مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىرمەكتەپ
5 d y% v' I- b( o; M0 _8 A4 o. v8 V2 ^. b) }: O9 D& @& x. ^1 X2 s' j3 }* ~ ئابدۇرېشىت سۇلايمان
5 \; {# U) n8 ]( q* I/ i) ~, N/ z! o2 }5 S2 d$ d (سوھبەت خاتىرسى )
, k" h- ?$ U- q+ E2 @/ e) V) [- ^& X; \/ f' E( T- |8 w, v# ?0 q D2 \ مۇھەممەتجان راشىدىن ئۇيغۇر شىئىريىتىدە ئىزچىل شوھرەت قازىنىپ كىلىۋاتقانخەلىقپەرۋەر شائىر، ئۇ بىر ئومۇر ئۇيغۇر شىئىريىتىگە جان -جەھلى بىلەن ئوزىنىبىغىشلىدى، ئۇيغۇر رىئالىزىم شىئىريەت تارىخى ئۇنىڭ شىئىرلىرى بىلەن بىر باسقۇچيۇقىرى كوتىرىلدى. ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىكى ئىزچىللىق بىزگە ئىجادىيەتتە قانداقتەرەققى قىلىش كىرەكلىرى توغىرسىدا نۇرغۇن تەئەججۇپلۇق سۇئاللارنى تاشلاپ كەتتى. بىزئۇنىڭ شىئىرلىرىدىن ئۇيغۇر تەمسىللىك شىئىريىتىنىڭ جەۋھەرلىرىنى بايقايمىز.
6 S/ K' ^; o/ j0 M3 O) Q8 B مۇھەممەتجان راشىدىن شىئىرلىرىدىكى مەنا چەكسىزلىكى ئىچىدە يۇزلىرىگە تال - تال قورۇقلار چۇشكەن بوۋاي -مومايلاريۇم - يۇم يىغلاۋاتقىنىدا مەن شائىرلىقمەۋقەسىدىكى بۇ تەلەي ئىگىسىگە چەكسىز تەھسىن ئوقۇدۇم. ئۇنىڭ شىئىرلىرىدىكىتەڭپۇڭلۇق ئىچىدە ئۇيغۇر شىئىريىتىدىكى كىتاپخانلار ئەڭ ياقتۇردىغان شائىر شەرىپىگەمۇيەسسەر بولغان بۇ ئۇستاز بىلەن شىئىر توغۇرسىدا، ئادىمىلىك توغىرسىدا، جاپامۇشاقەت توغۇرسىدا پاراڭلاشقۇم كەلدى. 2004- يىلى 10- ئوتتۇرلىرىدا بىر قانچە سۇئالچىقىرىپ يوللاپ بەرگەن دەقىلەردە بىر خىل ئىسەنكىرەش ئىچىدە قالدىم. بۇگۇن بۇسۇئاللارنىڭ جاۋاپلىرىغا ئىگە بولدۇم .ئۇ مۇنداق دەپتۇ:
* f7 m8 L4 `# e7 t0 h- n. B; G: M: f* @8 k2 }* Aئابدىرىشىت سۇلايمان
; j* f$ x: z: a) I8 W شىئېرىي كامالىتىڭىز شۇ دەرىجىگە بىرىپ يىتىپتۇ .كىچىك بالىلاردىن تارتىپ، بوۋاي مومايلارغىچە "شائىر" توغىرسىدا گەپ بولغاندا بىرىنجى بولۇپ سىزنىتىلغا ئالىدىكەن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتى سىسىتىمىسىدىكىلەر سىزگە ئالاھىدەقىزىقىدىكەن. سىز كورمىگەن بولىشىڭىز مومكىن، يىقىندا ئۇيغۇر تور ئەدىبىياتىدا "مۇھەممەتجان راشىدىن قىزغىنلىغى" كوتىرىلدى. توردا مەخسۇس سىزنىڭشىئىرلىرىڭىز توغىرسىدا مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئوتۇلدى. ئابدىرىھىم ئوتكۇر، تىيىپجانئىليوپ. روزى سايىت، قاتارلىق شىئىريەت ئۇستازلىرىنىڭ باللىق، ياشلىق دەۋىردىكىدىشۋادارچىلىغى، تارىتقان ئازاپلىرى كوپ بولغانلىقىغا ئوخشاش. سىزنىڭمۇ شۇنداقسەرگۈزەشتىللىرىڭىز بولغانمۇ ؟بۇنىڭ شېئىر ئىجادىتىڭىزگە كورسەتكەن تەسىرى قانداق؟
2 N( B. |! F g' G: z5 q+ f9 j; {) o. Rمۇھەممەتجان راشىدىن
( [, [) k% l, {+ w+ x2 d9 Q R. H( q T3 L ياخشى تۇرغانسىز؟ ئابدىرىشت، دىدارسىز زىيارەت شەكلىدىكى سوئاللىرىڭىزدىنسەنەۋەر ئابدۇراھمان ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم، جەمئىي 13 سوئال ئىكەن. ئۇلاردىنبەزىلىرىنىڭ جاۋابى مېنىڭ"شىنجاڭ مەدەنىيىتى "ژورنىلىنىڭ بۇ يىلقى6- سانىغا بېسىلغان" داغدام يوللاردىكى كۆرۈنمەس داۋانلار" ناملىق ماقالەمدەيورۇتۇپ بولغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بۇ جاۋابىمدا بەزى مەزمۇنلارنى قىسقارتىپراق تىلغائېلىشىم مۇمكىن.
# s; n: Q- u$ v# r مەن ئاتامدىن 2 يېشىمدا قالغانمەن،مەن 4 ياشلارغا كىرگەندە ئانام كىچىك ئىنىمنى ئېلىپ ئۆزئاتا-ئانىلىرىنىڭ باشپاناھلىقىغا(ئابرال تېغى باغرىدىكى توقاي دېگەنمەھەللىگە)كەتتى. مەن مومام بىلەن كىچىك دادام (دادامنىڭ ئىنىسى) نىڭ قولىداقالدىم.مومام تەلەپچان،جىگەرلىك ۋە قاتتىق قول ئايال ئىدى.گەرچە ئائىلىنىڭ ئىگىلىكئىشلىرىنى كىچىك دادام يۈرگۈزسىمۇ،لېكىن پۈتۈن ئەقىل مومامدىن بولاتتى،ھەمەيلەن مۇمامنىڭ ئاغزىغا قارايتى. ئاتام ۋاپات بولۇپ، ئانام كەتكەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى بىر قەدەر باياشادتۇرمۇشىمىز توزغاقتەك توزۇپ كەتتى. بىز: ئىككى ئاكام، ھەدەم ۋە مەن تۆتەيلەننىڭ ئېغىرى مۇشۇ ئائىلىگە چۈشتى. كېيىنكى يىلى موماملار 3 ياشلىق ئىنىمنىمۇ ئەكىلىۋالدى. ئارقىدىنلائۇقتۇقكى، ئانام شەھەرگە قايتا ياتلىق بولۇشقا توغرا كەلگەن ئىكەن. شۇندىن كېيىنبىز ئانامنى ئىنتايىن كام كۆرۈدىغان بولۇپ قالدۇق.
9 @/ G' J* s$ _" N1 N% s 47 -يىلىكىچىك دادام ئۇشتۇمتۇت قازا قىلىپ كەتتى، ئككىنجى يىلى مومام پالەچ بولۇپ قالدى. شۇ يىلى يەنە كىچىك ئاكام مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە ئېلىپ كېتىلدى. پۈتۈن ئائىلە چوڭئاكامنىڭ قولىغا قېلىپ، ئائىلىنىڭ دەردى كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كېسەلدەكئېشىپ باردى.كۈنىمىز تەسلەشتى، كەمبەغەللەشمەكتە ئىدۇق.ھەمىمىز كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە"يېتىم بالىلار" دەپ قارىلىدىغان بولدۇق. چوڭ ئاكام ئائىلىنىباشقۇرالمىدى. مەن 1948-يىلى مۇشۇنداق مۇھىتتا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردىم. ئوقۇشۇمياخشى بولغان بىلەن كىيىم-كېچىكىم ناچار ئىدى.ئانام شەھەردىن ئانچە-مۇنچەئەسكى-تۈسكىلەرنى چىقارتىپ تۇراتتى.مەكتەپنى تەستە داۋاملاشتۇرۇپ باراتتىم.51-يىلىباھاردا(قىشنى ئاران چىقارغىنىمىزدا)مەكتەپ ئىنىم ئىككىمىزگە باشقا يېتىم ۋەكەمبەغەللەرنىڭ قاتارىدا بىر قۇر يازلىق كىيىم تارقىتىپ بەردى. ئەيتاۋۇر ئۇچىمىزنىئارانلا يېپىپ ئوقۇپ يۈردۇق. تولۇقسىزنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا قىشلىق كىيىمىمبولمىغاچقا 70 كۈن دەرستىن قالدىم؛ باشلانغۇچنىڭ 3- يىللىقىدا 40 تىيىنلىق كىتابنىڭمۇ پۇلىنى تاپشۇرالماي سىنىپتا يىغلىۋەتكىنىمدە، ھاجى خەلپەت ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىمنىڭ نەق مەيداندا تۆلىۋەتكەنلىكى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
, E9 p; {+ |' y) ` ئۈرۈمچىدىكى(55-يىلدىن 59-يىلغىچە)ئوقۇشۇممۇپۈتۈنلەي ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدا داۋاملاشتى.ئائىلىدىن ماڭاھېچنىمە كەلمەيتتى.تەتىللەرگە تەقەززا ئىدۇق.ئائىلىنى سېغىنمايدىغان كىم باردەيسىز؟! لېكىن مەن 55-56 ئوقۇش يىلىنىڭ يازلىق تەتىلىدەئۆيگە(غۇلجىغا)قايتالماي،جەنۇبلۇق ساۋاقداشلىرىم بىلەن مەكتەپتە قالدىم. كېيىنكىيىلى ئازراق ئىمكانىيەت تۇغۇلدى: ئۇ چاغلاردا كىتاب يېتىشمىگەن دەرسلىكلەرنىڭكونىپىكلىرىنى مەكتەپ ئۆزى بېسىپ تارقىتىپ بېرەتتى. لېكىن، خەت ئۇرۇش ماشىنىسىيېتىشمەيتتى، شۇڭا، جالالىدىن دەيدىغان خېتى چىرايلىق ئوقۇغۇچى ئىككىمىزكونسىپىكنىڭ لازىسىنى يازاتتۇق. بىزگە ھەر ۋارىقىغا يىگىرمە تىيندىن پۇل ھېسابلاپبېرەتتى، 57 -يىل يازغىچە ئاشۇ پۇلدىن بىر قۇر ئاددى كىيىم-كېچەك بىلەن ماشىناكىراسىغا يەتكۈدەك جۇغلۇنۇپ قالغان ئىدى، مەن ئەنە شۇ پۇل بىلەن ئائىلىگە كېلىپقايتىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.
3 w& l* `8 s" l/ I$ Y مەكتەپنى كاندىدات ئەلا دەرىجىدە پۈتتۈردۈم. لېكىن، جەمئىيەتتە يەنىلاجىددىچىلىك ئىچىدە ياشىدىم، 37كوي مائاش ئالاتتىم. يېمەك-ئىچمەك، رەخت دېگەنلەرنىڭھەممىسى نورمىلىق ئىدى، بىزنىڭ ئاشلىق نورمىمىز 28 جىڭ ئىدى، ئاشخانىلارغا ئاشلىقبېلىتى بولمىسا كىرەلمەيسىز، تويۇپ كېكىرىپ يۈرىدىغان ئىشلار يوق ئىدى، يېرىمقورساق يۈرسەكمۇ، بۇنى ئاغزىمىزدىن چىقىرالمايتۇق،"تويمىدۇق" دېگەنلىكىئادەم بالاغا قالاتتى، مائاشىمىز ئارانلا يېتەتتى. كۈنلەر جىددى سىياسى ھاۋا بىلەندەككە-دۈككە ئىچىدە ئۆتەتتى. 63-يىلى پۈتۈن مەتبۇئاتتىن چەكلەندىم. 68-يىلى قولغائېلىنىپ كەتتىم. دېمەك، يۇقارقىلار مېنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ھاياتىمنىڭ قىسقىچە بايانى.قىسقىسى"4كىشىلىك گۇرۇھ" ئاغدۇرۇلغىچەدۈمبىسىگە ئاپتاپ چۈشمىگەن ئادەملەرنىڭ بىرىمەن.
3 @8 Y2 E ?( i6 i ئەمدى، ئاشۇ دىشۋارچىلىقلارنىڭ ئىجادىيەتكەكۆرسەتكەن تەسىرى بولدىمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، ئۇنى ئەلۋەتتە"بولدى! "دېيىش كېرەك. لېكىن، ئۇنى ۋاستىلىق تەسىر دېسەك ئورۇنلۇقراق بولىدۇ، چۈنكىبىر كىشىنىڭ ھەقىقى ئادەم بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھاياتىدا بىر جاپالىق چېنىقىشپۇرسىتىنىڭ زۆرۈرلىكى جەزمەن ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا: كىچىكىدە جاپاچەككەنلا ئادەم كەلگۈسىدە شائىر، يازغۇچى بولىدۇ، دەيدىغان ھۆكۈم مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە جاپا-مۇشەققەتنىڭ كىىشنى ئۇدۇل ئەدەبى ئىجادىيەتكە يېتەكلەيدىغانمۇتلەق خۇسۇسىيىتىمۇ يوق. مېنىڭ جاپاكەش بالىلىقىم مەندە بىر خىل چىدام ۋەجاسارەتنى يېتىشتۈردى.ياشلىقىمدا مەن كۆرگەن ئىجدىمائىي ناھەقچىلىكلەر مەندەھەققانىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردى. كاللامدىن ئۆتمىگەن ئىشلارغا ئاسان قاينايدىغان، ھەتتا ئەسەبىلىشپ كېتىدىغان ئادەم بولۇپ چىقتىم. "مەدەنىيەتئېنقىلابى" دا "ئەكسىيەتچى ئەدىب"بولۇپ تارتىپچىقىرىلدىم،يازغانلىرىم " زەھەرلىك چۆپ" دەپ قارىلاندى. مەن بۇلارغا مەڭگۈقايىل ئەمەس ئىدىم. بۇ بىر قاتار تارتقۇلۇقلار مېنى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، قەلەمنى مەڭگۈ تاشلىمايدىغان قىلىپ تەربىيىلىدى،چېنىقتۇردى. مەن گۈزەللىككەمەدھىيە ئوقۇش، رەزىللىكنى قامچىلاشتا ئەدىبى ئىجادىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم قورالئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلىۋالدىم. دېمەك، جاپاغا چىدىغاچقا،چېكىنمەيئوقىيالىغانمەن،ئوقىغاچقا ئەدىبى ئىجادىيەتنى تاللاپ ئالالىغانمەن. مۇشۇلاردىنقارىغاندا بالىلىق ۋە ياشلىقىمدا تارتقان دېشۋارچىلىقلىرىمنىڭ مېنىڭ كېيىنكىيىللاردا خەلقپەرۋەر بىر شائىربولۇپ چىقىشىمنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋاستىلىق بولسىمۇچوڭ رول ئوينىدى دەپ قارايمەن.
6 R- h' _$ e$ J; i; {0 u R9 J- r% M3 @ئابدىرىشىت سۇلايمان
6 b% n$ E3 E# z* [ _, n" r- ]# {$ H3 |/ r ئۇستاز ....تارىم ژورنىلىنىڭ 2004- يىلىلىق 4- سانىدا "سويۇنگەننىسويۇپ قوي " سەرلەۋىلىك بىر قاتار شىئىرلىرىڭىز ئىلان قىلىنغاندىن كىيىنبەزىلەر بۇ شىئىرىڭىزنى كورۇپ ھەيرانە -ھەس قاپتۇ. "بەزىلەرمۇھەممەتجان راشىدىنگە ياشانغاندا ئوت تۇتۇشۇپتۇ دىسە" "بەزىلەر سەلبىمەنىدىن چۇشىنىپ يۇرۇشكەندەك قىلىدۇ "بۇ مەسىلىدە مەن بەكمۇ ئالاقىزادەبولدۇم. سورىماي دىسەم كىتاپخانلارغا جاۋاپ بەرمىسىڭىز بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بولۇپمۇ سىزنىڭ يىقىنقى جەنۇپ سەپىرىڭىزدىن كىيىن ئاندا - ساندا شىئىر يىزىپيۇرۇيدىغان بىرسى بۇ شىئىرىڭىزغا "مۇۋەششەھ " يىزىپ رىستۇرانلاردا ئوقۇپيۇرۇپتۇ. شىئىريەتنى ئەسلى مەنىسىدە ئەمەس كوڭۇل ئىچىش مەنىسىدە چۇشىنىدىغان بەزىناكەسلەرگە بۇ ئويۇن يىڭىلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن چىغى ....بۇ شىئىرنىڭ جەمىيەتتەتارقىلىپ يۇرگەن ۋارىيانتىلىرىغا قانداق قارايسىزكىن ....چۇنكى بۇ جىنايەتچىلەرگەئىككى ئىغىز گەپ قىلمىسىڭىزمۇ بولماس .
X& C2 c! g5 F! E8 s- q4 n, G& S" J2 `% Q3 w C" X' wمۇھەممەتجان راشىدىن
* g7 e- \. V0 Q& {, p( }% s! J f. S- P6 A, f) q مېنىڭ "تارىم" ژورنىلىنىڭ 2004- يىل 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان لىرىكىلىرىم، ئاتمىش ياشتىن ئاشقاندا ماڭا يېڭىباشتىن ئوتتۇتاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس. ئەكسىچە،ئۇلار سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدىكىشېئىرلىرىمنىڭ ئىزچىل داۋامى. مەن يېقىندا "مۇھەببەتمۇ ئۇلۇغ بىرمەكتەپ" دېگەن بىر شېئىر يازدىم. ئۇنىڭدا ھەممىلا ئادەمنىڭشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقى، ھەتتا 70-80 ياشلىق كىشىلارنىڭمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭشېرىن تۇيغۇسىدىن نېرى (مۇستەسنا)بولمايدىغانلىقى ئارقىلىق سۆيگۈ-مۇھەببەتئۇلۇغلانغان. ئاشۇ ھەقىقەتلەر ئارقىلىق مۇھەببەتنىڭ پۈتكۈل تىرىكلىك مەۋجۇدلىقىنىڭئاساسى ئىكەنلىكى شەرھىلىنىدۇ. دېمەك، مۇھەببەت ھەققىدە كەم دېگەندە گۈزەلئەسلىمىلەرنىڭ مەندىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگەئىسلاھات،ئېچىۋىتىشتىن ئىلگىرى سۆيگۈ-مۇھەببەت خارلانغا، ھاقارەتلەنگەن تىما بولۇپ ئۇ ھەقتتە ھىچكىم ئېغىز ئاچالمايتى، يازالمايتتى. شۇڭا، مەن كېيىنكى 20 يىلدا، بۇ تېمىنى ناھايىتى كۈچەپ يازدىم،لېكىن يېزىپ بولالمىدىم. سىزتىلغا ئالغانلىرىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئۇنى ئەمدى بەزىلەر سۆز ئويۇنىغا ئايلاندۇرىۋالغانبولسا، ئۇمۇ شۇلارنىڭ ئەخلاقىي ساپاسى بەلگۈلىگەن ئىش. مەن ئەجەبلىنىپمۇ، خاپابولۇپمۇ كەتمەيمەن. شائىر روزى سايىتنىڭ "دېھقان بولماق تەس" دېگەنشېئىرىمۇ شۇنداق قوشاقچىلارنىڭ قولىدا ئويۇنچۇق قىلىنغان،مېنىڭ "سەن يوق" سەرلەۋھىلىك شېئىرىممۇ شۇنداقلارنىڭ ئاغزىدا مەسخىرىلىك سازايىغا ئۇچرىغانغۇ؟! بىزدە سۇيۇق،شاللاق ئادەملەرنىڭ خېلى بارلىقىنى بىلمەمسىز؟ لېكىن ئۇلار بايىقىشېئىرلارنىڭ ئۆز(ئەسلى)قىممىتىنى مەڭگۈ يوقىتالمايدۇ.
' o: P4 S+ C' N' N/ A5 Q2 W! {2 v/ Q8 q; D! Z% L% A$ @ ئابدىرىشىت سۇلايمان
, t& ^& Y, P. A) y V/ m4 S( c9 l/ A1 E& \% S* r9 y بۇرۇنقى كىلاسسىك شىئىريىتىمىزدە بولسۇن. مەيلى يىقىنقى زامان ئۇيغۇرشىئىريىتىدە بولسۇن ياشلار بىلەن پىشقەدەملەر ئوتتۇرسىدا يىڭىلىققا مايىل بولۇشبىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنئەنىنى ئىنكار قىلىش خائىشلىرى ئاندا ساندا يۇز بىرىپكەلگەن. بىراق يىقىندا ئوز سەمىمىيىتى. ۋە بىلىم قۇرۇلمىلىرى بىلەن شىئىريەتكەئوزىنى ئاتاۋاتقان، ئەسەرلىرىدە سوپىزىمنىڭ بويۇك چۇقانلىرىنى تاپقىلى بولىدىغان 3- ئەۋلات شائىرلار دەپ نام قويۇلغان بىر تۇرلۇك ياشلار مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭئاۋازى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئوتكەن " گوڭگا شائىرلارغا" ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ شائىرلارنىڭ ئىجادىتى توغىرسىدا ئىككى ئىغىز سوزلەپبەرگەن بولسىڭىز ؟
3 Q) N. ]2 M g. s0 `, l4 ^+ n" \+ ^- fمۇھەممەتجان راشىدىن
, `0 p m- t( m p' B! K1 F$ t0 H4 K( s3 M سىز تىلغا ئالغان "ئۈچىنجى ئەۋلاتشائىرلار" دېگەن تائىپىنى مەن تېخى ئۇچراتمىدىم، ئەتىمالىم، ئەھمىيەتبەرمىگەندىمەن. ئۇلارنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.
( s4 _9 `- m9 z" Q% d: Z8 ]" W9 z& `2 ^% eئابدىرىشىت سۇلايمان
; ?3 O4 ]0 ~' i R+ ]' U" X! F" V% m3 u3 Y. S Y سىز ئوزىڭىز توغىرسىدا توختۇلۇپ كەمتەرلىك بىلەن مىنىڭ بىردىنلا تەسىرقوزغايدىغان شائىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىم ھاياتىمدىكى ئىچىنىشلىق سەزگۇرەشتىلەربىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ئىجادىتىمدە ئۇزۇكچىلىك كوپ بولغان دىگەننى تىلغا ئاپسىز ... سىزمۇ باشقا شائىرلارنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىشلىرىدەك تورمىگە چۇشۇپدىشۋادارچىلىق تارىتىپ يۇرمىگەنسىز ...
4 s% t+ V" W6 A7 n( I5 {& Lزادى بۇ جاھاندا ئازاپ تارىتمىسا شىئىر يازغىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ ....
% j' n0 C* g7 y8 `9 O2 Q( {' l, K" w3 o; r S7 j' Kمۇھەممەتجان راشىدىن
% V, t1 A* H% g5 {; n% ~) s |- I3 @3 W6 X مېنىڭ قايسىبىر ماقالامدا(ئېھتىمالىم، "كروران" ژورنىلىغا بېسىلغان "شائىرلىق" كوچىسىدا كۆرگەنكۈنلىرىم" دېگەن ماقالامدىغۇ دەيمەن؟) " مېنىڭ بىردىنلا تەسىر قوزغىغانشائىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىم ھاياتىمدىكى ئىچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلەر بىلەنمۇناسىۋەتلىك "دېگەنلىكىم توغرىسىدىكى مەسىلىگە كەلسەك،ئۇنىڭ ئەسلى تېكىستىدەبۇ مەزمۇن:" كۆپلىگەن ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مېنىڭ ۋە مېنىڭقاتارىمدىكى بىر نەچچە يازغۇچى، شائىرلارنىڭ مەتبۇئاتتا ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ، بىردىنلا تەسىر قوزغىيالىشى خۇددى يامغۇردىن كېيىن قىغ دۆڭلىرى ئۈستىدە ئېشەكمەدىكىنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغانلىقىدەك تەسادىبى بىر ئىش بولۇپ تۇيۇلىشىمۇمكىن. ئۇلار بىزنىڭ ئىزلىرىمىزدا ناھايىتى ئىچىنىشلىق سەزگۈزەشتىلەرنىڭقالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىمىزنىڭ ھەر قايسى مەنزىللىرى ئارىسىدا ناھايتى چوڭ ئۈزۈكچىلىك بولغانلىقىدىن" دەپ يېزىلغان.مەسىلەن، مەن 1963- يىلى(قەلەمدە خېلى ئىزچىللىشپقالغاندا، گېزىت-ژورناللاردىن يوقۇلۇپ كېتىپ، 20يىلدىن كېيىن (83-يىلى)بىراقلا يەنەپەيدا بولدۇم. دېمەك، مۇشۇ 20 يىلدا تۇغۇلۇپ قاتارغا قېتىلغان بالىلار مېنىبىلمەيدۇ.ئۇلارغا مەن گويا قەلەمنى قولغا ئالغان ھامانلا كاتتا شېئىرلارنى يازغان بىرتەسادىبى، پەۋقۇلئاددە ئادەمدەك تۇيۇلۇپمۇ كەتتىم.مېنىڭ 55- يىلدىن تارتىپ جاپالىقتۇرمۇش، قاتتىق مەشقلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىمدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى يوق. ھېلىقى جۈملىدە مانا مۇشۇ پىكىر ئىلگىرى سۈرۈپ،شائىرلىقنىڭ تەسادىبى، مەشقسىز پەيدا بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەتبېرىلگەن.
- @3 a3 ]/ [/ I( @2 ~$ Z( ~8 {! P2 N: H2 m* N0 C/ X% X" Y5 Wئابدىرىشىت سۇلايمان
1 r( x- x/ O* a7 B* z5 [# S) [! \! R: z ھاياتڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ،ئىجادىتىڭىزدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بىر قانچە كىتالار توغىرسىدا سوزلەپبەرسىڭىز ....؟
* [( ?1 _; m& f' i# b0 Y5 T( O) i% q7 F2 p0 t6 H' Y/ Pمۇھەممەتجان راشىدىن
9 V( e" |: h/ x- ~# e- w. |. U8 Y9 Q راستىمنى ئېيتسام، بۇ ئۆمرۈمدە ماڭا پايدابەرمىگەن كىتاب يوق.شۇنداقتىمۇ مىخائىل ئىستاكوۋىسكىنىڭ"شېئىرىيەتماھىرلىقى"، نىم شېھېدنىڭ "ۋەتەن مۇھەببىتى"، ئابدۇلھەي روزىنىڭ "شائىر ئىزىدن" ناملىق كىتابلىرى بىلەن ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ " ئېغىركۈنلەردە" ناملىق ھېكايىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغۇم كېلىدۇ. بولۇپمۇ مىخائىل ئىستاكوۋىسكىنىڭ كىتابى ياشھەۋەسكارلارنىڭ ئېۋەتكەن ئىپتىدائىي شېئىرلىرى ئۈسىتىدىكى تەھلىلىيئوپىراتسىيىلەردىن ئېبارەت بولغاچقا،مېنىڭ شېئىرىيەتتە قانداق قىلىشىمنى بىلمەيگاڭگىراپ تۇرغان قەلبىمگە ئاجايىب يورۇقلۇقلار چۈشۈرگەن ئوقۇشلۇق ئىدى. مەنئۇنىڭدىن تەسىرات تېزىسلىرىمۇ يازغان ئىدىم. غەزەل يېزىشنى نىم شىھېدنىڭ كىتابىدىنئۆگەندىم دېسەممۇ بولىدۇ. ئابدۇلھەي روزىنىڭ كىتابىدىكى شېئىرلار تولىمۇ يارقىن، گۈزەل ۋە مۇڭلۇق ئىدى. زادىلا سۆز ئويۇنى يوق ئىدى. ئۇنىڭدىكى "تاغسۇلىرى" قاتارلىق بىر نەچچە شېئىرلارنى يادلاپ ئالالمىغىنىمغا ھېلىغىچە پۇشايمانقىلىمەن. بۇ شېئىردىكى "يېزىنىڭ تىزى يىرتىق مەن بىر ئوغلى" دېگەن بىرمىسرا خۇددى مېنى يازغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شائىر ئۆمەر مۇھەممىدىنىڭ "ئېغىر كۈنلەردە" دېگەن ھېكايىسىدىكى مۇھىت ۋە ۋەقەلەر بىزنىڭ ئەينىيىللاردىكى سەھرالار ھاياتىغا تولىمۇ ئوخشاپ كەتكەچكە ماڭا بەك قاتتىق تەسىر قىلىپكەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىكى پىرسوناژلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى شۇ دەۋردىكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزھالەتلىرىنى ناھايىتى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەتتى.ماڭا ئىجادىيەتتە نەپ بەرگەن كىتابلارئاز ئەمەس. شۇڭا، مەن ھەۋەسكارلارغا دائىم كىتابنى كۆپ ئوقۇشنى تاپىلايمەن.
; Y/ a8 R, ~5 m# {4 v8 @8 m( {! o" @' l$ }1 e/ zئابدىرىشىت سۇلايمان
6 P& {; J5 P4 P8 s( h6 I. Z1 {4 R. ^9 @' M0 b يىقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە نەشىرياتلار شىئىر توپلاملىرىغا ئىتىبارسىزقارايدىغان، سوغۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۇرۋالدى. بىراق سىزنىڭ نەشىردىن چىققان 5 پارچە شىئىرلار توپلىمىڭىزنىڭ بازىرى شۇنداق ياخشى بولدى. مۇشۇنوقتىلارنىئاساس قىلىپ تۇرۇپ نەشىرياتتىكىلەرگە ۋە مەتبۇئاتتىكىلەرگە شىئىرى ئەسەرلەرگەسوغۇق قارىماسلىق توغۇرسىدا ئىككى ئىغىز سوزلەپ قويغان بولسىڭىز ؟ نەشىرياتئورۇندىكىلەر بەك مۇتھەملىشىپ كىتىپ بارامدۇ نىمە؟
. @+ x# d4 [) p% T/ f) m, k) F X4 P$ h, ?. Wمۇھەممەتجان راشىدىن
8 t/ u0 x8 p, i. w3 X4 _. [# r0 [2 k 2 C( E, |9 k, W+ \- \( O; X نەشرىياتلارنىڭ شېئىرلارغا سەل قارايدىغانلىقىھەققىدە ئاغرىنىشلار خېلى بار. ئەمما ئۇلار بۇنداق سەل قاراشقا شېئىر توپلاملارنىڭسېتىلماي تۇرۇپ قالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىدۇ. مېنىڭچە،بۇنىڭغىمۇ ئۇلارنىڭئۆزى سەۋەبچى.چۈنكى، ئۇلار 80- يىللاردا يېڭى ۋەزىيەتكە كونا نۇقتىنەزەردە مۇئامىلەقىلغاچقا شېئىر توپلاملىرىنى سۈپىتىگە قارىماي،قارا- قويۇق چىقىرىۋەردى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا، تاللاش ئالاھىدىلىكىگە دىققەت قىلمىدى، ئاخىرىداشېئىردىن زىيان چىقتى، دەپ شېئىرنى يېقىن يولاتمايدىغان بولدى. بېسىش توغرا كەلسە، 10- 5 مىڭ كويدىن پۇل ئېلىپ 2- 1 مىڭ نۇسخىنىئۆزىڭىزگىلا ئېۋەتىپ بېرىدىغان بولدى. بۇنداق قىلغاندا ئاپتورنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىبولالمايدىكەن. يەنى، مۇنچىۋالا كىتابنى بىر شەھەر ياكى بىر ۋىلايەتنىڭ ئۆزىدە سېتىپتۈگەتمەك تەس ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر كىتابنىڭ شىنجاڭنىڭ جايلىرىغاتارقالماسلىقىمۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس. شېئىرلارغا بۇندىن كېيىن قانداق مۇئامىلەقىلىدۇ، بۇ بىزگە نامەلۇم. ئىسلاھات چوڭقۇرلىغانچە بۇ ئىشمۇ ياخشىلىنىپ كېتەر دەپئويلايمىز. شېئىرلار ھەققىدە قىلىنغان گەپلەرنىڭ ھازىرچە ئۈنۈمى يوق. مېنىڭچە، ئەڭئاۋال شېئىرلارنىڭ ئۆزى يۈكسۈلۈش كېرەك. "قىز ياخشى بولسا، ھەممە يەردىن لايىق چىققاندەك" ياخشى شېئىرلارنىڭ ھامان بازىرى، خېرىدارى بولىدۇ.
9 ^7 y; ~( |: b8 S/ K; N# o/ K % Q4 W# E! q6 b( J0 A8 z' B" [' I% Gئابدىرىشىت سۇلايمان
1 w& V8 A, g( k+ r# r4 y! Q! b' V0 e1 h; T m5 O6 F6 n ئەينى دەۋىردە "622"- مەھبۇس "روماننى ئوزلەرنى تەرجىىمەقىلغانكەن دەپ ئاڭلىغانتۇق ...بىراق رومان نەشىردىن چىققاندا باشقا ئادەمنىڭ ئىسمىبىلەن نەشىر قىلىنىپتۇ ." ئاپتۇرلۇق قانۇنى" ئىلان قىلىنغان مۇشۇنداقياخشى ۋەزىيەتتە سوت ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئوزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەتىنىقوغداشنى ئويلىنىپ كورمىدىلىمۇ؟ سىلە ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە مەلۇم تەسىرگە ئىگەشائىر تۇرۇغلۇق مۇشۇنداق ناچار ئىشلارغا كوكرەك كىرىپ بىر نەرسە دىيىلمىگەنتەقدىردە باشقىلارغابىر نەرسە دەپ بولغىلى بولمىدى ؟
" G" V2 K) {9 n% H. f/ J9 _7 k8 q* @مۇھەممەتجان راشىدىن
' Z T* l' Y% m R# ^, j7 _" ?; d0 S0 n# c5 X( R) O6 C; Z 622-مەھبۇس "دېگەن كىتابنى مەن 80- يىلىتۈرمىدە خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان. ئۇ، بىزنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشىمىز قاش بىلەنكىرپىكنىڭ ئارىلىقىدەكلا قالغان چاغلار ئىدى. بىراق، بەزى كونا باشلىقلارنىڭ كاشىلىسىبىلەن يەنە 1 يېرىم ئارتۇق يېتىپ كەتتۇق. مەن كىتابنى شۇ چاغدا، بىزدىن بالدۇرئاقلىنىپ چىقىپ، جەنۇبتىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن خەمىت سۇلتان دېگەن كىشىگەچىقىرىۋىتكەن ئىدىم. ئەمما ئۇ كىشى باستۇرۇشقا نەشرىياتلار بىلەن ئۇقۇشقىچە مەنمۇتۈرمىدىن چىقىپ بولدۇم. كېيىن بىز كىتاب ھەققىدە خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىىشپتۇردۇق،ئۇ كىىشمۇ نەشىر قىلىش ھەققىدىكى ھەممە ئىلگىرىلەشلەرنى ماڭا خەۋەر قىلىپتۇردى، ئاخىرى 85- يىلى كىتاب چىققاندا قارىسام كىتابتا مېنىڭ ئىسمىم يوق، ئۆزىنىڭئىسمىنى يېزىۋاپتۇ، شۇ نچە كاتتا بىر زىيالىنىڭ ھۆپۈپنى يۇڭۇزلىماي يېگەندەك ئىشقىلغىنىغا ھاڭ-تاڭ قالدىم. سەۋەبى ھەققىدە ئۆزى خەت يازارمىكىن دېسەم، خەت-خەۋەريوق شۇ پېتى جىمىپ كەتتى، ئاپتورىمۇ ئۆزى بولدى،قەلەم ھەققىنىمۇ ئۆزى يېدى. دەردىمئىچىمدە بولۇپ قالدى،يەنىلا سۈكۈت قىلدىم، بۇنى ئاڭلىغان يېقىنلىرىم دەسلەپتە مېنىڭسۆزلىرىمدىن گۇمانلاندى، كېيىن ماڭا ئىچىندى.ئاخىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاغىنىيلىرىمدىنبىرى مېنىڭ سىرتىمدىن نەشرىيات ئىدارىسىگە ئەرز قىپتۇ. ئۇلارنىڭ جاۋابى ئۆزۈمگەكەلدى،ئوقۇپ باقسام "بۇ ئىش ئاپتورلۇق ھۇقۇقى قانۇنى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرىبولغان ئىش ئىكەن،شۇڭا،ئەڭ ياخشىسى سوتقا ئەرز قىلىپ ھەق-تەلەپ قانۇنى دائىرىسىدەسۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ" دەپتۇ. مەن سوتقىمۇ ئەرز قىلمىدىم، بۇ بىر ئاۋا
# i& j: P! o+ ^6 C7 J$ r' tرىچىلىق ئىدى، بىراق قايتا نەشىر قىلغىنىنى ئاڭلىسام ياكى باشقىلار مۇشۇ ھەقتە گەپئېچىپ قالسا، يەنە سۆزلەپ قويۇپ يۈردۈم. بۇقېتىم مانا سىزمۇ سوراپ قالدىڭىز،شۇڭايەنە ئازغىنە تىلغا ئېلىپ قالدىم. خەقىنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان ئۇنداق ئىشلارھازىر تېخىمۇ كۆپ، قويمىچىلار نۇرغۇن كىشىلەرنى قاقشىتىپ يۈرۈۋاتىدۇ. بۇھارامتاماقلارنىڭ ئەدىبىنى قانۇن بەرمىسە، بىزنىڭ گەپ قىلغىنىمىزغا پەيلىدىنيانىدىغاندەك ئەمەس.
, w# a) R8 L! E% o* l& ^, M8 f( r. {: d) v* vئابدىرىشىت سۇلايمان
0 P, ^% o# {3 @* A3 s5 I0 F* |' z, t# ^4 _ تەڭرىتاغ گۇلزارى "سەنئەت پىرىگۇراممىسىدا ئوزلەرنى زىيارەت قىلىشجەريانىدا بىر نەرسىگە دىققەت قىلدۇق ...بەزىسوزلەردىكى كىنايىلەردىن ئۇيغۇرناخشىچىلىغى چىكىنىپ كىتىپ بارامدۇ -قانداق ؟ خەلقىمىز ئىتراپ قىلغان نامدارناخچىلىرىمىزدىمۇ تەقلىت قىلىش خائىشى ئىغىركەن ...بۇ جەھەتتە ناخشىچىلىرىمىزغادەيدىغان قانداق تەلەپلىرى باركىن ..؟
7 l: X5 x W) U; h7 w/ c4 M8 Y1 l& {9 M/ O/ I o6 t9 v9 Y+ bمۇھەممەتجان راشىدىن
; o, ]2 i: c' j( j0 i V( b$ N) a6 x4 @/ O9 ?" V$ ?' ] i ناخشىچىلىرىمىزدا چېكىنىش بار دېگەندىنكۆرە،يولدىن ئادىشىش بار دېگەن تۈزۈك، يەنە كېلىپ بۇ كۆپۈنچە ياش ئىجادكار ۋەناخشىچىلاردا بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئەڭ ئاۋال چەتئەلنىڭكىنى كۆرۈپ،ئۆزىنىڭكىدىن ۋازكېچىشتە گەۋدىلىك ئىپادىلەندى. يېڭىدىن ئىجاد قىلىنىۋاتقان ھەقىقى ئۇيغۇرناخشىچىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭغا"ئانا مېھرى"،"بۇغدا ئاتا"، "تار كوچا"، "مېھمان قىلىپ كۈتىۋال"، "بېپەرۋا"، "ئايرىلىش مىنۇتلىرى" غائوخشاش نۇرغۇن ناخشىلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئۇلاردا ئەنئەنىۋىي مىللى ناخشىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس پۇراق، ئالاھىدىلىكلىرى بار. ھازىر ئىجات قىلىنىپ كۆپۈنچە ياشلار ئارىسىدا ئېيتىلىۋاتقان ئاتالمىش "زامانىۋى" ناخشىلارنى مۇنداق 3 تۈرگەبۆلۈش مۇمكىن: بىرىنجى،ساپ چەتئەل (بولۇپمۇ ياۋروپا)مۇزىكىلىرىغا ئۇيغۇرچەتېكىستلەر سېلىنغان ناخشىلار. ئىككىنجى، ئەبجەش ناخشىلار.ئۈچىنجى، ئۇيغۇرناخشىلىرىنىڭ ئاز-تولا شەكلى، پۇرىقى بولسىمۇ،ۋايىغا يەتمىگەن يېقىمسىز ناخشىلار. بۇخىل ناخشىلار ئىجادىيەتتە ئېقتىدارى ناچار كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتىدۇ. يۇقىرقى ناخشىلارنى خەلقىمىز ھامان قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىمىزغ بولغانكاشىلىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۆز ناخشىلىرىمىزدىكى چېكىنىش ۋاقىتلىق ھادىسە. ناخشىچىلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئاۋال ئۆز ناخشىلىرىمىزنى، ئاندىنچەتئەللەرنىڭكىنى ئېيتىدىغان بولىدۇ. خەتەرلىكى، چەتئەلنىڭ ۋە ئۇلارغا ئەبجەش بولۇپكەتكەن ئاللىقانداق ناخشىلارنى ئۇيغۇرچە ناخشا دەپ كۆتىرىپ يۈرۈش.
. O2 E; g3 t) g' A! h# l& R 4 }0 B3 X8 ^8 R- J# nئابدىرىشىت سۇلايمان
2 N* _# E6 E. A( d6 @9 ^' x' [. g% j. t1 D' }: s8 S; eشىئىر بىلەن پەلسەپىنىڭ باغلىنىشلىق تەرەپلىرىگە قانداق قارايلىكىن ...؟
5 A5 U1 X3 v* u7 M% a8 x1 P" X! z9 Q3 T5 qئابدمۇھەممەتجان راشىدىن
/ a4 P" o; h# x1 Z' r1 A3 u N$ Z/ B ھەقىقى شېرئىريەت پەلىسەپە بىلەن چەمبەر چاس باغلانغان بولۇدۇ.چۈنكى پەلسەپە شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىتەرەققىياتىدىكى قانۇنىيەتلىك ئورتاقلىقلارنى تېپىپ چىققۇچى پەن. ئۇ پىكىريۈرگۈزۈشتە مەنتىقى تەپەككۈرگە تايىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوبىكتى چۆچەكلەردىكى خىيالى دۇنيائەمەس،بەلكى رېئال دۇنيا. شېئىرمۇ(گەرچە ئوبرازلىق تەپەككۈرنى شەرت قىلسىمۇ)رېئالدۇنيانىڭ تەسۋىرىدىكى سەنئەتلىك سۈرىتى. ئۇ رېئاللىقنى مەنبە ۋە ئىنكاس قىلىدۇ. شېئىر پەلسەپىۋى خۇلاسىلەرنىڭ دائىرىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. بولۇپمۇ مەن ماددابىلەن ئاڭ،ئوبىكتىب بىلەن سۇبىكتىب، روھ بىلەن مەۋجۇدىيەت،ئادەم بىلەن تەبىئەتھەققىدىكى پەلسەپىۋى(دىئالىكتىلىق)نۇقتىنەزەرلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن. شۇنداقلا ئەدىب بولۇشقا بەل باغلىغان ياشلارنىڭ پەلسەپە بىلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيمەن.
" t2 o: i- e, |( p1 N2 h* T. l* H9 j O" Rئابدىرېشىت سۇلايمان
3 v% W0 q+ s% ]7 b. f+ Y# u& ?$ ?9 C2 {7 s' v ئۇيغۇر تور بىكىتىكىلەر ئوزلەر بىلەن روزى سايىتنىڭ ئىجادىيەت يولىغا بەكقىزىقىدىكەن ... مەرھۇم سەكراتقا ياتقان ۋاقتىدىمۇ سىلىنىڭ پاراڭلىرىنى ،بەزىچاقچاقلىرىنى ئىغىزدىن چۇشۇرمەپتۇ ... مەرھۇم بىلەن ئالاھىدە دوسلۇق مۇناسىۋەتلىرىبارمۇ -قانداق ؟
1 @" A/ S8 \/ A% U: B5 @4 q3 o6 z, r1 G' Uمۇھەممەتجان راشىدىن
- s: |9 ]( ~- g! Z6 n# r& p6 z/ o- \: v/ K7 M$ \7 | مەرھۇم شائىر روزى سايىت ئىككىمىز زامانداشقەلەمكەشلەر بولغاندىن تاشقىرى، بىزنىڭ "دېھقانلار شائىرى" دەپ ئاتىلىپقالغان ئورتاقلىقىمىزمۇ بار. روزى سايىت ھەم ۋىجدانلىق ھەم تالانتلىق شائىر ئىدى. قەلەمدىكى تېزلىكى ھەممىمىزنى ھەيرانقالدۇراتتى. مېنىڭ روزى سايىت ھەققىدىكىئىچىنىشلىرىم ئۇ ھەققىدىكى ئومۇمىي تەبىر، تەرىپلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ "مەننېمىشقا يىغلىدىم؟" دېگەن ماقالەمدە ("ئىلى دەرياسى"ژورنىلىنىڭ 2002-يىل1-سانىدا) تەپسىلى بايان قىلىنغان. نۆۋەتتە خوتەندىكى يەنە باشقابىرەيلەننىڭ مەخسۇس روزى سايىت توغرىسىدىكى كىتابىغا كىرگۈزۈلدى. پات ئارىدا ئوقۇپباقارسىز.
2 O* Y, W7 B0 C3 |+ n2 f روزى سايىت كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىرى مەنمۇ ئۈرۈمچىدەداۋالىنىۋاتقاچقا،پەقەت تېلىفوندىلا دىدارلىشىپ تۇرالىدۇق، كۆز يېشى قىلىشتۇق. كېيىن مەن مەرھۇمنىڭ نامىزىغا بارالمىدىم. شۇڭا كېچىكسەممۇ بۇ يىل 8- ئاينىڭبېشىدا خوتەنگە ئالاھىدە بېرىپ، نۇرمۇھەممەت توختى، ئابدۇللا سۇلايمان، مەتقاسىمئابدۇراھمان قاتارلىق يازغۇچ، شائىرلار بىلەن مەرھۇمنىڭ قەبرىسىگە چىقىپدۇئا-تىلاۋەت قىلدىم. ئۆيىگە بېرىپ، قۇرئان ئوقۇپ، بالا-چاقىلىرىنى يوقلاپ قايتتىم، شائىرنىڭ بەك بالدۇر كەتكەنلىكى بىزنى تولىمۇ داغدا قالدۇردى.
7 Y2 b4 a& |! A) r# N# }5 J0 t. [. ?' |' I* y! Pئابدىرىشىت سۇلايمان
7 `$ R( j; J% z- O5 }7 v* P3 v# k& M/ A& _3 s0 E4 A$ j/ B6 Xبىز ياشلاردىن قانداق ئۇمىدلەرنى كۇتىلىكىن ....؟
' L: B/ j, i* {. Z3 [ U+ A% @ r5 S6 }4 K" Y6 Vمۇھەممەتجان راشىدىن
5 B6 @/ a% [+ x. H$ X0 ~1 G/ C7 R2 M7 K1 n8 H! p! ] يېزىقچىلىق جەھەتتە مەندە باشقىلارغا ئۇستازلىققىلغۇدەك سالاھىيەت يوق. شۇنداق بولسىمۇ،ھەۋەسكارلاردىن داھىم خەتلەر كېلىپ تۇرىدۇ. ئۆزەم ياش ۋاقتىمدا ماڭا يول كۆرسەتكىدەك كىشىنىڭبولمىغانلىقىدىن كۆپ گاڭگىراپ يۈرگەچكەھازىر ئۇلارنىڭ ھىچ قايسىنىڭ خىتىنى جاۋاپسىز قالدۇرماي ئۇچۇر يېزىپ تۇرىمەن. شېئىرلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپبېرىمەن،پىكىر يازىمەن. بىراق تىككەن كۆچەتنىڭ ھەممىسىلا كۆكلەۋەرمىگەندەك، ئازبولمىغان ھەۋەسكارلار(بولۇپمۇ قىزلار)بىر مەزگىل يېزىپ بېقىپلا جىمىپ كەتتى، ئىچىنىشلىقى،ئۇلارنىڭ تولىسى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىۋاتقان ياشلار ئىدى. بۇ ھەقتەمەن"خۇشپۇراق گۈللەر" دېگەن سەرلەۋھەدە ماقالە يېزىپ ئۇلارنىرىغبەتلۈرۈپمۇ باقتىم،لېكىن ئۈنىمى بولمىدى. مېنى ئەگىشىپ يۈرۈپ نەتىجەقازانغانلارمۇ بار. ماڭا 8-7 يىل يولۇقۇپ تۇرغان بىر قىز بار ئىدى،ئالدىنقى يىلىقاراماي شەھىرىگە توي قىلىپ كەتكەن،يېقىندا ماڭا خەت يېزىپ: بۇ يىل ئۆكتەبردە "قاراماي تېلىۋىزىيە ئۇيۇشتۇرغان شېئىر دىكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىدە بىر شېئىرىنىڭ 400 يۈۋەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئالاھىىدە خۇشخەۋەر ئېيتتى. ئەسەرلىرى ئېلانقىلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ماڭا ئەسەر ئەۋەتىپ تۇرۇدىغان ياش ھەۋەسكارلار، يەنىلا نۇرغۇن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئالاھىدىلىك مەخسۇس مۇھەببەت تېمىسىنىلا يازىدىغانلىقىدا. مەنمۇ مەيلىگە قويۇپ بەردىم. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى سۆيگەن تېما. باشتىنكەچۈرىۋاتقان سەۋدا بولغاچقا، قەلىمى تېز چېنىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۇنياۋىتېمىنىڭ دائىرىسى ئىچىدىكى خىلمۇ- خىل قىسمەتلەرنى ئۇلار ناھايىتى ياخشى چېنىقىدۇ، ھەتتا بەزىدە ماڭىمۇ ئىلھام بەخىش ئېتىدۇ.
: I; s9 `, |# h) p7 g/ f+ f6 k/ Y( n$ M; G( Hئابدىرىشىت سۇلايمان
$ _8 ~4 F& {/ p( h* ?7 R) ?% X7 o' W+ A; h! h, U' R ئۇيغۇر شىئىريىتىدەئوزلىرىگە ئەڭ چوڭ تەسىر قىلغان ئەسەر قايسى؟
/ t' |0 |7 `8 g0 G! A2 [$ p3 A( t. }) T( i; Nمۇھەممەتجان راشىدىن
+ H3 V7 _% d& E! g3 r$ ^! G$ f( p' m3 _- b+ { مەن ئوقىغان ياخشى شېئىرلار ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ماڭا ئەڭياقىدىغىنى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئىز" ناملىق شېئىر بىلەن تىيىپجانئېلىيۇۋنىڭ "تۈگىمەس ناخشا " دېگەن شېئىرى. "ئىز" دارېئاللىق، تارىخ ۋە غايە قاتارلىقلار ئاجايىب لىرىكىلىق بايان قىلىنغان. "تۈگىمەس ناخشا" دا بولسا، يارقىن شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق مۇھەببەتكەتولىمۇ ھەققانىي تەبىر بېرىلگەن.
" |; P' Y# J- l' v1 Y5 _: m/ A* C. ]! t6 ~4 v6 iئابدىرىشىت سۇلايمان
1 g$ Z. r$ i: C& e8 H5 w' ?2 V- M! C) }2 W ئوزلىرىنىڭ تۇنجى ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرىتوغۇرلۇق ئوخشاش بولمىغان قاراش باردەك قىلىدۇ .بۇ توغۇردا ؟؟
2 B9 z/ J4 E. Y) f, l' {& \8 `4 R; {; `; ?+ U3 jمۇھەممەتجان راشىدىن
. V( N7 F- [. T0 {, S% B7 b2 U 7 r' [1 q" I D ] مېنىڭ تۇنجى شېئىرىم "ئىلى دەرياسى" دېگەن سەرلەۋھە بىلەن 1958- يىلى "ئىلى گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان. "سالام دوستلار" بولسا، مەن تۈرمىدىن ئازات قىلىنغاندىن كېيىن، 1983- يىلىيەنە شۇ "ئىلى گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان
- P. ~. }. E1 L8 Z* Z1 F2 m سىزگە رەخمەت ئابدىرشىت، سىزگە مۇۋەپپەقىيەتلەرتىلەيمەن.
/ [7 r* T5 ~) [! s) W$ f ئاكىڭىز مۇھەممەتجان راشىدىن
, A& B* l* h" i. E* [9 g) m* f2004-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى
$ r# b/ R/ P, V' U' X0 C. W$ F: H1 K( \& J. W( W0 yئىلى دەرياسى ژورنىلى 2005-يىللىق 5-سانىدىن ئىلىندى