|
تۆھپىكار سەنئەتكار ئىبراھىم پەخرىدىن ۋە ئوبراز يارىتىشقا ماھىر ئارتىس ئاپرېل سەمەت
3 y; G _ R) C% \/ X+ H( T+ j/ w8 o! Y7 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1958-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتيورلۇق كەسپىگە شىنجاڭدىن تۇنجى قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى.بۇ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە،ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ساھىسدە بەلگىلىك تەسىر بار ئاتاقلىق سەنئەتكار ئىبراھىم پەخرىدىن بىلەن ئاپرېل سەمەتمۇ بار ئىدى.قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن بۇ ئىككى ساۋاقداش بېيجىڭدىكى 6 يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا كەسىپكە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ،تىياتىر سەنئىتىنىڭ نەزەرىيىۋى بىلىملىرى ۋە ئورۇنداش ماھارەتلىرىنى مۇكەممەل ئىگىلەش يولىدا ئورتاق ئىزدەندى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىدى،چوڭقۇر ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. 1964-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا ئۇلار ئاخىرى بىر-بىرىگە تۈگىمەس ۋەدىلەرنى بېرىپ،مۇھەببەتنىڭ گۈزەل ئالتۇن قەسرىگە قول تۇتىشىپ كىرىپ كەلدى.ئۇلار شۇيىلى شىجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىپ كەسىپتە بىر-بىرىگە يۆلەك بولۇپ،تىنىمسىز ئالغا باستى1967-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بۇ ۋاپادار بىر جۈپلەر بەختلىك ھالدا قەشقەردە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ تۆت پەرزەنتى بار،قىزى گۈلنۇر شىنجاڭ تاشقىي ئىقتىساد سودا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ،چوڭ ئوغلى ئىلشات شىجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە سەھنە دېكوراتسىيە لايىھىلىگۈچى،ئىككىنچى ئوغلى دىلشات مۇقام ئانسامبىلىدا مۇزىكانت بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
7 A8 V* h( l* v6 ^# C' T) B) t: q. s/ \. zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" t3 T5 C- z! i% U8 c5 U' ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تونۇلغان كىنو ئارتىسى فىردەۋىس ئەزىزى ۋە ياش ئارتىس خانقىز مامۇت
4 Y/ `" S6 l: K& h& t; ^3 V2 r3 @3 R8 n; e6 R, e/ _; Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«رەنانىڭ تويى»ناملىق ھېكايە فىلىمدە ئەتكەسچى،لۈكچەك شۆھرەتنىڭ ئوبرازىنى ئۇستىلىق بىلەن يارىتىپ تاماشىبىنلارغا تونۇلغان كىنو ئارتىسى فىردەۋىس ئەزىزىنىڭ مۇھەببەت ئىشلىرى ۋە نىكاھ تۇرمۇشى ئادەمنى بەكلا قىزىقتۇرىدۇ.فىردەۋىس ئەزىزى1984-يىلى«سىرلىق كارۋان» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە بارغاندا ئۇنىڭ قەشقەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىق «ياخشى كەپسەن،بۇ قېتىم بېشىڭنى ئوڭشاپ قويمىساق بولمايدۇ» دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن فىردەۋىس ئەزىزى ئۇزاق ئۆتمەيلا قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ياش ئۇسسۇلچىسى خانقىز مامۇت بىلەن تونۇشتى،ئەمما خانقىزنىڭ يەكەندىكى ئاتا-ئانىسى فىردەۋىسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ،«ئۇ ھېلىقى لۈكچەك شۆھرەتقۇ» دەپ خانقىزنىڭ فىردەۋىس ئەزىزى بىلەن توي قىلىشىغا قارشى تۇردى،خانقىز قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلدى.شۇ يىلى9-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇلار قەشقەردە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.قىزىق يېرى،توي بولۇۋاتقان كۈنى رېژىسسور ئادەم ئەۋەتىپ فىردەۋىسنى فىلىمدىكى رولنى ئېلىشقا چاقىرتىپ كەتتى.كەچكە يېقىن فىردەۋىس ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە يېڭى كېلىن خانقىز ئۆزى باش رول ئالغان «ئاماننىساخان» ناملىق ئوپېرانىڭ ۋىلايەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سورۇندىن ئايرىلدى.ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ،قىزىنىڭ ئىسمى فىرۇزە، ئوغلىنىڭ ئىسمى فەرۇق،ئۇلار بىلە شىنجاڭ سودا مەكتىپىنىڭ ئېنگىلىس-خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتىدۇ.: _' ^$ t' f/ G" [1 B3 ]; @بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2 J: S1 U/ p+ L' J* z
& w# x5 q+ a5 r2 h, @: {تونۇلغان ياش سەنئەتكار نىجات نىياز ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئارتىس گۈلجامال مەتنىياز# ]; [' p1 n6 v% x2 ~) N( Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
2 [$ i3 \7 t- u9 q/ h8 e1982-يىلى-9ئايدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئاكتيورلۇق كەسپىگە تاللانغان بىر قىسم ئوقۇغۇچىلار مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا باردى.شۇنىڭ بىلەن تەقدىر نۇرغۇن ناتونۇش ياشلارنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇردى ۋە تونۇشتۇردى.بۈگۈنكى كۈندە سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ياش سەنئەتكار نىجات نىياز بىلەن گۈلجامال مەتنىيازمۇ ئاشۇ قايناق ساۋاقداشلىق ھاياتىنىڭ ھىممىتى بىلەن ئاستا-ئاستا دوستلىشىپ،دوستلۇقتىن مۇھەببەتنىڭ ئالتۇن ساھىلىگە قەدەم قويدى.ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىللە ئورۇندىغان«توي» ناملىق ئىتوت سەۋەب بولۇپ قالغان،ئۇلار بۇ ئىتوتتا ئەر-ئايالنىڭ رولىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي تەبئىي ھالدا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى. 1986- ئىككىيلەن مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ۋە 1988-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بەختلىك ھالدا ئۈرۈمچىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار.چوڭىنىڭ ئىسمى گۈلجەننەت بولۇپ،ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.نىجات نىياز بىلەن گۈلجامال كۆپلىگەن ئىپىزوتلاردا بىللە رول ئېلىپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.3 w- E/ ]3 e7 \4 u, F1 o t4 @) n' nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
# D* f0 g( y2 y: H% t2 L$ Z
; ?2 G# \; m& B; _تالانلىق ناخشا چولپىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ياش ئارتىس ئامىنە ئۆمەر7 Y; b* {/ x* T. E2 N) `, J3 A8 P5 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 F; Z$ o0 t) [$ D$ [0 ~; ^( }6 kسەنئەت ساھەسىدىكى يۈكسەك بەدىئىي تالانتى ۋە تەسىر بىلەن بۈگۈنكى كۈندە خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ئاتاقلىق ناخشىچىغا ئايلانغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1987-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ،كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى.ئۆزئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى،ئېغىر-بېسىق مىجەز-خاراكتېرى ھەم سەمىمىيلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.ئامىنەمۇ 1988-يىلى «بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھېكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى.شۇنىڭ بىلەن ئىككى ساۋاقداش 1988-يىلىنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ،كېيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى.ئۇلار1991-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بەختلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.بۇ بىر جۈپ ياش سەنئەتكار«ۋاپادارلىق كۈيى» قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى بىللە ئورۇنداپ تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.) ^) O. {1 O& q8 R) F. ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1 l. j5 @" ^% B3 x2 p) Z# Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' F7 \9 i7 v, Y9 V/ [8 }9 Q4 `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) F1 P4 U* c% m& rئاتاقلىق كۈلكە چولپىنى ئادىل مىجىت ۋە تونۇلغان ياش ئارتىس گۈلبەھرەم قادىر
# G( O0 `4 R, h0 j& g- v4 W% l. u' `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
گۈلبەھرەم قادىر1980-يىلى قاراماي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا ئادىل مىجىت تېخى مايتاغ-1ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى.تەبئىي سەنئەت تالانتىغا ئىگە ئادىل مىجىت ئۆزىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ قاراماي شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە ئىمتىھان بېرىدۇ.كۈلكىلىك يېرى،ئۇنىڭ ھازىرقى خانىمى گۈلبەھرەم ئۇنىڭدىن ئىمتىھان ئالىدۇ.ئادىل مىجىت ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئۆمەككە قوبۇل قىلىنىدۇ. 1981-يىلى گۈلبەھرەم قادىر «غېرىپ-سەنەم» ناملىق فىلىمدە تاغ مەلىكىسىنىڭ رولىنى ئېلىپ بىراقلا تەسىر قوزغىدى.ئادىل مىجىت گۈلبەھرەمگە بولغان ئىنتىزارلىق ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بۇ فىلىمنى 17قېتىم كۆردى.فىلىمنى كۆرگەنسېرى ئۇ گۈلبەھرەمنى چىن قەلبىدىن ياقتۇرۇپ قالدى. 1982-يىلى 9-ئايدا ئۇ مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتى،ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خەت ئالاقىسى بارغانسېرى كۈچەيدى، 1982-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى گۈلبەھرەم ئادىل مىجىتنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ خەت ئەۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ ئاتاقلىق ئىككى سەنئەتكار پاك مۇھەببەتنىڭ ئالتۇن ساھىلىغا قەدەم قويدى. 1987-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇلار قاراماي شەھىرىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ بىر قىز،بىر ئوغلى بار،قىزى ئادىلە ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،ئوغلى ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.2 j# h( u! h y9 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. h6 B4 {3 g5 J" k. W4 Z9 Z0 s- A4 D x& M9 h& I5 l$ P* U3 `: Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوبراز يارىتىشقا ماھىر ئارتىس تۇرغۇن ئىمىر ۋە خەيرىگۈل ھەسەن- E; H3 Y! d2 D fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" }7 b! I( e3 ?7 Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تۇرغۇن ئىمىر بىلەن خەيرىگۈل ھەسەن 1982-يىلى9-ئايدا مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا بارغاندا تونۇشقا. ئۇلار ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا خۇددى ئاكا-سىڭىلدەك ياخشى ئۆتەتتى.خەيرىگۈل تۇرغۇننى«ئاكا» دەپ چاقىراتتى. تۇرغۇن ئىمىرمۇ خەيرىگۈلگە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى ھەم ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى.بۇنداق چوڭقۇر ساۋاقداشلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىق ئاخىر توزىماس مۇھەببەت گۈلىنى ئېچىلدۈردى.1986-يىلى5-ئايدا ئىككىيلەن رەسمىي مۇھەببەت باغلىدى.ئىككى ئايدىن كېيىن تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە بىللە تەقسىم قىلىندى.1987-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىككىيلەن بەختلىك ھالدا ئۈرۈمچىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بار. چوڭنىڭ ئىسمى زۇلخۇمار،كېچىكىنىڭ ئىسمى شېرىنئاي،ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتىدۇ.تۇرغۇن ئىمىر بىلەن خەيرىگۈل كەسىپتە تەڭ ئىلگىرىلەپ تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سەنئەتكارلاردىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ 2001-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن >>ئازابلىق لەززەت<<ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بۇ قەدىناس ئەر-خوتۇن بىللە رولغا چىقىپ،بىر-بىرىنى كولدورلىتىدىغان ئىككى سەلبىي پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن يارىتىپ،خەلق ئىچىدە زور تەسىر قوزغىدى.
, D/ V1 P* v# n& S" ]0 K5 O
7 N( |/ G! z3 R6 k0 E& { T7 w Z. Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياش رېژىسسور شىرزات ياقۇپ ۋە ئاتاقلىق كىنو چولپىنى مېھرىگۈل ئەمەت7 V8 m: I. [5 [/ G* d5 Y7 mبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 w3 |* l# U8 e& `, aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېھرىگۈل ئەمەت <<رەنانىڭ تويى>> ناملىق ھېكايە فىلىمدە رول ئالغاندىن كېيىن بىراقلا كىشلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدىن خەتلەر توختىماي كېلىشكە باشلىدى.شۇ چاغلاردا بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان شىرزات ياقۇپمۇ مېھرىگۈلنى سىرتتىن يۈرەتتى.بىر كۈنى شىرزات مېھرىگۈلنى ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك سودا سارىيىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىتىپ قېلىپ«ئىسمىڭىز نېمە؟» دەپ سورىدى،ئەمما مېھرىگۈل ئىسمىنى دەپ بەرمىدى.شىرزات «مەن ھامان بىر كۈنى بىلىۋالىمەنغۇ!؟» دېگىنىچە كېتىپ قالدى.1984-يىلى يازدا مېھرىگۈل باش رول ئالغان «ئارتىس بولمايدىغان قىز» ناملىق فىلىم مەملىكەت بويىچە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ،مېھرىگۈل بىلەن رەيھان ئابلىز مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا باردى.ئۇلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى زىياپەت ھازىرلىدى.شىرزات پەقەت شۇ چاغدىلا مېھرىگۈل بىلەن ھەقىقىي تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.1985-يىلى 7-ئايداشىرزات ئوقۇشنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندە مېھرىگۈل دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانىدى. ئۇ مېھرىگۈلنى پات-پات يوقلاپ تۇردى ھەمدە كىتاب،ئۈنئالغۇ لېنتىسى، قىزىل كۈل قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئۇنى تەسىرلەندۈردى.مېھرىگۈلمۇ ئاخىر شىرزاتنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىپ ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى.ئۇلار 1986-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بەختلىك ھالدا خوتەندە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ،چوڭىنىڭ ئىسمى ئىرشات،ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ،كېچىكىنىڭ ئىسمى ئېھرام،يەسلىدە.
; b1 ]; a+ w2 a3 q7 |" R9 G
" Z8 C2 B: w, Q$ }$ c1 s" |8 J' F" v. ?+ Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ياش رېژىسسور ئادىلشاھ شاراخمان ۋە تونۇلغان كىنو چولپىنى گۈلزار تۆمۈر0 ~5 V) n! I: z1 m& ^ cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
k, G5 x/ B B. C/ m h' O, hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1984-يىلى يازدا بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ ياشلار كىنو ستۇدىيىسى شىنجاڭدا پراكتىكا يۈزىسىدىن«يۇرتۇمنىڭ كۈيى» ناملىق ھېكايە فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى.بۇ چاغدا كىنو ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان گۈلزار تۆمۈرگە مەزكۇر فىلىمدە باش رول تەقسىم قىلىندى.ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ئادىلشاھ شاراخمان بولسا بۇ فىلىمنىڭ خۇدۈژنىكى بولدى.ئۇلار فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجا،كۇچار،قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلارغا بىللە بېرىپ،كىشىلىك تۇرمۇش ۋە كەسىپ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ھاسىلاتقا ئىگە بولدى. بۇجەرياندا ئىككىيلەن تەبئىي ھالدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتى. 1984-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۇلار رەسمىي مۇھەببەت باغلىدى. 1985-يىلى 7-ئايدا ئىككىيلەن بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە ئورۇنلاشتى ھەمدە1987-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.ھازىر ئۇلارنىڭ شامىل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار بولۇپ،باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ.* K$ s: H4 Z7 K, |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
9 |) |6 `2 G. Y R9 T' z
1 D6 |, U# E$ |' t; dئاتاقلىق مۇزىكانت مىجىت ئىبراھىم ۋە داڭلىق ناخشا چولپىنى پاشا ئىشان
, Y' {& m3 @5 ]6 q2 o1 a( T2 a& A5 _8 H/ F4 A; h4 p: ?' Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق مۇزىكانت مىجىت ئىبراھىم شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك مۇزىكانتى مىجىت ئىبراھىم ئۆزىنىڭ راۋاب چېلىشتىكى كامالەتكە يەتكەن يۇقۇرى ماھارىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان، شۇنداقلا خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تەسىرى كۈچلۈك سەنئەتكاردۇر.; D S; M6 O: j0 _1 nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
داڭلىق ناخشا چولپىنى پاشا ئىشان ئۆزىنىڭ ناخشا ئورۇنداشتىكى ئاجايىپ يۇقۇرى بەدئىي تالانتى بىلەن «شىنجاڭ بۇلبۇلى» دەپ نام ئالغان. خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك كۈيچىسى، ئانا سەنئىتىمىزنىڭ تەڭداشسىز پەخرى ۋە بايلىقى.& T4 Z* S0 p8 Y( Z$ g: Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
: e) f. V# l. B9 ~3 D% ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
* ~3 _. I, d' j* A7 @1 Fبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق ناخشىچى غاپپار ئەخمەت ۋە تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى چىمەن مۇخلىس
. w" X6 A5 q" ?6 r1 W( u$ ~6 ^3 `/ O0 R6 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چوڭقۇر ھېسسيات بىلەن يوغۇرۇلغان «جان ئانا»، «قاينام ئۆركىشى» شۇنداقلا ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن «خانلەيلۇن»، «يار سېنىڭ دەردىڭ».....قاتارلىقلارنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنداپ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ ئاتاقلىق ناخشىچىسى غاپپار ئەخمەت بىلەن پاكىستاننىڭ «مىراسخور» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا زەكىيە خانىمنىڭ ئاۋازىنى چېن ھېسسيات بىلەن بېرىپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى چىمەن مۇخلىسنىڭمۇ تەقدىرنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلغۇسىز ھايات خاتىرىلىرى بار. 1975-يىلى غاپپار ئەخمەت ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چىمەن مۇخلىس بىلەن تۇنۇشتى. 1978-يىلى 3-ئايدا ئۇلار ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، چوڭ قىزى دىلبەر شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىدا دىكتور بولۇپ ئىشلىمەكتە، كىچىك قىزى دىلدار شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئىنگىلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇماقتا .
# D) J3 u+ i: x6 ?* p/ y+ Z4 @8 ?9 x, ]+ O$ e6 lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
# J6 s d+ ]& L. z0 w) o) Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى كۈرەش رەجەپ ۋە كۆزگە كۆرۈنگە ئۇسسۇلچى بۈۋىگۈل غوپۇر+ @7 r. E; G7 ]# C% e( R1 X( bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' _5 x2 ]9 P8 t% j1980-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇلچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۆۋىگۈل غوپۇر تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە «غېرىپ _ سەنەم» ناملىق فىلىمدە سەنەمنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللىنىپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدىكى تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مىنۇتلار ئىدى. فىلىم دەسلەپتە غولجىدا سۈرەتكە ئېلىندى. بىر قانچە مەيدان كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن فىلىمدە ئابدۇللا شاتىرىنىڭ رولىنى ئالىدىغان شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ياش ئۇسسۇلچىسى كۈرەش رەجەپمۇ غولجىغا يېتىپ باردى. فىلىم ئىشلەش جەريانىدا كۈرەش رەجەپ بىلەن بۆۋىگۈل تونۇشۇپ قالدى. كېيىن فىلىمنىڭ باشقا كۆرۈنۈشلىرى تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىندى. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ چاغدا فىلىمدىكى ئەشەددىي رەقىبلەر «سەنەم»، يەنى بۆۋىگۈل بىلەن «ئابدۇللا شاتىرى»، يەنى كۈرەش رەجەپنى ۋاپادارلىققا باي چىن مۇھەببەت ئۆزىگە ئەسىر قىلدى. كىشىلەر «غېرىپ - سەنەم» فىلىمىنى ھاياجان بىلەن كۆرۈۋاتقان كۈنلەردە يەنى 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇلار قەشقەردە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، ئوغلى زۇلپىقار شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدا، قىزى دىلخۇمار شىنجاڭ ھەربىي سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلىمەكتە .8 f A4 s8 N! K! l3 p* p$ R; Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) [& g$ Q2 F) `" h: bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق كومپېزىتور ھېكىم ھەسەن ۋە ئەلگە تونۇلغان ناخشىچى ئايتىللا ئەلا. A- ]5 [' y/ z; H( i! k1 I* Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
b# Y* O- [' T: N$ c( kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چىن ئىخلاس، چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇزىكا ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان «مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ»، «ئاخىرقى كۆل»، «قانلىق يىللار» غا ئوخشاش كۆپلىگەن كىنو، تېلىۋېزىيە تىياتىرى ۋە دراما - ئوپېرا ھەمدە «مۇئەللىم» گە ئوخشاش ئاز بولمىغان نادىر ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ سەنئەت ساھەسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئاتاقلىق كومپوزېتور ھېكىم ھەسەن بىلەن «ھاۋادىكى بوز تورغاي» دەك جەلپ قىلىش كۈچىگە باي ناخشىلىرى بىلەن خەلققە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى ئايتىللا ئەلا سەنئەت بېغىدىكى ھەقىقىي سىرداش بىر جۈپلەردۇر. 1980-يىلى ئايتىللا ئەلا شاڭخەي مۇزىكا ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بېرىپ، ئۇ يەردە كەسپى بويىچە بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ھېكىم ھەسەن بىلەن تونۇشتى. شاڭخەيدىكى 4 يىللىق ساۋاقداشلىق ھاياتىدا ئۇلار ئاستا-ئاستا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشتى ھەمدە 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئوغلى ئېرپان شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇماقتا .( j L9 d" h: a) r" v6 \0 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 [4 x3 I5 S6 c4 r3 v9 |- {# q% nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
0 U! m/ O& i# Q4 {' ?+ f5 t; `/ \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قابىل مۇقام تۆھپىكارى دولقۇن سەپەر ۋە تونۇلغان ياش كىنو - تىياتىر ئارتىسى مەخپىرەت ئۆمەر
$ X; t' _3 v1 y5 T. N
) [$ w4 \2 S( F6 F/ S* yكىشىلىك ھاياتتا ئادەم ئويلىمىغان نى-نى ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. گاھىدا تەقدىرنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىنسان بەخت ۋە ۋىسال ھېسلىرىغا چۆمۈلۈپ، ئۆمۈر باغلىرىنى گۈل چېچەكلەرگە پۈركەيدۇ. 1980-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتقان دولقۇن سەپەر بىلەن مەخپىرەت ئۆمەر شۇ يىلى ئۆمەك تەييارلىغان «غېرىپ-سەنەم» ناملىق چوڭ تىپتىكى ئوپېرادا غېرىپ بىلەن سەنەمنىڭ رولىنى ئېلىشقا بېكىتىلىدۇ، ئىككىيلەن سەھنىدە غېرىپ بىلەن سەنەمنىڭ بىر -بىرىگە تەقەززا بولغان، ۋاپادارلىققا باي تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىسىنى يۇرۇتۇپ بېرىش جەريانىدا تەبىئىي ھالدا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىدۇ. ئۇلار 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مەكىتتە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ ھەم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆزلىرىنىڭ سەنئەتتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ.3 D5 g7 W/ a3 R9 ~( t5 h0 Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، چوڭى رۇقىيە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتېتىدا ئوقۇماقتا. ئۇ «مەشرەپ» پروگراممىسىدا فىلود بىلەن مۇزىكا ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە يېقىندىن بۇيان تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالماقتا. ئۇلارنىڭ ئوغلى فەرۇقمۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ئوقۇماقتا.
3 H( J" @, R, V4 l* a3 A+ l- a5 G/ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
7 x2 D5 h2 I$ C3 Q3 N: M v+ g: jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قابىل يېتەكچى ھەم مۇقام تۆھپىكارى مەمتىمىن مەمتىلى ۋە تونۇلغان ياش ناخشىچى چىمەنگۈل قادىر
5 A) \. `! S7 N
- V) D! z2 ^9 N8 c% B* m; v9 rبېيجىڭ مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەمتىمىن مەمتىلى 1985-يىلى شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلدى. شۇ يىلى چىمەنگۈل قادىرمۇ سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، بۇ ئۆمەككە تەقسىم قىلىندى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا كەسپتىكى ئورتاقلىق تۈپەيلى بۇ ياش سەنئەتكارلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىدا يېپيېڭى سەھىپە ئېچىلدى. ئۇلار 1988-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەردە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، چوڭى رەناگۈل ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە، ئوغلى مۇستاپا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇماقتا
9 q7 I1 {: y: c: t" _9 x* `5 _( H4 N$ e: _' n5 J2 j( xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
( @ B1 f" P+ z' f& r- v3 K) uئىقتىدارلىق سەنئەتكار مەمتىمىن ئابدۇرېھىم ۋە تونۇلغان تىياتىر ھەم ناخشا چولپىنى گۈزەلنۈر قۇربان
3 V! h2 G+ [' Z# L* F/ [$ f4 l7 s5 K) {9 tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىغا شىنجاڭدىن 3-قارارلىق مىللىي ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىندى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەكىتلىك مەمتىمىن ئابدۇرېھىم بىلەن گۈزەلنۇر قۇربانمۇ بار ئىدى. قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 4 يىللىق ئوقۇش ھاياتىدا كەسىپ، غايە ۋە تۇرمۇش ھەققىدە نۇرغۇن ئورتاق قاراشلارنى شەكىللەندۈردى ھەم ۋاپادارلىق كەۋسەرلىرى بىلەن سۇغىرىلغان چىن مۇھەببەتنىڭ گۈزەل گۈلىستانىغا قول تۇتىشىپ بىللە كىرىپ كەلدى. ئۇلار 1986-يىلى ئوقۇش تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە بىللە تەقسىم قىلىندى. مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغىنى شۇكى 1988-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىدا بىللە ئوقۇغان 24 نەپەر ساۋاقداش جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ مەكىتكە بارغاندا مەمتىمىننىڭ دادىسى «بالىلىرىم، مەن ياشىنىپ قالدىم. كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا تويۇڭلارنى كۆرسەم دەيمەن، بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەتكەن» دەپ تۇرىۋالدى. مەمتىمىن بىلەن گۈزەلنۇر مەسلىھەتلىشىپ، بىر كۈندىلا توي تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ، سىنتەبىرنىڭ 30-كۈنى بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار رومانتىك توس ئالغان توينى تۈگىتىپ، ئەتىسى يەنە كەسپداشلىرى بىلەن ئويۇن قويۇش ئۈچۈن باشقا جايغا يۈرۈپ كەتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئوغلى مىركامىل ئۈرۈمچىدە ئوقۇماقتا
8 [" m1 h! m, d- C( _! J( _+ V" P6 {! {( C* S* \& w- e, W. vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
3 [ R$ c7 f: v, J z! Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ `8 P l3 u" o3 _1 {6 h2 vتونۇلغان كىنو چولپىنى ئەنۋەر ئابلا ۋە ياش ناخشىچى خالىدە ئوسمان4 X) p9 j6 M, P8 D2 Q; Z8 |: E$ Lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 D8 j" X' Z4 E/ g# m+ j& k+ ?بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1987-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر مەيدان ئويۇن تەييارلانغان ئىدى. بۇ ئويۇننى تەييارلاشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ھازىر تونۇلغان كىنو چولپىنىغا ئايلانغان ئەنۋەر ئابلا ۋە ياش ناخشىچى خالىدە ئوسمانمۇ بار ئىدى. ئەنۋەر زامانىۋى ئۇسسۇل ئوينايتى. خالىدە بولسا شۇ قېتىمقى ئويۇندا «سېنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن، بىراق دىيەلمەيۋاتىمەن» دېگەن ئېنگىلىزچە ناخشىنى ئېيتىپ ئويۇننى تېخىمۇ قىزىتىۋەتكەنئىدى. ئەنۋەر خالىدەنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ، بۇ قىزدا خېلى تالانت بار ئىكەن، دەپ ئويلىدى. كېيىن ئۇلار دوستلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىدا تونۇشۇپ قالدى. ئەنۋەر خالىدە بىلەن سىردىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ تۈز، سەمىمىي، ئېغىر-بېسىق قىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى - دە، ئەسلىدە مەن ئىزدەپ يۈرگەن قىز مۇشۇ ئىكەن، دەپ ئويلىدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن چىن مۇھەببەتنىڭ سەپىرىنى باشلىدى. ئۇلار 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئوغلى ئارافات ئۈرۈمچىدە ئوقۇماقتا4 [% _! U( l# a; d, K$ v/ T# lبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 j' X, |0 C5 G) }
. p6 c- K% m3 z O9 j7 ] a' U* Z6 ^) S9 X6 kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تالانتلىق ئۇسسۇلچى دىلمۇرات ياسىن ۋە تونۇلغان ياش ناخشىچى ئارزۇگۈل ئابدۇخېلىل
6 V' x+ R# H7 H9 a9 H
7 c/ ]/ |7 R% ]9 L" j8 Gھاياتتىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى ۋە ئەڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى ئەسكە ئالغىنىمىزدا، قەلبىمىزگە چىن سۆيگۈنىڭ ئاتەش يالقۇنىنى تۇتاشتۇرغان تەۋەرۈك مىنۇتلار بىزنى ھەممىدىن بەكرەك ھاياجانغا سالىدۇ. «چۈش ۋە رىئاللىق» ناملىق چېن ھېسسيات ۋە رومانتىك تۇيغۇغا باي ئۇسسۇللۇق ناخشىنى بىللە ئورۇنداپ، سەنئەتخۇمار خەلقىمىزگە زور مەنىۋى لەززەت بېغىشلىغان تالانتلىق ئۇسسۇلچى دىلمۇرات ياسىن بىلەن تونۇلغان ياش ناخشىچى ئارزۇگۇل ئابدۇخېلىلنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۇنتۇلماس ھېكايىسىمۇ ئەنە شۇنداق باشلانغان. 1992-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان ئارزۇگۇل قىشلىق كانىكولدىن پايدىلىنىپ، ئويۇن قويۇش ئەترىتى تەركىبىدە تۆۋەنگە ئويۇن قويغىلى باردى. ئارتىسلارنىڭ ئىچىدە ياش ئۇسسۇلچى دىلمۇرات ياسىنمۇ بار ئىدى. ئويۇن قويۇش جەريانىدا بۇ ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ تالانتىغا ھەۋەس قىلىشىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇلار ئىچ سىرلىرىنى دېيىشىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. بۇ دوستلۇق ئاخىرى بۇ تالانتلىق ئىككى ياش سەنئەتكارنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت ئوتلىرىنى ياقتى. 1996-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى يەنى ئارزۇگۇلنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىدە ئۈرۈمچىدە ئۇلارنىڭ بەختلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، ھازىر ئۇلارنىڭ دىليارجان ئىسىملىك ئوغلى بار
( M' j8 n% |; I0 k2 H" j4 M9 b$ k Y2 S5 [4 j1 V3 A0 l& Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" w; _" I, ]2 d2 v5 n5 J, T+ f
9 W$ d- n2 z& s5 w5 nتونۇلغان ياش كىنو - تىياتىر ئارتىسى ئىسلامجان ۋارىس ۋە ئامىنە ئابدۇللا
7 ~6 B( s" _! o
: c" I0 ]* A1 v- I: @- Jسەنئەت بېغىدا خۇددى خۇشپۇراق قىزىلگۈلدەك پۈرەكلەپ ئېچىلغان بىر جۈپ ياش سەنئەتكار بار. ئۇ بولسىمۇ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ تالانتلىق ياش ئارتىسى ئىسلامجان ۋارىس بىلەن ئامىنە ئابدۇللادۇر. ياشلىقتىكى گۈزەل ئىستەكلەر ۋە مۇھەببەتلىك تەلپۈنۈشلەر ئۇلارنى ئاخىر ۋىسال بېغىدا ئۇچراشتۇردى. بۇ 1994-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىدىكى تۆت يىللىق ساۋاقداشلىق ھاياتىدا ئۇلار كەسپ، غايە، چىن مۇھەببەت، ھەم كىشىلىك ھاياتنىڭ نۇرغۇن سىر-ھېكمەتلىرىنى چۈشىنىپ يەتتى. قەلبىدە بولسا چىن سۆيگۈ دۇلقۇنلايتتى. 1998-يىلى 7-ئايدا بۇ ئىككى ساۋاقداش بېيجىڭدىكى ئوقۇشىنى تۈگۈتۈپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە بىللە تەقسىم قىلىندى. 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇلار ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئىمانە ئىسىملىك قىزى بار) ]' J$ |5 t" E1 }$ z" Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
. @4 L" l* m1 y; s- c+ F# u) l0 V( y( R$ Z. `بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! I2 a6 L" F$ R0 [6 F* Q8 R+ Y) Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق ئۇسسۇل سەنئەتكارى مۇھەممەت داۋۇت ۋە سالامەت ئالىم! c8 o: B X, T- c5 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
5 C( T8 ]( e' X; j0 F0 A4 Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇھەممەت داۋۇت بىلەن سالامەت ئالىم 1952-يىلى ئۆزلىرىدىكى تەبىئىي سەنئەت تالانتى بىلەن ئارقا-ئارقىدىن سابىق يەكەن ۋىلايەتلىك سانايى نەپىسىگە قوبۇل قىلىندى ھەمدە يېزا-قىشلاقلاردا بىللە ئويۇن قويۇش جەريانىدا كەسىپتە ئورتاق ئالغا باستى. 1955-يىلىنىڭ ئاخىرى مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى مۇھەممەت داۋۇتنى بېيجىڭغا يۆتكەپ كەتتى. ئۇ بۇ جايدا ئۇسسۇل ماھارىتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈردى. بۇ چاغدا قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەۋاتقان سالامەت ئالىممۇ ئۇسسۇل كەسپىدە خېلىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغانئىدى. 1957-يىلى مۇھەممەت داۋۇت سالامەت ئالىمغا بىر پارچە خەت يازدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىدىكى تۇنجى ئوتلۇق كۈيى ياڭراشقا باشلىدى. 1962-يىلى مۇھەممەت داۋۇت بېيجىڭدىن قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلدى. 1963-يىلى 3-ئايدا ئۇلار قەشقەردە بەختلىك ھالدا توي قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلدىن ئارتۇق سەنئەت ھاياتىدا ئۇلار بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، «توي ئۇسسۇلى»، «پامىردىكى بۈركۈت»، «مۇقام يۇرتىدىكى شادلىق».....قاتارلىق كۆپلىگەن نادىر ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلىپ ھەم ئورۇنداپ، شىنجاڭنىڭ مىللى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ئۇلار يەنە بىرلىشىپ «چەبىيات» مۇقامىنى سەھنىلەشتۈرۈپ، مۇقامنى سەھنىلەشتۈرۈشتە تۇنجى يولنى ئېچىپ بەردى. ئۇلارنىڭ بەش پەرزەنتى بار بولۇپ، چوڭى ئەزىمەتجان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھاۋا رايى ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ. ئىككىنجى پەرزەنتى مەرھۇمە گۈلئازات ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا-تېلېگىراف ئىدارىسىدا خىزمەت قىلاتتى، ئۈچىنچى پەرزەنتى گۈلپەزىلەت شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسسۇلچىسى بولۇپ، ئۇ «مۇبارەك»، «ئارزۇيۇم»، «چاڭقىغان يۈرەك».....قاتارلىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. تۆتىنجى پەرزەنتى ئەكرەمجان ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىكومنىڭ شۇجىسى ھەم مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىمەكتە. بەشىنجى پەرزەنتى ئابدۇراخمان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى8 v l3 P" Z( c5 N! y; Kبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 H4 \$ l0 z+ M" }/ [; E: D8 S {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
! G8 Q% ]% l; {بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاتاقلىق كومپوزېتور ئىسكەندەر سەيپۇللا ۋە ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى پاتىمە ھوشۇر2 [* n5 h6 _. o3 m _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
/ K5 N2 Y. F4 _2 h1 G! Mھاياتتىكى نۇرغۇن تاسادىپىيلىقلار بەزىدە ئىنساننى ئۆمۈرلۈك ئارزۇ-ئارمان ۋە بەختكە ئېرىشتۈرمەي قالمايدۇ. 1970-يىلى ئىلى ھاۋا رايى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن پاتىمە ھۇشۇر شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە بىر دوستىنىڭ تويىغا قاتنىشىۋېلىپ، ئىسكەندەر سەيپۇللا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. بۇ چاغدا ئىسكەندەر سەيپۇللا ئۆزى ئىجاد قىلغان ھەم خەلق ئىچىدە ئەڭ تارقالغان نادىر ئىجادىيىتى «سېنى ئەسلەيمەن» ناملىق ناخشىنى ئاككوردىيون بىلەن ئورۇندىماقتا ئىدى. پاتىمە ھۇشۇر ئۇزاقتىن بۇيان بۇ لېرىك ناخشىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاچقا بەكلا سۆيۈنۈپ كەتتى. ئىسكەندەر سەيپۇللا ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ، كۆپچىلىكتىن «سىلەر بۇ ناخشىنى ياقتۇرامسىلەر؟» دەپ سورىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پاتىمە ھۇشۇر ئۆزىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ناخشىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىغانلىقىنى ھەممىدىن بەكرەك تىلغا ئالدى. شۇنداق قىلىپ «سېنى ئەسلەيمەن» ناملىق بۇ ئۆلمەس لېرىك ناخشا ئىككىيلەننى تۇنۇشتۇردى. ئۇلار 1971-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاتىمە ھۇشۇر ئىسكەندەر سەيپۇللانى قىزغىن قوللاپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشىغا ئىلھام بەردى. ئىسكەندەر سەيپۇللامۇ پاتىمە ھۇشۇرنىڭ ئاۋاز ئارتىسلىق كەسپىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى ھەر تەرەپتىن قوللىدى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتى بار بولۇپ، چوڭ قىزى پەرىدە شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇزىكانتى، ئوغلى ئىليار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مۇزىكانتى، كىچىك قىزى رەئىسە شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇزىكانتى، شۇنداقلا يېتىلىۋاتقان ياش ناخشىچى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى سەنئەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە ھەم تۆھپە ياراتماقتا" n# p/ o3 R' }9 Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% a5 {) T7 R+ L& y+ O: F8 \بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) h: V, ?+ K' \6 t6 |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
) E4 a: Z' O: T" D+ Y1 Tبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قابىل سەنئەت تەشكىلاتچىسى تۇرسۇن بارات ۋە تونۇلغان سەنئەتكار خەلچەم قادىر- m/ D& j( Z3 u- \5 x. A3 n9 t# jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% l1 g. X2 }$ W8 q/ o _8 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
1958-يىلى سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ بالت كەسپىگە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرپاندىن كەلگەن تۇرسۇن بارات بىلەن ئۈرۈمچىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلچەم قادىرمۇ بار ئىدى. ئىككىيلەن بىر سىنىپتا بىللە بالت ئۈگىنىش ھەم ۋېنگىرىيە ئۇسسۇلى ۋە روسچە ئۇسسۇللارنى بىللە ئويناش جەريانىدا غايە ۋە كەسپ ھەققىدە ئورتاق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى. 1964-يىلى خەلچەم قادىر مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكولتېتىغا ئوقۇشقا باردى، تۇرسۇن باراتمۇ ئوخشاشلا بۇ ئىنىستىتوتنىڭ سەھنە گۈزەل سەنئىتى كەسپىگە ئوقۇشقا كىردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ساۋاقداشلىق ھاياتى ئۇلارنى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ گۈزەل گۈلىستانىدا ئەبەدىيلىك بىر ناخشىنى ياڭرىتىشتەك مۇقەددەس تىلەككە يەتكۈزدى. ئۇلار بېيجىڭدىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ ئوخشاشلا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ، دىراما ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1969-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە بەختلىك ھالدا توي قىلدى. ئىككىيلەن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كەسىپتە بىر-بىرىنى تېخىمۇ قوللاپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي سەنئەت ئىشلىرىدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى. ھازىر ئۇلارنىڭ غۇنچەم، خانزۆھرە ئىسىملىك ئىككى قىزى بار
8 { M1 m. y n' \2 D; W" D7 o0 A7 Y% S4 T9 n z q, b9 u$ A' V& Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
" z& J* Z) b# O' W
4 K# ^/ Z+ J4 X1 E* Zتېلېۋىزىيە سەنئىتىدىكى بىر جۈپ تۆھپىكار رېژىسسور __ ئۆمەر سايىم ۋە نىياسەم ئابدۇراخمان& `! Q: \2 M+ T5 {& p% C. Bبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' g9 P r3 X, L; Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۆمەر سايىم ئۆزىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا بولغان كۈچلۈك ھېرىسمەنلىكى ۋە تالانتى بىلەن 1961-يىلى كۇچار ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىگە بالا ئارتىس بولۇپ قوبۇل قىلىندى. نىياسەم ئابدۇراخمانمۇ ئۆزىدىكى ئۇسسۇل ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ، 1966-يىلى مەزكۈر ئۆمەككە تاللاندى. ئۇلار ئاتاقلىق سەنئەتكارلار يېغىلغان مۇشۇنداق بىر سەنئەت گۈلزارلىقىدا تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت قەيسىرانە روھنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇزاققا قالماي خېلى مول ماھارەتكە ئىگە ياش ئارتىسلاردىن بولۇپ قالدى ھەمدە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ گۈزەل كېلىچىكى ھەققىدە ئورتاق غاينى كۆڭلىگە پۈكۈپ، 1969-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كۇچار ناھىيىسىدە بەختلىك ھالدا توي قىلدى. ئۇلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزى كۆيگەن كەسپتە تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاجايىپ كۈچلۈك ئىرادە، جاسارەت ۋە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەتراپلىق ئىزدىنىش ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشنى چىڭ تۇتتى ھەمدە كۆپلىگەن نومۇرلارنى بىللە ئورۇنلىدى. بولۇپمۇ 1980-يىلى تەييارلانغان «پەرھاد-شېرىن» ناملىق درامىدا ئۆمەر سايىم پەرھادنىڭ، نىياسەم ئابدۇراخمان شېرىننىڭ رولىنى ئىنتايىن جانلىق ھەم تەسىرلىك ئېلىپ چىقىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىيلەن تېلىۋېزىيە سەنئىتىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان بىر-بىرىنى قوللاپ قوللاپ ھەم ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «گۈزەل تۇرپان»، «كۆكلەم ناۋاسى»، «كۈسەن بەزمىسى»، «تارىم ئاتا»، «مۇشاۋرەك مۇقامى»، «جوڭگۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى».....قاتارلىق كۆپلىگەن بەدىئىي فىلىملەرگە بىرلىشىپ رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۇيغۇر تېلىۋېزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ھازىر ئۇلارنىڭ ئادالەت، سالامەت، ئەلشىر قاتارلىق ئۈچ پەرزەنتى بار.& E4 o; S% W5 T/ Oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەنبە: ھۆرىيەت مۇنبىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Melike تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-29 16:35 . @( F% j# [8 e" Yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
6 O* a& ]3 f7 W0 p/ l- s |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|