1 S: u( t$ n9 H& P8 K9 l7 c) D2 h7 |1 c/ a) n! |# nخەلقىمىز نەزەرىدىكى مۇقەددەس سانلار& C- @# r! @4 @( _2 r; m
ئاپتور: ئاينۇر نىياز
" G7 e H0 v& g3 x$ k/ f& j1 dقەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردە مۇقەددەس سان قارىشى بار، ئۇيغۇرلار«يەتتە»،«توققۇز»ۋە «قىرىق» دېگەن سانلارنى مۇقەددەس بېلىدۇ، بۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئېڭىدا خاس قاراش، مەنىۋى ئادەتلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۆرپ-ئادەتكە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇنى بېيىتقان.
9 y: V% T2 x5 m4 ^. @3 F/ I+ J7 r6 q1 i; ?( @( `مۇقەددەس سان «توققۇز». خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان«يەتتە»،«توققۇز»،«قىرىق»سانلىرى ئۇزاق زامانلار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ ئېڭى ۋە ئەقىدىسىگە ماس ھالدا خاسىيەتلىك تۈس ئالغان.«كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى»دا «كۆلتىگىن ئىلگىرى-كېيىن توققۇز قېتىم باشقا-باشقا ئاتقا مىنىپ جەڭگە كىردى»،«كۆلتىگىن توققۇز چىرىكىنى نەيزىلىدى» دېگەندەك بايانلار؛ قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ«كۆك مەشرىپى»دىكى قوشاقلاردا«قازىنى ئوتتۇز،قوينى توققۇز، ھەممىنى تەڭ راسلىدۇق»دېگەن مىسرالار ئۇچرايدۇ. بىزدە يەنە«ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز»دېگەن گەپمۇ بار. بۇلاردىن«توققۇز»نىڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادىتىدە خاسىيەتلىك تۈس ئالغانلىقىنى كۆرۋېلىش مۇمكىن. مۇشۇ خاسىيەتلىك سان ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا كىرگەن قەبىلە ناملىرىمۇ«توققۇز ئۇيغۇر»(ئىچكى توققۇز)ۋە «توققۇز ئوغۇز»(تاشقى توققۇز) دەپ ئاتالغان. مەھمۇد كاشغەرى«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «خاننىڭ قولئاسىتىدىكى ۋىلايەتلەر ھەرقانچە كۆپىيىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىمۇ تۇغلىرى توققۇزدىن ئاشمايدۇ، چۇنكى توققۇز سانى خاسىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن.
/ v1 m/ U7 I$ s7 W* y. O' y8 c8 A' eخاسىيەتلىك سان«يەتتە»ۋە «قىرىق». خاسىيەتلىك سان«يەتتە» چۈشەنچىسى«توققۇز» سانىنىڭ
& Q P( O4 K7 q. F: N2 X/ f( ]سىرلىق خاراكتىرىدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ، سىرلىق سان«يەتتە» نىڭ زەردۇشت (ئاتەشپەرەسلىك) دىنىي ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەنلىقى ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇئەييەن ئادەت تۈسىنى ئالغانلىقى مەلۇم. ئېيتايلى، ئادەتتە، ئۇيغۇرلاردا ئوغۇللار يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت تۇيى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئادەم ئۆلۈپ يەتتىنچى كۈنى جامائەتكە چوڭ نەزىر بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردا «يەتتە» سانىنىڭ سىرلىق تۈس ئېلىشىنى ھازىر ئىسلام دىنى بىلەن بېرىلىدۇ. ئۇيغۇرلادا«يەتتە» سانىنىڭ سىرلىق تۈس ئېلىشىنى ھازىر ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىق دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىراق ئېتنىك مەنبەسى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى زەردۇشت دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەقىدىلىرىگە تۇتۇشىدۇ، بۇ قەدىمكى دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ ھەممىسى مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
% e0 ]% q( \1 H! ?2 L e Y2 y& D8 w1 F% J* Hمۇقەددەس سان«قىرىق» چۈشەنچىسى بىرەر دىنىي ئېتىقادقا باغلانمايدۇ، ئۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق.«ئوغۇزنامە» داستانىدا«قىرىق كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى»،«قىرىق كېچە-كۈندۈز توي قىلدى» دېگەنگە ئوخشاش«قىرىق» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ بالا تۇغۇلۇپ قىرىق كۈنگە توشقاندا«قىرىق سۈيى» قۇيۇپ، بۆشۈك تويى ئۆتكۈزۈش،«قىرىق نەزىر» قاتارلىق خاتىرلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
! Q1 Z; y* y/ I- G7 ^" u. H' [+ \: k' K! Gئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى چۈشەنچىسىدە «قىرىق» سانى ئەڭ كۆپ، چەكسىز دېگەن مەنىگە ئىگە بۇلۇپ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئقپتىدائىي تەسەۋۋۇرىدا ئەڭ چوڭ سانىنىڭ چېكى دەپ قارالغان. ئۇ «ئون» سانىنىڭ ئالامنىڭ تۆت تەرىپى(شەرق، جەنۇپ، غەرب، شىمال)گە تەكرار قوشۇلۇشى ياكى كۆپەيتىلىشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچىسىدىكى تۆت تەرەپ قارىشى ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل سىرلىق چۈشەنچە بۇلۇپ،«قىرىق» پۈتكۈل ئالەم مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
, m: a, c. L. k! w9 M8 Y# N/ A$ r( Q# @/ |4 q2 {. q2 F, Y5 B! C- Z«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىندى