چىرا ناھىيەسى 5- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
ھەممە ياق باھارنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمگەن باش ئەتىيازدا، چىرا ناھىيەسى ناھىيەنىڭ ئاممىۋىي ۋە ئەنئەنىۋىي تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇم خەلق تەن ساغلاملىق پائالىيەتلىرىنى كەڭ تۈردە قانات يايدۇرۇش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپچانلىقى ھەم كۆتۈرەڭگـۈ مەنىۋىي روھىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىپ، ئاكتىپ، ساغلام، مەدەنىي بولغان زامانىۋىي تۇرمۇش قارشىنى تېكلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، خەلق ئاممىسىغا يېقىنلىشىپ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئەلنەپ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاممىۋىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ھەمدە ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىكى مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، 5- مارتتىن 7- مارتقىچە 5- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
مۇسابىقە ھەرقايسى يېزا- بازارلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك مەھسۇلاتلىرى، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، پاراتتىن ئۆتۈش، سەنئەت نۇمۇرلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق باشلانغان بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى يەتتە يېزا، بىر بازار ۋە سېرىق كوچا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى قاتارلىق توققۇز كوماندىن كەلـگەن 780 نەپەر تەنھەرىكەتچى، چىرا ناھىيىسىنىڭ ئەل ئىچى تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىن ئوغلاق تارتىشىش، مىللىيچە چېلىشىش، قوچقار سۇقۇشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، ئات بەيگىسى، ئات يورغۇلۇتۇش، تۈگە چاپتۇرۇش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، پۇتنى باغلاپ قۇيۇپ يۈگۈرۇش قاتارلىق 11 چوڭ تۈر، 26 كىچىك تۈر بۇيىچە ماھارەت مەيدانىدا ئادىل مۇسابىقىلىشىپ، يېڭى دەۋر دېھقانلىرىنىڭ قىياپىتى، ئارزۇسى، خۇشاللىقى، ئىناق- ئىتتىپاقلىقى، تۇلۇپ- تاشقان قىزغىنلىقى، كۆتۈرەڭگۈ روھى، ئۇلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي تۇرمۇشى نامايەن قىلىندى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 30 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىنىڭ قىزىقىپ كۆرىشىگە سازاۋەر بولدى.
ئاخىرىدا ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە ئومۇمىي نۇمۇردا 1- 2- 3- دەرىجىگە ئېرىشكەن ئۈچ يېزا- بازار، مەدەنىيەتلىك كۇماندا بولۇپ باھالانغان ئىككى يېزا- بازار، تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىككى يېزا- بازار ھەمدە يەككە تۈرلەر بويىچە نەتىجىگە ئىرىشكەن 124 نەپەر تەنھەرىكەتچى 48 مىڭ يۈەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
سۈرەتتە: چىرا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر قىسىم كۆرىنىشلىرىدىن ئۆرنەكلەر