كۆرۈش: 10285|ئىنكاس: 4

نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى ۋە ماتېرىياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پەرۇق
تىللا
196
تۆھپە
92
UID
5431
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 14:29:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى



1. نورۇز ئېشى ئېتىش ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار (10كىشىلىك)

قوي قوۋۇرغا گۆشى 1كىلو،

قوي باڭزىسى 2 دانە ،

قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام،

بۇغداي 1كلو،

كۆكباش قوناق 200گرام،

نوقۇت 200 گرام،

گۈرۈچ 100 گرام،

كۆكپۇرچاق 100گرام،

ماش 100 گرام،

تېرىق 100گرام،

ئارپا 100گرام،

قىزىلپۇرچاق 100 گرام،

سۇ ماي 200 گرام ،

قىزىلمۇچ 500 گرام،

سەۋزە 1باش ،

پىياز 1 باش ،

پەمىدۇر 2 دانە ،

ئاش كۆكى 100 گرام ،

چانغۇر 500 گرام ،

تۇرۇپ 200 گرام ،

زەنجىۋىل 50 گرام ،

سامساق 100 گرام ،

تۇز يېتەرلىك ،

ئاچچىقسۇ 100 گرام ،

قېتىق 50 گرام ،

ئاقمۇچ 20 گرام ،

شېكەر 30 گرام.


2.  تەييارلاش جەريانى :

1،  6 سائەت بۇرۇن بۇغداي، پۇرچاقلار، نوقۇت، ئارپا، تېرىق، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.   كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.

2، بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن باڭزىلار سېلىنىپ يېتەلىك سۇ (تەخمىنەن 10كىلو) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ .

3، شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا سەۋزە، چامغۇر، قىزىلمۇچ، پەمىدۇر، تۇرۇپلار كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلىنىدۇ، سامساق، پىياز، زەنجىۋىللەر چانىلىدۇ، ئاشكۆكى 2 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىنىدۇ. لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ

4، قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ، چامغۇر، سەۋزە، تۇرۇپ سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات- پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك .  

5، يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن ، پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، تۇز قىزىلمۇچ، تۇز، شېكەر، ئاقمۇچ، ئاچچىقسۇ  ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ تەييار قىلىنىدۇ .

6، قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، قېتىقنى قۇيۇپ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇپ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .


ئالاھىدىلىكى :    بۇ تۈركى، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى، تۇزلۇق، تاتلىق، ئاچچىق- چۈچۈك، مەززىلىك پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2226
تۆھپە
1647
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 19:22:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئوبدان چارىدىن بىرسى بار بولدى، خانىمغا دەپ بىرەي


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
1204
تۆھپە
804
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 21:59:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ تېمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە !چۈشۈرۋالساق بۇلامدۇ ؟چەكلىمىگەن بولسىڭىز .


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 17:53:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەۋرۇز ئېشى ئېتىش ئۇسۇلى بىزنىڭ نەۋرۇز ئېشى ئىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىكەن .بىزنىڭ يۇرۇتتا ئاشقا سالىدىغان خۇرۇشلارنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرىلارپ دانلىق زىرائەتتىن 7خىل دانسىز زىرائەتتىن 7خىل مىۋىدىن 7خىل سېلىپ ئىتىدۇ .بۇنىڭدا 3-ئاينىڭ 21-كۈنى دىگەن سان چىقىدۇ.تارىختىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز شۇنداق ئىتىپ كەلگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   polat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-28 17:54  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پەرۇق
تىللا
196
تۆھپە
92
UID
5431
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 00:50:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
skod يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 21:59
بۇ تېمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە !چۈشۈرۋال ...

ئەلۋەتتە بولىدۇ


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 16:44, Processed in 0.077572 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991