ماۋۇ تەرەپكە كەتتى
پەقەت شەھەرگە كىرىپ باقمىغان بىر جۇپ بوۋاي -موماي بولغان ئىكەن ،موماي باشقىلاردىن، شەھەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بوۋىيىغا
--ئەي مۇسۇمان ئومرۇڭلىنىڭ ئاخىردا بولسىمۇ شەھەر دىگەن يەرگە بىر كىرىپ چىقىڭلار ،قانداقكەن - دەپ بوۋاينىڭ تەييارلىغىنى
قىلىپ شەھەرگە يولغا ساپتۇ .بوۋاي 2كۇن يول مېڭىپ، شەھەرگە كىرىپ مۇنداق قارىسا پاھ! ئاللا كارامەت ،شەھەرلىكلەر 4بۇرجەك چاقىسى بار نەرسىلەرگە كىرىپ مېڭىۋاتقان ،2چاقىسى بار نەرسىلەرنىڭ ئۇستىدە كىتىۋاتقان ، بوۋاي بەك ھەيران بولۇپ ، بازار ئارىلاپ
كېتىۋاتسا،بىر دۇككاندا كىشىلەر مىنىپ مېڭىۋاتقان موتو شەكىللىك ئۇشلۇغۇچ ئۇچراپ بەك ھەيران قېلىپ دۇككانداردىن سوراپتۇ.
-ئۇكام بۇ نىمە ؟ _
-دۇككاندار -ئاكا بۇ ئۇشلىغۇچ _دەپتۇ،
بوۋاي شەھەردىكى ئادەملەر ئۇشلىغۇچقا مىنىپ ماڭىدىكەن دەپ ئويلاپ ،يەنە مېڭىپتۇ، بىر دۇككاننىڭ ئالدىدا ،چېقىلىپ كەتكەن شوخلا كونسرۋاسى،يولنى قىپ-قىزىل قىلىۋەتكەن ئىكەن بوۋاي مال بىر مال ساتقۇچىغا ،بىر يولدىكى قىزىل سۇيۇقلۇققا قاراپ تۇرۇپتۇ .
بوۋاينىڭ مەخسىدىنى چۇشەنگەن مال ساتقۇچى -بوۋا ئۇ دىگەن شوخلا گەنتۇڭى - دەپتىكەن بوۋاي شەھەرلىكلەر قاننى شوخلا گەنتۇڭى
دەيدىكەن ،توۋا دەپ تېخىمۇ ھەيران بولۇپ،مېڭىۋېرىپتۇ ،بىر دوقمۇشتىكى سەي بازىرىدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يەر تالىشىپ سۇقۇشىۋاتقان ئىكەن، ئەر ئايالنى- ھەي قاشاڭ - دىسە ،ئايال ئەرنى -ئەبگا_ دەپ تىللاپتۇ ،
بوۋاي بولسا -توۋا شەھەرلىكلەر ئاجايىپكىنا ئايالنى قاشاڭ ،ئەرنى ئەبگا دەيدىكەن دەپ ئويلاپ بىر دوقمۇشتا ئولتارسا، موتسىكلىت مىنگەن بىر ئەر، بىر ئايالنى سۇقۇۋېتىپ قېچىپ كىتىپتۇ .ھېلىقى ئايالنىڭ باش كوزلىرى قانغا بويىلىپتۇ .بىر دەمدىن كېيىن قاتناش ساقچىلىرى كىلىپ ئەھۋال ئىگەلىمەكچى بوپتۇ ، بۇ چاغدا ھېلىقى بوۋاي ساخچىلارغا -مەن ماۋۇ دوقمۇشتا ئۇلتۇرغان ،ئۇشلىغۇچ مىنگەن بىر ئەبگا ئاۋۇ ياقتىن كىلىپ ،ماۋۇ قاشاڭنى بىر سۇقۇپ ،شوخلا گەنتۇڭى چىقىرۋېتىپ ماۋۇ تەرەپكە كەتتى ، _ دىگۇدەك