نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى (1) 1.بۇغداي 
2. گۈرۈچ 
3.نوقۇت 
4.ماش  5. قىزىل پۇرچاق
6.قوناق 
7.سېرىق پۇرچاق ؛ 
( مانا بۇلار 7 خىل زىرائەت ) نورۇز ئېشىغا ئىشلەتكەن سەي - كۆكتاتلار ؛ 1. شوخۇلا 
2 . كۆك لازا ۋە قىزىل لازا .3. ئاش كۆكى 4. سەۋزە 
5 . چامغۇر 6. سامساق 
(1).نورۇز ئېشى سېمىز قوچقاردىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى پارچىلاپ داش قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇۋېلىپ، سۈيىگە يۇقىرىقى دانلارنى سېلىپ ئىتىلىدۇ. (2). نورۇز ئېشىنى كاللا-پاقالچاقلارنى سەۋزە-چامغۇر بىلەن سېلىپ ئۇنىڭ سۇيىدە ئەتسىمۇ بۇلىدۇ (3).يىڭى چىققان بىدە بىلەن كۆك چۆچىرىسى ئەتسىمۇ بولىدۇ (4).1ياغلىق توقاچ، 2قۇيماق، 3بىدە سامسىسى، 4قوناق نېنى، 5گۈرۈچ ئېشى، 6كاللا-پاچاق، 7قوي گۆشى تەييارلىسىمۇ بولىدۇ . نورۇز ئىشىنى بىزنىڭ ئەتكەن ئۇسۇلىمىز بەك تەس ئەمەس، بىلىكتە ئىلگىرىمۇ مۇشۇ ھەقتە ئاز - تولا ئۇچۇر بېرىلگەن، ئاساسەن شۇ ئۇسۇلغا ئوخشايدۇ. ئالدى بىلەن قازانغا سۇ قۇيۇپ، سۆڭەكلىك گۆش ۋە پىيازنى ئۇنىڭغا سېلىپ قاينىتىدىكەنمىز، شورپا بولغاندىن كېيىن(ئەلۋەتتە شورپىنىڭ كۆپۈكىنى سۈزۈپ تۇرىمىز)، توغرالغان سەي - كۆكتاتلارنى ئۇنىڭغا تاشلايدىكەنمىز. بۇنىمۇ بىرئاز قايناتقاندىن كېيىن، ھېلىقى يەتتە خىل زىرائەت ئارىلاشمىسىنى بىللە قازانغا سېلىپ، پىشقىچە قاينىتىدىكەنمىز(تۇز سېلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالمىدۇق).
|