تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1136|ئىنكاس: 14

بەزىلەر بانكىنى مۇنداق جايلايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
491
تۆھپە
306
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 20:38:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەزىلەر بانكىنى مۇنداق جايلايدۇ



    يۈننەننىڭ كۇنمىڭدا بىر ئادەم ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالماقچى بولۇپ ، 400يۈەننى بېسىپتكەن ، ماشىنىدىن 4000يۈەن چىقىپتۇ .بۇ ئىشتىن كېيىن بانكا تەرەپ ھېلىقى ئادەمدىن ئارتۇق پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىپتۇ ، ئۇ ئادەم بانكىغا جاۋاپ خەت يېزىپ ، مۇنداق دەپتۇ .
  1. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆيۈمگە كېلىپ پۇلنى ئەپكەتسەڭلار بولىدۇ ؛ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 7 بىلەن 8 نىڭ ئارلىقىدا ، كەچ سائەت 7بىلەن 9 نىڭ ئارلىقىدا . باشقا ۋاقىتتا كېلىپ خىزمەت ۋە ئارام ئېلىشىمغا دەخلى قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ .
  2. بانكا خادىمى ئۆيۈمگە كەلگەندىن كېيىن كارىدۇردا نومۇر ئېلىپ ، پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ مېنىڭ چاقىرىشىمنى ساقلايدۇ . ساقلاش ئورنى ئىشىگىمنىڭ ئالدىدىكى سېرىق سىزىقنىڭ بىر مېتىر سىرتىدا بولىدۇ .
  3. ئىناۋەتكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىپ ، مومامدىن جەدىۋەل ئېلىپ تولدۇرۇپ ، تامغا بېسىپ ئىمزا قويىدۇ . مەن تامغا ۋە ئىمزانى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرىمەن ، ئېنىق بولمىسا قايتا جەدىۋەل ئېلىپ تولدۇرۇپ تامغا بېسىپ ئىمزا قويىدۇ ۋە مېنىڭ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشۈمنى كۈتىدۇ .
  4. مېنىڭ قانچە پۇل ئالغىنىمنى سورىغۇچى ھېسابات تەكشۈرۈش ھەققى ( 2يۈەن \ قېتىم ) تاپشۇرىدۇ .
  5. ئىدارىنىڭ ئىسپاتى ، ھاۋالەقىلىش ئىسپاتى قاتارلىق ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك . ( "قاتارلىق" دېگەن خەتكە دىققەت قىلىڭ ، ئىش بېجىرىش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئېسىمگە كەلگەن باشقا ئىسپاتلارنى ئۆزىڭىز بېرىپ ئەپكىلىسىز )
  6. مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر تۇللۇق بولغاندىن كېيىن ، رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ( 4يۈەن \ قېتىم) تاپشۇرۇپ ، ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كېتىڭ . مەن مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى خوتۇنۇمغا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا تاپشۇرىمەن ، ئەڭ تېز بولغاندا 20 خىزمەت كۈنىدە جاۋابى چىقىدۇ . پۇل ئالغىلى كەلگەندە 3، 2، 1 باسقۇچنى قايتا ئورۇندايمىز ، قوشۇمچە 50يۈەن پۇل مۇئامىلە رايۇن ئاتلاش ھەققى ئېلىنىدۇ .

Rank: 2

ئىسىمى
ئەنسەر
تىللا
73
تۆھپە
22
UID
5782
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 22:11:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرماڭ يارەي ، سىزگىمۇ بارەي ............تازا ياخشى قىپتۇ


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نەفىسە
تىللا
508
تۆھپە
243
UID
5838
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 22:19:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمدىگەن ئەقىللىقتۇ-...............................


قارىسام كۆرىنمەيدۇ دۇنيانىڭ چېتى ،
بۇ دۇنيا بىر كونا رابات، بىز يول ئۆتكۈچى.نەفىس

Rank: 4

ئىسىمى
نۇرمەمەت
تىللا
387
تۆھپە
52
UID
3736
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 22:26:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قالتىس جايلاپتۇ


Rank: 4

تىللا
413
تۆھپە
106
UID
3753
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 23:57:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارغاندا بانكىدىن پۇل ئىلىش جەرياندا تازا جىلى بوپتىكەن.بانكىمۇ كۆرۈپ باقسۇن


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ۋىسال
تىللا
395
تۆھپە
277
UID
351
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 00:52:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ ئىتەكلەر ياقا بولدى،ياقىلار ئىتەك › دىگەن شۇدە. بانكىنىڭ قىلغىنى ئۆزىگە بىلىنمىگىنى بىلەن شەخسىنىڭ قىلغىنى بەك بىلىنىپ كىتىشى مومكىن.


كىمنىڭ ھاياتىدا ئىلىم بەرگۇچى ئۇستازى بولمىسا،دىمەك ئۇنىڭ ئۇستازى شەيتاندۇر

Rank: 6Rank: 6

تىللا
619
تۆھپە
380
UID
270

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 01:02:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇ شۇ بانكا دېگەن بۇرۇن پۇلنى بانكىغا قويسان ئۈسۈم بېرىدىغان ، ھازىر ئەكسىچە پۇلنى بانكىغا قويسىڭىز سىزدىن ساقلاش ھەققى ئالىدىغان بوپ كەتتى !  ھەي .....


مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەنلىك ئۇ  شۇئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىن ئەمەس .

Rank: 2

تىللا
154
تۆھپە
49
UID
6163
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 02:08:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنى - بۇنى دېگەن بىلەن بانكىنىڭ ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىمىزغا پايدىلىق نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، لېكىن بىز كونا قاراش بويىچە بانكىنى پەقەت پۇل ساقلاپ پۇل ئالىدىغانلا جاي دەپ قارىغاچقا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىالمايۋاتىمىز. ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەتئەللەردە بانكىنىڭ نۇرغۇن قولايلىق تەرەپلىرىدىن ئاجايىب ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى بىلىدىكەن. بىز پەقەت بانكىدىكى ئۆچرەتنى ۋە قىسمەن ئاۋارىچىلىقلارنىلا ئويلىماي بىر قەدەر ئىلمى بولغان ئىقتىسادى كاللا بىلەن بانكىنىڭ رولى ۋە فونكىسسىيىسىنى ياخشىراق چۈشىنىپ باقىدىغان بولساق بۇنىڭ بىزگە بانكىدا ئۆچرەت كۆپ دەپ قاقشاپ ئولتۇرغانغا قارىغاندا كۆپ پايدىسى بار. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە  ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.،


Rank: 2

تىللا
154
تۆھپە
49
UID
6163
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 02:11:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئارىدا بانكا خادىملىرى بولسا بانكىنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ بىر قەدەر كۆپ ۋە زىل بولۇشىنىڭ يەنىلا شۇ بانكىنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ مەنپەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق بولغانلىقىنى بىلىدۇ. بىرەرە ھادىسىنى نوقۇل شەكىل جەھەتتىن يۈزەكى كۆزەتمەي سەل ئىچكىرىلەپ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئىنتىلسەك بىزگە كۆپ پايدىسى بار.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
890
تۆھپە
408
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 11:22:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى بانكا خادىملىرى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھۆركىرەشلىرى تېخى خۇددى بىزگە بىر پۇڭ تېپىشىپ بەرگەندەك .كەسىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزتىمىز دەيدۇ يەنە مۇشۇنداق ئىشلار قاچان تۈزلەر ھەە .
ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-31 20:57, Processed in 0.074203 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991