تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 1104|ئىنكاس: 14

چەرچەن تەڭلىماتىنىڭ بارلىق ئىش ھالقىلىرى (سۈرەتلىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1135
تۆھپە
612
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 18:18:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پولات نىياز

(فوتو ئوچېرىكى)



    چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئۇيغۇر تەڭلىمات بېسىش ھۈنىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن مەزكۇر تۈر 2007-يىلى 6-ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ، 2008-يىلى 6-ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلدى . ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋارىسچىسى توغراقلىق يېزا ئارىش كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان توختى مۇسادۇر.
    تەڭلىمات كىگىزنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ئۇ قوينىڭ قارا يۇڭى بىلەن گۈل تىزىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ . چەرچەندە بۇ خىل كىگىز چەرچەندە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، بۇ كىگىزنى سېلىنچا ئورنىدا ئىشلىتىش چەرچەن خەلقى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان . سانائەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ خىل سېلىنچا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئىستېمالىدىن مەلۇم ۋاقىت قالغان . بىراق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ، كىشىلەر سۈنئىي تالالارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ، بۇ ساپ ، تەبىئىي سېلىنچىغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ . مەن تۆۋەندە بۇ سېلىنچىنىڭ ياسىلىش ئەھۋالىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .


    تەڭلىماتنىڭ ئىش ھالقىلىرى تۆۋەندىكىچە:

    1-باسقۇچ ، قوينى قىرقىش


1.JPG


   2-باسقۇچ، يۇڭنى پۈشتەكلەش


2.JPG


   3-باسقۇچ، پۈشتەكنى چاناش


3.jpg


   4-باسقۇچ، يۇڭنى دۇكاندا ئېتىش


4.JPG



   5-باسقۇچ، كىگىزگە ئىللىتىدىغان رەڭلەرنى تەڭشەش


5.JPG



   6-باسقۇچ، ياپما تۇڭكىلارنى رەڭنى قازاندا قاينىتىپ بوياش


6.JPG



   7-باسقۇچ، گۈل تىزىش


7.JPG

   8-باسقۇچ، ياپما قويۇش


8.JPG


9-باسقۇچ، يۇڭنى سېلىش


9.JPG


10-باسقۇچ، چۆرىسىنى بۆكەش


10.JPG


11-باسقۇچ، چۇچا قويۇش


11.JPG


12-باسقۇچ، قايناق سۇنى چېچىش


12.JPG


[13-باسقۇچ، يۇڭنى چىغدا يۆگەش


13.JPG


14-باسقۇچ، چىغنى تېڭىش


14.JPG


15-باسقۇچ، چىغنى دەسسەش


15.JPG



16-باسقۇچ، پىشىپ بولغان تەڭلىمات كىگىز


16.JPG


كېتىدىغان كېرەكلىك ماتېرىياللار:


1-قوي يۇڭى


IMG_1.jpg



2-كۆتەك


IMG_2.jpg


3-قازان


IMG_3.jpg


4-ھەر خىل رەڭلەر


IMG_04.jpg


5-يۇڭ ئاتىدىغان دۇكان


IMG_5.jpg

6-قايچا

IMG_6.jpg

7-مۇشتەك

IMG_7.jpg

8-چىغ

IMG_8.jpg

9-رىزەندە (يۇڭ سالىدىغان نەرسە)

IMG_9.jpg

10-شەپشەك، جاۋۇر (سۇ چاچىدىغان)


IMG10.jpg




ئاپتور، فوتوگراف: چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدا


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مېھرى
تىللا
943
تۆھپە
150
UID
859
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 19:15:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەتراپلىق تەپسىلىي ئىشلەپسىز ، سىزگە كۆپ رەھمەت .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
1957
تۆھپە
1467
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 19:39:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھمىيەتلىك تىمىكەن، نادىرلاپ قويغان بولساڭلار


Rank: 4

تىللا
624
تۆھپە
118
UID
344
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 21:41:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ياخشى بىر ئەسەر بوپتۇ، بىزدە مۇشۇنداق نەرسىلەر كام


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
744
تۆھپە
485
UID
4665
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 22:04:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر كىگىزنىڭمۇ مۇنداق مۇرەككەپ ھالقىلار ئارقىلىق چىقىدىغانلىغىنى ئويلىماپتىمەن...رەھمەت.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1105
تۆھپە
659
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 22:06:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تىما يوللاپسىز مىللى  مىراسلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق  بولمايدۇ


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئەيسا
تىللا
194
تۆھپە
49
UID
4779
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 23:41:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتىكى كىگىز پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنىرى ئىكەنغۇ،بىزنىڭ يۇرۇتتىمۇ مۇشۇ خىل تەرتىپتە كىگىز پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ.


Rank: 2

تىللا
93
تۆھپە
20
UID
2061
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 23:45:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مۇشۇ كىگىز ۇستىگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھازىر ئۇنتۇلۇپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى


Rank: 4

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
250
تۆھپە
164
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 00:57:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھوېمەتلىك  كەسىپدېشىم  ،سىز  غەرى ماددى مەسەنيەت  مىراسلىرى تۇرىنى  تەكشۇرۇش  ،تەتقىق قىلىش  خىزمىتىنى  ناھايىتى ياخشى  ئىشلەپلا قالماي  ،سۈرۈت تاتىش  ،ئۇرۇنلاشتۇرۇش   جەھەتىمۇ  پىشىق ئىكەنسىز.تەجىربىگە ئىگە  قىلغىنىڭىزغا  رگىمەت!.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1031
تۆھپە
658
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 07:00:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تەڭلىماتنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئويغۇر قەدىمىي ھۈنەر سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولغاب-تەڭلىماتنىڭ بارلىققا كېلىش تېخنىكىسىنى تولىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپسىز. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-17 20:44, Processed in 0.089397 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991