كۆرۈش: 5610|ئىنكاس: 4

سايرام قېتىقى ھەققىدە ھېكايە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

ئىسىمى
izdinix
تىللا
64
تۆھپە
4
UID
5090
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 23:35:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەل ئىچىدە تارالغان سايرام قېتىغى    ھەققىدىكى    رىۋايەتلەر


1- رىۋايەت:  ئۇزاق يىللار ئىلگىرى سايرام ۋىلايەت دەپ ئاتىلىپ،ئەتىراپىدىكى خېلى كۆپ يۇرتلارنى ئۆزىگە قاراتقان .شۇ چاغلاردىكى خەلق تولىمۇ مېھماندوست بولغاچقا بۇ يۇرتقا كېلىپ كېتىدىغانلارمۇ كۆپ بولغان ، باي غوجام ئەمەلدارلار سايرامغا كېلىپ تۇرغان  ھەم دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە قېتىق بىلەن مىھمان بولۇشقان. ئۇ يەرنىڭ قېتىقى بەك تاتلىق بولغاچقا  بۇ غوجاملار كۈندە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قېتىق ئىچىدىكەن .بۇنىڭ بىلەن قېتىقنىڭ نامى ئەتراپتىكى يۇرتلارغا تارالغان ھەم قېتىق ئىچىدىغان غوجاملار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ  ئۇلار ئىچىدىغانغا قېتىق يىتىشمەي قالغان بىراق ئۇلار يەنىلا قېتىق ئىچكىلى كېلىۋەرگەن ھەم  باي غوجاملار ئۆي- ئۆيگە قېتىق سېلىقى سالغان . بۇ خىل  ئالۋاڭغا  بەرداشلىق بىرەلمىگەن قېتىقچى دىھقانلار  باي غوجىلارنىڭ ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەپچىل بىر  چارە ئويلاپ تاپقان : بىر چارۋىچى، تەخىيى بار ئورۇق بىر ئىشەكنى يېتىلەپ كىرىپ: -غوجىلىرىم،  ئىشىگىمدىن زادىلا سۈت چىقمايۋاتىدۇ!  مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر!ئىشەك بەك ئورۇقلاپ كەتتى ئەمدى قانداق قىلارمەن دەپ دات ئېيتقان. بۇنى كۆرگەن بەگ غوجاملار ھەيران قالغان ،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قېتىق ئىچكىلى زادىلا كەلمەيدىغان بولغان. مانا بۇ ئىشەك قېتىغى ئىچكەن سايراملىق دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشى.  
                                                      
2-رىۋايەت
سايرام ۋىلايەت دەپ ئاتىلىپ بەدۆلەت سايرامغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە  سايرام شەھرىنىڭ جەنۇپ تەرپىدىكى سۈيى ئەلۋەك ئوت چۆپلىرى مول ‹‹ تۈگمەن بېشى ›› دىگەن مەھەللىدە ئىككى نەۋىرسى بىلەن يار –يۆلەكسىز قالغان بىر موماي  بولۇپ، ئۇ قېتىق-قايماق سېتىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدىكەن .شۇ كۇنلەردە سايرامدا تۇرغان بەدەۋلەت ئەسكەرلىرى ،داۋاملىق قېتىق ئىچىپ پۇلىنى بەرمەيدىكەن.بۇ زۇلۇمغا چىدىمىغان موماي نەۋىرلىرىگە گەپ ئۆگىتىپ :‹‹ ئەتە ئەسكەرلەر كىلىپ قېتىق ئىچىپ ئولتۇرغاندا ،ئەي ئانا تەخەي ئانىسىنى ئىمىپ كەتتى  ئەتە قېتىق ئۇيىتالمايدىغان بولدۇق دەپ توۋلاڭلار›› دەپتۇ.دىگەندەك ئەتىسى ئەسكەرلەر كېلىپ موماينى يەنە قېتىق ئەكىرىشكە بۇيرۇپتۇ . دەل شۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق بالىلار  سىرتتىن يۈگىرەپ كېلىپ موماينىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە:‹‹ ئەي ئانا تەخەي ئانىسىنى ئىمىپ كەتتى،ئەتە قېتىق ئۇيىتالمايدىغان بولدۇق›› دەپ توۋلاپتۇ.  بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر قولىدىكى قېتىق قاچىلرىنى يەرگە ئېتىپ قول ئېغىزلىرىنى چايقىشىپ موماينى بىر قانچە ئېغىز تىللىۋېتىپ چىقىپ كېتىپ ئىككىنچى قېتىق ئىشكىلى كىرمەپتۇ.
شۇندىن كىيىن ئەتىراپقا ‹‹ ئىشىك قېتىغى ئىچىدىكەن سايراملىقلار ›› دىگەن گەپ تارقىلىپتۇ.                                                      
3-رىۋايەت
سايرام ۋىلايەت دەپ ئاتىلىپ بەدۆلەت سايرامغا ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئەنجانلىق ئەسكەرلەر كىشلەرنىڭ ئۆيلىرگە كىرىپ زورلۇق قىلىپ ، قېتىق قايماق ئىچىپ پۇل بەرمەيدىكەن.بۇ مەھەللىدە زەيناپخان ئىسىملىك بىر موماي بۇلۇپ ئېرى كىسەل بۇلۇپ قېلىپ،داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەي ئۆلۈپ كەتكەن. ئوغلى بولسا ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ئىز-دېرەكسىز يۇقالغان،بىچارە موماي كىچىك ئىككى نەۋرىسى بىلەن  يار-يۆلەكسىز قالغان ئىكەن.موماينىڭ بىر ئىنەك كالىسى بۇلۇپ،ھەر يىلى بىرنى مۇزايلايدىكەن،موماي ئەنە شۇ ئىنەكنى سېغىپ ، سۈت-قايماق سېتىپ تۈرمۇشنى مىڭ جاپادا قامداپ كەلگەن ئىكەن.سايرام شەھىردە تۇرۋاتقان ئەنجانلىق ئەسكەرلەر موماينىڭ ئۆيگە كۈندە كىرىپ، زورلۇق بىلەن قېتىق ئىچىپ پۇل بەرمەيدىكەن.موماي ئويلاپ بىر ئەپچىل چارە تېپىپتۇ.ئۇ نەۋرىسنى يېنىغا  چاقىرىپ ‹‹ ئەي بالام ئەتە ئەسكەرلەر ئۆيگە كىرىپ ، قېتىق ئىچىپ ئولتۇرغاندا ، سەن ئارقىدىن ئۆيگە كىرىپ ، ئەي ئانا تەخەي ئانسىنى ئىمىپ كەتتى ئەتە قېتىق بولمايدىغان بولدى ، ئەتە ئەسكەرلەر قېتىق ئىچەلمەيدىغان بولدى دېگىن ›› دەپ ئۆگۈتۈپتۇ. ئەتسى ئەسكەرلەر قېتىق ئىچىشكە تەمشەلگەندە نەۋرىلەر ئانسىنىڭ ئۆگەتكىنى بۇيىچە ھېلقى سۆزلەرنى دەپتۇ . ئەسكەرلەر بىر-بىرگە قارشىپ ئەي كەمپىر بالاڭ نېمە دەيدۇ ؟ دەپتۇ . موماي قەددىنى رۇسلىۋېلىپ ، تەمكىنلىك بىلەن سىلەر بەدۆلەت خاننىڭ ئەسكەرلىرى شۇڭا سىلەرگە راستىنى دېمىسەم بولماس بىزنىڭ ئائىلدە بىرلا تەخەيلىك ئىشەك بار مەن كۈندە ئىشەكنى سېغىپ قېتىق قايماق قىلىپ سېتىپ كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن . بۈگۈن ساتقىلى تەييارلاپ قويغان تۆت قاچا ئىشەك قېتىقىنى ئۆزلىردىن ئايماي ئالدىلىرغا قويغان ئىدىم باغلاپ قۇيغان تەخەي ئارقاننى ئۈزۋېلىپ ئانسىنى ئىمىپ كېتىپتۇ . نەۋرەم : ئەتە سېغىپ قېتىق قىلدىغان ئىشەكنىڭ سۈتىنى تەخەي ئىمىپ كەتتى ، خاننىڭ ئەسكەرلىرى ئەتە قېتىق ئىچەلمەيدىغان بولدى دەپ ھەرقايسلىردىن ئەپۇ سوراۋاتىدۇ . دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ . ئەسكەرلەر گپنى ئاڭلاپ ئچۋاتقان قېتىقلىرنى تاشلاپ قاچىسىنى چېقىپ ، موماينى ھازا تىللاپ ، ئۆز ئىشلىرغا راۋان بۇلۇپتۇ ، ئەنە شۇندىن باشلاپ زەينەپخان موماي ئەسكەرلەرنىڭ پۇل بەرمەي زورلۇق بىلەن قېتىقلىرنى ئىچۋېلشىدىن قۇتۇلۇپتۇ . موماي يەنە بەدۆلەت خانغا ئەسكەرلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان قېتىقلىرنى ئېچۋېلىپ پۇل بەرمىگنلىكى توغرىسدا شىكايەت قىپتۇ . نەتىجدە بەدۆلەت خان موماينىڭ تۇنۋېلىشى بىلەن تۆت نەپەر ئەسكەرنى باغلاپ ، خالايىققا جاكارلاپتۇ : ئەي سۈيۈملۇك سايرام ئەھلى ئاڭلاپ تۇرۇڭلار مەن ھازىر ئەمىر قىلمەن ، تۆت نەپەر ئەسكىرىمنىڭ قۇرسىقدىن قېتىق چىقسا موماينىڭ شىكايىتى راسىت،ئەسكەرلىرىمنىڭ قېتىق ئىچىپ پۇل بەرمىگەنلىكى راسىت بۇلىدۇ . ئۇ چاغدا مەن ئەسكەرلىرىمگە ئىبرەت بۇلۇش ئۈچۈن موماينىڭ يىللاردىن بۇيانقى بارلىق چىقىملىرنى ھەسسىلەپ تۆلىتىپ بېرىمەن . ناۋادا ئەسكەرلىرىمنىڭ قۇرسىقدىن قېتىق چىقماي قالسا ، تۆھمەتخور موماينىڭ بارلىق ئەۋلادلىرنى قىرىپ تاشلايمەن دەپتۇ  . نەتىجىدە ئەسكەرلەرنىڭ قورسقدىن قېتىق چىقپتۇ . موماينىڭ شىكايىتى راسىت بۇلۇپ چىقىپتۇ . سايرام خەلقى شادلىققا چۈمۈپتۇ . بەدۆلەت خان سايرام خەلقى ئالدىدا رەسۋا بۇلۇپتۇ . ئۇ بارلىق ئەسكەرلىرگە ئەنجانغا قايتىشغا بۇيرۇق قىپتۇ . سايرام خەلقىنىڭ خوددى ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان سىياسى كۆرشى قاينىمدا نېمە قىلارنى بىلمەي قالغان ياقۇپبەگ ئۆز ئەسكەرلىرنىڭ سايرام خەلقىگە سالغان جەبرى جاپالىرگە ئەپۇ سوراش يۈززسدىن 3 يىلغىچە خەلقتىن باج-سېلىق ئالماسلىق توغرىسدا يارلىق جاكارلاپ سايرام خەلقىنىڭ كۆرەش قاينىمدىن تەستە قۇتۇلۇپ كۇچاغا قاراپ يول ئېلىپتۇ . ياقۇپ بەگنىڭ ئەنجەنغا قايتىش بۇيرۇقىنى ئالغان ئەسكەرلىرى يول بۇيى قوشاق قېتىپ ۋارقىراپ :
ھايۋاننىڭ يامانى ھاراملىق ،
ئادەمنىڭ يامانى سايراملىق.
ئەنجانلىقنىڭ ئەقلىنى بۇلغىدى ،
ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق.
بۇ سايرامنىڭ يامان ئىكەن سودا سېتىقى ،
بۇ سايراملىق ئىچەر ئىكەن ئىشەك قېتىقى .
دەپ تاكى سايرامدىن ئەنجانغىچە كېچە-كۈندۈز ۋارقىراپ سايرام خەلقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ دەرىت تۈكۈشۈپ يۇرتىغا مېڭىپتۇ  .      
‹‹ ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق ›› دېگەن لەقەم شۇنىڭدىن قاپتۇ . ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى دېگەندەك سايرام خەلقى بىر پاي ئوق ئاتماي ، بىر قېلىچ چاپماي ئەقىل پاراسەتكە تايىنىپ ئەنجانلىق ئەسكەرلەرنى ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئەنجانلىق ئەسكەرلەرنىڭ تۆھمەت شىكايىتىگە ئاساسەن ‹‹ ئىشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق ›› دېگەن لەقەم سايرام خەلقىنىڭ پەخىرلىك نامىغا ئايلىنىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئەل ئارسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە .                        



شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

ئىسىمى
ئابلا ھەسەن
تىللا
226
تۆھپە
17
UID
4825
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 23:19:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەجىرىگە ھورمەت  قىلايلى


Rank: 2

ئىسىمى
ئابلا ھەسەن
تىللا
226
تۆھپە
17
UID
4825
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 16:08:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يوللاپسڭز. لىكىن بۇ ئەسەرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى يازماپسىز  مۇشۇنداق قىلساق بۇلارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟بۇ ئەسەرنىڭ كىلىش مەنبەسىhttp://www.guzalbay.com/forum.php?mod=viewthread&tid=447#lastpost


Rank: 1

ئىسىمى
izdinix
تىللا
64
تۆھپە
4
UID
5090
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 23:40:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

ئىسىمى
izdinix
تىللا
64
تۆھپە
4
UID
5090
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 23:37:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 15:33, Processed in 0.073220 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991