تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ‹‹مۇراد ئېلېكتىرونى›› نورۇزلۇق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق تورداشلار، ئالدىمىزدا، يەنى 21-مارت قۇتلۇق بايرام ـــ نورۇز بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. تورىمىز يىلدا بىر كېلىدىغان بۇ خاسىيەتلىك بايرامنى قۇتلۇقلاش، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، شىنجاڭ مۇراد ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىشى بىلەن ‹‹مۇراد ئېلېكتىرونى›› نامىدىكى نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز. بىز بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ سەرخىل ماقالە-ئەسەرلىرى، ئاخبارات-ئۇچۇرلىرى، فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى ۋە باشقا سەرخىل يوللانمىلىرى ئارقىلىق تورىمىزنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە رەڭدارلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بارلىق قەلەمكەش دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىش، نورۇز بايرىمىغا بىرلىكتە تەنتەنە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ ئىلھام-مەدەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە، تورىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقچىمىز. بىز قۇتلۇق بايرام نورۇزنى تەبرىكلەيدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى ئۇيۇشتۇرغان <<توردا نورۇز>> پائالىيىتىمىزنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەڭ سەرخىل ئەسەرلىرىڭىلارنى تورىمىز ئارقىلىق كەڭ جامائەتچىلىككە نامايان قىلغايسىلەر! پائالىيەت ھەققىدە:
(1) بۇ قېتىم قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەردە ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام نورۇزغا بولغان تىلەكلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، تەلپۈنۈشلىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى يارقىن ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىسە بولىدۇ. (2) قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى چەكلەنمەيدۇ. تورداشلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان شېئىر، نەسر، ماقالە، ھېكايە قاتارلىق ئەدەبىياتنىڭ بارلىق ژانېر-تۈرلىرى، بەدىئىي سۈرەتلەر، بۇ يىللىق نورۇزغا مۇناسىۋەتلىك ئەھمىيەتلىك فىلىملەر، شۇنداقلا نورۇزغا ئاتالغان بارلىق يازمىلار بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. (3) تورداشلارنىڭ نورۇزلۇق ئەسەرلىرى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى، تەڭرىتاغ مۇنبىرى، تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئېلان قىلىنىپ، تورداشلارنىڭ باھالىشىغا سۇنۇلىدۇ. (4) تورداشلارنىڭ توردا بېلەت تاشلىشى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا باھالاپ چىقىلغان ئاپتورلار ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. (5) يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام، سۆز-جۈملىلىرى راۋان، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب بولۇشى، لوگىكىلىق، گىرامماتىكىلىق خاتالىقلار كۆرۈلمەسلىكى، نورۇزغا بولغان تەلپۈنۈش، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇشى كېرەك. (6) پائالىيەت ئاخىرىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن بىر نەپەر، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئۈچ نەپەر، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىدىن ئالتە نەپەر ئاپتور باھالاپ چىقىلىدۇ ھەم ماددىي بۇيۇم ۋە گۇۋاھنامە بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەسەر قوبۇل قىلىشتىكى تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
(1) قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەر بىردەك تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىنىڭ ‹‹مۇراد ئېلېكتىرونى›› نورۇزلۇق مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر، دەپ ئەسكەرتىلىشى كېرەك. ئەسكەرتىلمىگەنلىرى مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. (2) قوبۇل قىلىنىدىغان ئەسەرلەر چوقۇم ئىجادىيەت بولۇشى كېرەك. كۆچۈرمە ئەسەرلەر، نەچچە يىللار بۇرۇن تارتىپ قويۇلغان سۈرەتلەر، قىسقا فىلىملەر بىردەك مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. (3) سىز نەچچە پارچە ئەسەر ئەۋەتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، پەقەت بىرلا پارچە ئەسىرىڭىز مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. (4) فوتوگرافلارنىڭ بىر-ئىككى پارچە سۈرەتلەر بىلەن بىزنى چەكلىنىپ قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. يوللانغان سۈرەتلەر چوقۇم ‹‹ فوتو ئوچېرىكى›› شەكلىدە بولۇشى، يوللانغان سۈرەتلەر ئەڭ ئاز بولغاندا 10 پارچىدىن كەم بولماسلىقى، بۇ سۈرەتلەردە يەنە مەلۇم بىر مەزمۇن ئىپادىلەنگەن بولۇشى، ھەربىر سۈرەتنىڭ نامى ياكى قىسقىچە چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇشى كېرەك (مەسىلەن، نورۇز ئېشىنىڭ ئېتىلىش جەريانىنىڭ سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈلۈشى دېگەندەك). 10 پارچىگە تولدۇرۇش ئۈچۈن قالايمىقان تارتىلغان سۈرەتلەرمۇ مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. بىز دەۋاتقان فوتو ئوچېرىكىغا مۇنبىرىمىزدىكى <<چەرچەن تەڭلىماتىنىڭ بارلىق ئىش ھالقىلىرى>> دېگەن تېما ياخشى مىسال بولالايدۇ. بۇ تېمىنى بۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ: /forum.php?mod=viewthread&tid=10034 (5) يوللانغان قىسقا فىلىملەر (DV)نىڭ تارتىلىشى ياخشى، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى نىسبەتەن يۇقىرى، بەلگىلىك ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولۇشى، فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەڭ كەم بولغاندا 20 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. سۈرەت سۈپىتى ناچار، ۋاقتى تولىمۇ قىسقا، زوقلاندۇرۇش قىممىتى بولمىغان ياكى تۆۋەن فىلىملەر بىردەك مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. (6) يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ سۆز-جۈملىلىرى راۋان، چۈشىنىشلىك، لوگىكىلىق، گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرگە ئۇيغۇن، بۆلەك، ئابزاسلارغا ئېنىق ئايرىلغان بولۇشى، ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. ناۋادا بۇ خاتالىقلاردىن بىرى سادىر بولسىلا مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. (7) ئاپتورلار ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى كىملىكتىكى بويىچە تولۇق قالدۇرۇشى، تەخەللۇس قوللانغان بولسا ئىسمىنىڭ كەينىگە ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. ئىسىم-فامىلىسى ئەسكەرتىلمىگەن، ئىگە-چاقىسىز ئەسەرلەرمۇ مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە بۇ تەلەپلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
پائالىيەت باسقۇچلىرى:
پائالىيەت ۋاقتى: 2–ئاينىڭ 22–كۈنىدىن 4–ئاينىڭ 15– كۈنىگىچە تارقىتىش سۇپىلىرى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى مەخسۇس سەھىپە بېتى، تەڭرىتاغ مۇنبىرى، تەڭرىتاغ مىكروبىلوگى قاتارلىقلار. پائالىيەت قائىدىسى: تورداشلار يۇقىرىقى ۋاستىلار ئارقىلىق ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ، تورداشلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا باھالاپ چىقىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى : 2–ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4– ئاينىڭ 3–كۈنىگىچە بېلەت تاشلاش ۋاقتى: 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 13–كۈنىگىچە باھالاش ۋە دەرىجىگە ئايرىش ۋاقتى: 4–ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى: 4- ئاينىڭ 15- كۈنى تەسىس قىلىنغان مۇكاپات تۈرلىرى: 1–دەرىجىلىك (بىر نەپەر) 2– دەرىجىلىك (ئۈچ نەپەر) 3-دەرىجىلىك (ئالتە نەپەر)
مۇكاپات بۇيۇملىرى:
1-دەرىجىلىك مۇكاپات (شىنجاڭ مۇراد ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 1000 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم ۋە گۇۋاھنامە) 2-دەرىجىلىك مۇكاپات (شىنجاڭ مۇراد ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن 500 يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم ۋە گۇۋاھنامە) 3-دەرىجىلىك مۇكاپات (بارماق دېسكا ۋە گۇۋاھنامە)
ئەسەرنى بۇ ئادرېستىن يوللاڭ : /forum.php?mod=group&fid=180
كەڭ نورۇز ئۆتكۈزىدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن بارلىق تورداشلارنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ سەرخىل ئەسەرلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىلەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىڭىلاردىن ھەممەيلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى!
بىز بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىغان شىنجاڭ مۇراد ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ پائالىيەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورىغا مەنسۇپ. ئالاقىلىشىش نومۇرى: 8521981-0991 كونكرېت ئىشلاردا ئالاقىلاشقۇچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي يانفون نومۇرى: 18999832214
شىنجاڭ مۇراد ئېلېكتىرون تېخنىكا چەكلىك شىركىتى : /file/ilan/murat/
|