تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 51 پارچە  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 42|ئىنكاس: 2

باي بولۇش تەسەۋۋۇرىنى قىلىش ئاسانمۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسمى
كارۋانىم
تۆھپە
158
تىللا
813
ئىناۋەت
357
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    باي بولۇش تەسەۋۋۇرىنى قىلىش ئاسانمۇ؟


# h0 G% B- g( f% [  Z) x    كونىلاردا «ھەممە ئىشنىڭ باشلانمىقى تەس» دەيدىغان گەپ بار. ھەر قانداق بىر بۈيۈك تەسەۋۋۇر ۋە ھەرىكەت ئەمدىلا باشلانغان چاغدا قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولىدۇ. بۇ خۇددى ماشىنا دەسلەپ قوزغىلىدىغان چاغدا بىر قەدەر كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، ئۇچقاندەك تېز ماڭغان چاغدا ئەكسىچە ئازراق ئېنېرگىيە سەرپ قىلغاندەك ئىش. ئەگەر سىزدە سىزگە زور بايلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىر بۈيۈك پىلان بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئىشىڭىزنىڭ باشلىنىشىنى چىڭ تۇتۇڭ. بىر ئادەمنىڭ ئىشنى باشلاپلا غەلىبە قىلىشى ئاسان ئەمەس. ئىشنىڭ باشلىنىشىدا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرايدىغان گەپ. چۈنكى، بۇ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بىر باشلىنىش جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان سىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىڭىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.; i- G5 @; n3 `1 `$ }) {4 Q
: d; ~  r% t7 E+ _' Q0 ~7 e4 U# A
بىز بىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى يېڭى ئىش باشلىغان چاغدا نۇرغۇن ئازاب ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلەر بولۇپ، تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز ئۇلارنىڭ ئىشنى ئەمدى باشلىغان ياش ۋاقىتلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. بۇلار ھەممىسى داڭ چىقارغان مۇۋەپپەقىيەتچىلەر. ئەمما، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىسىغا تالاي قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار يوشۇرۇنغان. 9 ?6 Y4 g: c, R: j& y
0 Q8 G2 G) a/ q
ئامېرىكا كەسپى پۇتبول تېرىنىرى ۋىنىس لۇنبارد. ئۇ گەرچە داڭلىق پۇتبول تېرىنېرى بولسىمۇ، ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئۇنى «پۇتبولنى ئاز- تولا بىلىۋالغان، كەسىپتىن ئانچە خەۋىرى يوق، جەڭگىۋارلىقى كەمچىل» دەپ تەنقىدلىگەن.
$ M% {0 J2 F- u+ V. D1 v! |8 P/ a. I0 o! Q3 R, C2 L0 P
پەيلاسوپ سوقرات ياش ۋاقتىدا كىشىلەر تەرىپىدىن «ياشلارنى چۈشكۈنلۈككە باشلاپ چىرىتكۈچى كىشى» دەپ پەس كۆرۈلگەن.
" ^4 o2 r5 ?, C7 \! [7 P1 E7 N  ^! D' E, |
پىتىر دانئىل باشلانغۇچنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا ئوقۇتقۇچىسى فىلىب خانىم دائىم ئۇنى: «سېنىڭ ئۆگىنىشىڭ ياخشى ئەمەس، كاللاڭ ئىشلىمەيدۇ، كەلگۈسىدە بىرەر چوڭ ئىش قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما» دەپ تىللايتتى. پىتىر 26 ياشقا كىرگەندە ئاران بىر نەچچە ھەرىپنىلا تونۇيتتى. بىر قېتىم دوستى ئۇنىڭغا: «پەقەت تەپەككۈرلا باي بولۇش يولىغا باشلىيالايدۇ» دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ بەرگەندە ئۇ ئىنتايىن زور ئىلھام ئالىدۇ. ھازىر ئۇ ئەينى ۋاقىتتا دائىم جىدەل چىقىرىپ ئۇرۇشىدىغان كوچىنى نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋالدى ھەمدە «فىلىب خانىم، سەن خاتالاشتىڭ» ناملىق بىر كىتابنى نەشىر قىلدى.
1 K  ^2 ?2 o5 n' `3 m! U3 y' B9 h0 }1 f$ u$ T. D4 x4 T
ئېدىسون ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بۇلغان  مەشھۇر ئالىم  بولۇپ، ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئىنكاسى تولىمۇ ئاستا بولغاچقا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆگىنىش ئىقتىدارى يوق، دەپ ياخشى كۆرمەيتتى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرى ئۇنى «دۆت» دەپ كۆزگە ئىلمايتتى. ! Y2 y% x* `$ a9 X
ئېينىشتىيىن تۆت ياشقا كىرگەندە ئاران گەپ قىلالىغان. 7 ياشقا كىرگەندە ئاندىن خەت تونۇشقا باشلىغان. ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا: «ئىنكاسى ئاستا، كۆپچىلىككە ئارىلاشمايدۇ، كاللىسى ئەمەلىيەتكە سىغمايدىغان قۇرۇق خىيال بىلەن توشۇپ كەتكەن» دەپ باھا بەرگەن. ئۇ ئەمەلىي ئىپادىسى ناچار بولغانلىقتىن ئوقۇشتىن چېكىنىش قىسمىتىگە ئۇچرىغان. ئۇ ھەتتا سىيورىف تېخنىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇش ئىلتىماسى سۇنغاندا رەت قىلىنغان. # h6 j2 Q0 Y4 p3 h9 E& d
7 E6 t5 E) F( b
چېرچىل. چېرچىل باشلانغۇچنىڭ 6- يىللىقىدا ئوقۇيدىغان چېغىدا يۇقىرى سىنىپقا كۆچەلمىگەن. ئۇنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئۆمرى مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىق بىلەن تولغان. 62 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئەنگىلىيەگە باش ۋەزىر بولۇپ سايلىنىپ، «مويسىپىت» سالاھىيىتى بىلەن ئالاھىدە چوڭ رول ئوينىغان.
* J7 \+ p; H/ w$ s% A. i% P& s9 z9 [2 V! r; V6 b
يۇقىرىقىلار ناھايىتى ئاز بىر قىسىم داڭلىق زاتلارنىڭ ئەينەن قىسمىتى. يەنە بىز تىلغا ئالمىغان، ئەمما ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۇنياغا داڭلىق كىشىلەر خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىدار جەھەتتە ناھايىتى ئادەتتىكىچە، ھەتتا ئەينى چاغدا باشقىلار تەرىپىدىن «يارىماس» دەپ ئەيىبلەنگەن كىشىلەر ئىدى. ئەگەر سىزدىن بىرى: «ئۆزىڭىزنىڭ پات ئارىدىلا مىليونېرغا ئايلىنالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنەمسىز؟» دەپ سورىسا، بەلكىم سىز: «شۇنداق بولىشىنى بەكمۇ خالايتتىم، لېكىن مېنىڭ قابىلىيىتىم ئۇنىڭغا يەتمەسلىكى مۇمكىن» دېيىشىڭىز مۇمكىن. نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ جاۋابى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. " @" a# v0 G4 a2 J5 ~8 Z; b

! a% M# \% \9 T: Q) [! D* p3 a/ Tتۇرمۇشتا بىز دائىم مۇنداق ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز: ئەتراپىڭىزدىكى سىزگە ناھايىتى تونۇشلۇق بىرەرسى كەسىپتە ياكى تىجارەتتە ئۇتۇق قازىنىپ، بىردىنلا داڭلىق كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالسا، سىز ئۇنى تەلىيى باردەك ھېس قىلىسىز، چۈنكى، سىز ئۇنى: «مەن ئۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن، ئۇنىڭدا نەتىجە قازانغۇدەك قابىلىيەت يوق ئىدى» دەپ ئويلايسىز. بۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش بىلەن سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىز ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتىلا بولىشى ناتايىن.
; s6 i( V. ^# d% J" G
/ T' L6 M; x! H- }5 `% ~8 gبۇ جەمئىيەتتە چوڭ ئارزۇ، غايىلىك كىشىلەر بار. لېكىن، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغان كىشىلەر نۇرغۇن. قابىلىيىتى تۇرۇپ جارىي قىلدۇرالمايدىغانلارمۇ ساماندەك. لېكىن، ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولغان كىشىلەر ئارىسىدىن چوڭ ئۇتۇق قازانغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب: شۇ كىشىنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقىدا. ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى قابىلىيەت پەرقى ئەسلى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، پۇرسەت خۇددى چوڭايتقۇچى ئەينەكتەك بۇ پەرقنى ئەينەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. + o- D7 v# p4 K8 X% Y) ^8 d, T
" r. F2 }. u! \+ u0 Q, t: {$ B4 M% w/ ]
جۇڭگودا «ئالدىن قول سالالىغىنى كۈچلۈك» دەيدىغان گەپ بار. پۇل تېپىشتا تېخىمۇ شۇنداق. ئەڭ ئالدىدا ماڭغانلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى، يول ئاچقۇچىلىرى بولۇپ قالىدۇ. ئامېرىكىدىكى فورد، روكفېللىر، بىلگەيتىس قاتارلىق خەلقئارا دەرىجىلىك بايلارنىڭ ھەممىسى بالدۇر قول سېلىشنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى بولۇپ، پۇرسەت ئالدىدا ئۇلار قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئىش باشلاپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇڭا، ئەگەر سىزمۇ مىليونېر بولاي دىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇرۇنراق ئۆزىڭىز ئۈچۈن يول ئېچىڭ. شۇندىلا باي بولۇش تەسەۋۋۇرىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.+ W; P' Q6 s+ {( U/ Y8 O

, v7 E' d: |. ^شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى
) t' a* W- F7 p4 l9 m( u5 o( K0 X% J) ]4 Q

Rank: 3Rank: 3

ئىسمى
ئالتۇن چىشلىق ئىت
تۆھپە
41
تىللا
160
ئىناۋەت
88
UID
123
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۇر قىلىش ئاسان ، لىكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەس - مىڭچە ؛7 h1 }0 s& M5 t. L
بۇ تېىمىڭىزغا رەھمەت ،مۇنۇ قۇر جۈملىنى خاتىرەمگە يىزىۋالاي : + Z- w- z# M' D2 j  \

3 l, C3 e( Z2 T( i8 w+ k«ئالدىن قول سالالىغىنى كۈچلۈك» دەيدىغان گەپ بار. پۇل تېپىشتا تېخىمۇ شۇنداق. ئەڭ ئالدىدا ماڭغانلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ ئىزدەنگۈچىلىرى، يول ئاچقۇچىلىرى بولۇپ قالىدۇ
- L! U9 N$ z& k: D; e2 q% G: ~7 O+ q1 M- o


Rank: 8Rank: 8

ئىسمى
ئەخمەتجان مەتقۇربان (مۇڭداش)
تۆھپە
412
تىللا
1413
ئىناۋەت
519
UID
173

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپكەن. تېمىڭىزغا تەشەككۈر!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )

GMT+8, 2011-10-5 06:47, Processed in 0.067748 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش