمىغان بولساڭلار ياخشى يېزىلغان تېمىلارنى ئۇقۇپ بەرسەڭلار ئۈزۈڭلارغىمۇ پايدىلىق بىلمىگەننى بىلىپ قالىسىلەر ئەمەسمۇ !!!


Rank: 6Rank: 6

تىللا
596
تۆھپە
320
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tewip يوللىغان ۋاقتى  2012-3-13 13:01
مۇشۇنداق تېتېقسىز نەرسىلەرنى ھەرخىل بانا سەۋەپلەر مۇن ...

تىۋىپ، بۇ مېنىڭ يوللايدىغانغا باشقا نەرسە تاپالماي يوللىغان نەرسەم ئەمەس، سىزنىڭ بۇ يەردە ماڭا تەنبىھ بېرىدىغانغا ھەققىڭىز يوق، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار يوللىغان تېمامنىڭ نۇرغۇنلىغىدىن ئالتۇن ئەزا....ئاۋانگارت ئەزا دېگەن ئوردىنلارنى بەرگەندۇ،  ئەگەر مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار سىزدەك ئويلىغان بولسا چوقۇم بۇ تېمامنى تەستىقلىمىغان بولاتتى. بۇ تېتىقسىز نەرسىلەردىن بىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقتىن بىر تەجرىبە سېتىۋالغاندەك  نەتىجە بېرەر دېگەن ئۈمىدتە يوللىغان. ئادەمگە ئۇنداق زەربە بەرمەڭ......


Rank: 3Rank: 3

تىللا
194
تۆھپە
99
UID
3990
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانتاق ئەپەندىم سىزنىڭ نام بىرەيلى دىگىنىڭىز ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئۇسۇللارنى ئىتراپ قىلغانلىق بولۇپ قالارمىكىن؟!


ۋەتەنسىز...............

Rank: 1

تىللا
9
تۆھپە
5
UID
8272
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر شۇ خىل نام ئېتراپ قىلىنسا ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دېگىلۈك، ئۇنداق ئىشلار سىز،بىزنىڭ ئېتراپ قىلىشىمىزغا مۇھتاجمۇ دەمسىىز؟ مەيلى بىز ئېتراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، ئۇنداقلارنىڭ پەرۋايى پەلەك ئەلۋەتتە.


Rank: 1

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
48
تۆھپە
17
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ دۆڭباغ ناۋاسى......................


Rank: 3Rank: 3

تىللا
137
تۆھپە
76
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  يەردىكى  مەسىلە  بىر   بىرىمىزنى  قامچىلاش  ئەمەس .
ئۇلۇغ  ئاللا  دىن  ئاشۇ  ئازغۇن  بەندىلەرگە  ئىنساپ  ۋە  ئىمان  تىلەيلى
قىرىنداشلار .
ھەممىمىز  ئوخشاش  ئاللانىڭ  بەندىسى  .
ئاخىرەتتە  ھەم  ئوخشاش  ھىساب  بەرگۇچىلەرمىز .


Rank: 6Rank: 6

تىللا
580
تۆھپە
363
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇلنى بۇزۇپ ئوينىسا ئوينىسۇن ، بوپتۇ كارىم يوق لېكىن : بىرىنچى :  نېمە قىلىدۇ تاراتقۇلاردا ئۆزىنى ئۆزى تارتىپ سېسىتىپ . ئىككىنچى : ئاۋۇ نەخ مەيداندا مەيدە چايقاشتىن بۇرۇن ئەتراپقا بىر قارىۋەتمەي دەيمەن ~  كىچىك بالىلار باركەن ئەمەسمۇ ! ئۆزىگە ۋارىس تەربىيلەمدۇ يا ؟!~

ئاندىن مەزكۇر تېمىنىڭ مۇنبەرگە يوللىنىلىشى پەقەت ئىبرەت بولسۇن ،  ئۆزىمىزمۇ رېستورانلارغا كىرسەك بىرسى بەدەننى تولغاشتىن بۇرۇن ، مۇسكۇللارنى چايقاشتىن بۇرۇن توختا ھېلىقى دۆڭباغ جۇما ~  دەپ توختاپ قالساق ئەجەپ ئەمەس ~!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
marbiya + 5很给力!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
203
تۆھپە
54
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېتىقسىز نەرسىلەرنى كۆردىغان ھەم ئۇلارنى تاراتقۇلاردا تارقىتىدىغان ئادەم بولمىغان بولسا ئۇلارمۇ بۇنداق نەرسىلەرنى چىقىرىپ ئولتۇرمىغان بۇلاتتى .بەزىلىرىمىز ئىزدەپ تېپىپ مۇشۇنداق ياخشى سورۇنلارغا چىقىرىپ قۇيۇپ ئۆزۈڭلارچە ئېبرەت ئۈچۈن يوللىدۇق ،چىرايلىق پەردازلايدىكەنسىلەر.ئەمىلىيەتتە بۇ مۇنبەرگە كىرىپ بىر نەرسە ئۇقۇپ يېزىپ ئولتۇرغانلار جەمىيەتنىڭ بۇنداق چاكىنا ئەخلاقسىز قىلمىشلىردىن قۇلىنى تارتقان ئادەملەردۇر .سىلەرنىڭ ئاتالمىش ئىبرەت ئۈچۈن بىرنەرسە يوللىشىڭلارنىڭ قىلچە زۈرۈرىيتى يوق دەپ قارايمەن .باشقا مۇنبەردەشلار قانداق قارايدۇ بۇنى بىلمەيمەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 12:48, Processed in 0.075303 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991