تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1078|ئىنكاس: 39

نورۇزمۇ؟ نەۋرۇزمۇ؟ نۇرۇزمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5348
تۆھپە
2344
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 20:37:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نورۇزمۇ؟ نەۋرۇزمۇ؟ نۇرۇزمۇ ؟



   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، بىز مۇنبىرىمىزدە تور نورۇزى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە كۆپچىلىككە بىر تېما قالدۇرغانىدۇق، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىزنى تەمىنلەشكە باشلىدى. بىراق ئەۋەتىلگەن تېمىلاردا بۇ بايرامنىڭ ئاتىلىشى خىلمۇ خىل ئېلىنغان بولۇپ، مېنىڭچە مۇشۇ ئاتالغۇدا بىرلىككە كەلمەي تۇرۇپ، بايرامنى تەبرىكلەيمىز دېسەك، بۇ تازا ياخشى بولمىغۇدەك، شۇڭا كۆپچىلىككە ئەنئەنىۋىي بايرىمىمىزنىڭ ئاتالغۇسىنى توغرا ئىستىمال قىلىشىمىز ئۈچۈن ئۇشبۇ تېمىنى قالدۇردۇم . كۆپچىلىك ئىلمىي بەس - مۇنازىرە قىلىپ باقساق . زادى
نورۇزمۇ؟ نەۋرۇزمۇ؟ نۇرۇزمۇ ؟ بۇ ئۈچىدىن زادى قايسىنى ئىشلىتىش كېرەك ؟؟؟
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەمتىمىن
تىللا
579
تۆھپە
251
UID
593

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 21:03:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ  پارىسچە  سۆز بولۇپ  ‹  نەۋرۇز › دەپ ئېيتىلىشى كېرەك   ئىدى  لېكىن  بىر  مىللەت  يەنە  بىر مىللەتنىڭ سۆزىنى ئۆز ئەينى بويىچە قۇبۇل قىلمايدۇ. تىل  ئادىتىمىز   بويىچە  ‹ نورۇز ›   دەپ ئادەتلەنگەن  بولساق كېرەك.
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئەلئامان
تىللا
891
تۆھپە
116
UID
46
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 21:08:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tashqin يوللىغان ۋاقتى  2012-2-25 21:03
ئەسلى بۇ  پارىسچە  سۆز بولۇپ  ‹  نەۋرۇز › دەپ ئېيتىلىشى ك ...

ئوخشاش كۆز قاراشتا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
1814
تۆھپە
620
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 21:34:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بولغاندىمۇ 1- توغرا نورۇز
كۆكتىن تامدۇق يەردىن ئۈندۇق

Rank: 3Rank: 3

تىللا
174
تۆھپە
116
UID
1228
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 22:40:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنۇڭغا ئوقۇتۇقۇچىلار بىر نىمە دىسۇن بىزنىڭ يۇرتتىغۇ كۆپ ھەرىپلەرنى يەۋېتىمىز ....

Rank: 1

تىللا
21
تۆھپە
7
UID
6299
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 22:51:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا نورۇز ياكى نەۋرۇز دېمەي ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى بويىچە سارا چاغان، ياكى سارا دەپ ئاتايلى. چۈنكى نورۇز دېسەك بۇ چەت تىلدىن كىرگەن سۆز. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرى ياشىغان زىمىنلاردىن تۇرپان ۋە قەۋمىمولنىڭ بەزى يېزىلىرىدا تاكى يېقىنكى مەزگىلگىچە بۇ بايرامنى سارا ياكى سارا چاغان دەپ ئاتايدىغانلىقى خاتىرلەنگەن. سارا چاغاندا يىل بېشى بولغان باھار قۇتلۇقلانغان.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
164
تۆھپە
65
UID
690
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 23:00:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىل ئىشلىتىش ئادىتىمىز بويىچە، ھەم ھازىرقى زامان ئىملا لۇىتىنىڭ ئېغىز تىلىنى ئاساس قىلىش فاڭجىن-سىياسىتى بويىچە(مەسىلەن:رادىئو ئەمەس رادىيو). ‹‹نورۇز›› دەپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرىئاي مۇھەممەد
تىللا
835
تۆھپە
231
UID
283

جانلىق ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 23:30:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز دىيىشنى توغرا دەپ قارايمەن.

نەۋ باھار---نەۋ
نەۋقىران ---نەۋ

رۇزغا تەدبىر بېرىدىغانلار بارمۇ؟

Rank: 1

تىللا
28
تۆھپە
10
UID
2679
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 03:08:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ جەھىتتن ئاجىزلىق قىلغۇدەكمەن.يەنىلە  تىلشۇناشلار  ئېنىق بىر چۇشەنچە بەرسە؟

Rank: 4

تىللا
268
تۆھپە
161
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 04:33:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
erdewil يوللىغان ۋاقتى  2012-2-25 23:00
تىل ئىشلىتىش ئادىتىمىز بويىچە، ھەم ھازىرقى زامان ئى ...

قوللايمەن

ئەمما (رادىئو) يېزىق تىل ،( رادىيو ) بولسا ئېغىز تىل ، سىزنىڭچە بولسا يېزىلىشتا  ( نەۋرۇز ) ، ئېيتىلىشتا (نورۇز ) . بۇنى قوللاپ كەتمەيمەن . مېنىڭچە (شەخسى قارىشىم) مەيلى ئېغىز تىل ياكى يېزىقتا بولسۇن ئوخشاشلا ( نورۇز ) دەپ ئېلىنسا بولامدىكىن دەيمەن .

ئۈرۈمچىدىكى تورداشلار ، تىلشۇناس ئالىملاردىن سوراپ باقمامسىلەر (ھەم زىيارە ھەم بىلىم) . سىلەرگە قولايلىق بولغاچقا دەۋاتىمەن ، مېنىڭچە ئالىملار جاۋاپ بېرىشنى ھەرگىز رەت قىلمايدۇ .


سورا-سورا بىلىم ئاپتۇ ، ئۇيىلا-ئۇيىلا كېيىن قاپتۇ ؛  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 13:49, Processed in 0.079366 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991