روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 3178|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

تەرەققىياتىمىز كىمنىڭ قۇلىدا؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سىز مىللى مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىللىرىمىزنىڭ زامان شاۋقۇنلىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىز غايىپ بۇلۇپ كىتىشىنى خالامسىز؟ سىز ئىپتىخار تۇيغۇللىرىمىزنى ئويغىتىپ، غورۇر ۋە ئىشەنچىمىزنى ئۇلغايتىپ كىلىۋاتقان باشلامچى كارخانىللىرىمىزنىڭ ۋەيران بولغان، نۇرغۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىزلىق كوچىسىدا سەرسان بولغان ھالىتىنى كۇرۇشنى خالامسىز؟
" p0 Z, `" |/ P* u, G# e1 @& r      سىز بىر مۇناپىق ياكى ۋىجدانىڭىزنى ئىت يەپ كەتكەن ئادەم بولمىسىڭىزلا خالىمايسىز! ئەكسىچە، ھەر بىر ئۇيغۇر، ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭمۇ، مىللى كارخانىللىرىمىزنىڭ بايراقدارى بولغان «ئارمان»، «ئىخلاس»، «ئامىنە»، «ئابىدە» ... شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەھنىدە پارلىشىنى، «ئۇيغۇرسوفت»، «قارلۇق»، «كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى»، «ئىرپان»، «بىلكان»...  غا ئوخشاش IT شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى سەۋىيدىكى يۇمشاق دىتاللارنى ئىشلەپچىقىرىشىنى، «مۆتىۋەر»، «مىراس»،«لوقمان ھەكىم»... قاتارلىقلارغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ قەد كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ! چۇنكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى يالغۇز شۇ كارخانا، شۇ شىركەتكىلا تەئەللۇق بۇلۇپ قالماي يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ، ئۇيغۇر ئىختىزادىنىڭ تەرەققىياتى . ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مەدەنىيەت تۇركۇمىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىللىرىنىمۇ باشقىلارغا تۇنىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيقاندا ، مىللى كارخانىلارنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشى ئەمەلىيەتتە بىر خىل مەدەنىيەت ئاڭ-فورماتسىيسىنىڭ تەرققىياتى ۋە دۇنياغا يۈزلىنىشىدۇر.& p7 p) t  p1 P/ Cبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇنداقتا ئاشۇ شىىركەت – كارخانىلارنىڭ تەرەققى قىلىشى نىمىگە باغلىق؟ كىمنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە  ئاشىدۇ؟
# Y4 Q5 `3 Z: w7 W. [بىز شۇنداق جاۋاب بىرەلەيمىزكى، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتى تەكلىماكاننىڭ گىرۋىكىدە غەمگە چۆكۈپ ئولتۇرغان دىھقان؛ ئالىي مەكتەپ قوينىدىكى «سىز»؛ئالدىراش تۇرمۇش رىتىمىدە پالاقلاپ يۇرىۋاتقان «ئۇ»؛ بور توزانلىرىنى ئاسمانغا يۇلتۇز قىلىپ چېچىۋاتقان «مەن» ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىز ياكى مەن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ياكى ھالاك بۇلۇشنى ،كىيىنكى قەدەمدە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ،ئۇيغۇرچە ئاڭ-فورماتسىينىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيمىز!
$ l: Y0 c8 b2 L1 u6 [! Vئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىكى ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان بىر قېتىملىق لىكسىيدە، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار ۋە ئۇنىڭ كەلگۇسى توغرىسىدا گەپ بولغاندا ،بىرەيلەن ئالىم ئەھەت ئەپەندىمدىن:« ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال سەۋىيسى دۇنياۋى سەۋىيدىن ناھايتى ئارقىدا قالغاننىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن خىرىسقا دۈچ كەلدى . بىزنىڭ قەدىمىمىز تەرەققىيات سەۋىيسىگە ماسلاشمىغاچقا باشقىلار ئىشلىگەن يۇمشاق دىتاللار بازارلارنى ئىگەللەپ كىتىۋاتىدۇ. سىز دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق كىشى، سىز ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بازىرىنىڭ كەلگۇسىگە قانداق قارايسىز؟» دەپ سۇرىغاندا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىردەم تۇرۇپ كىتىپ :« بۇ سۇئالغا بىرىدىغان جاۋابىم شۇكى، مەن باشقىلارغا بىر نەرسە دىيەلمەيمەن . ئەمما ئۆزۈم شۇنداق ھۆددە قىلىمەنكى، مەن ئىشلەتكەن كومپىيوتىرداچوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بۇلىدۇ؛مىنىڭ بالام ۋە ئايالىم ئىشلەتكەن كومپىيوتىردا چوقۇم ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال بۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى . بالىلار بىر نەرسىنى چۇشەنمىگەندەك بىردەم تۇرۇپ قىلىشتىيۇ، ئارقىدىنلا ھەممىسى قايىللىق بىلەن باش لىڭىشتىشتى.( e0 R1 A# m" W  e5 Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قارىماققا ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ گىپى سۇئال بىلەن تازا باغلىنىشى يوقتەك تۇرىدۇ. لىكىن تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا ئۇ ئەڭ چۇڭقۇر، ئەڭ ماھىيەتلىك باغلىنىشنى ئىپادىلەپ بەرگەن.+ W$ I; T- {. C( Z! |9 z4 Jبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان خېرىدار بولغاندىلا، شىركەت تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، يېڭى تۈرلەرگە قۇرقماي مەبلەغ سالالايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سودىدا: «خېرىدار-خۇدا» دەپ تەمسىل قىلىنىدۇ. راسىت، بىر قىسىم شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ئىھتىياج شەكىللەندۇرۇپ، ئاندىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئاخىردا ئۆز مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزلىرى شەكىللەندۇرگەن ئاشۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇپ پايدا ئالالايدۇ. ئەمما بۇ مونوپول خاراكتىرىدىكى شىركەتلەرگە ماس كىلىدۇ. ئەكسىچە، بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىلىرىمىز ئاشۇنداق مونوپوللۇقلار ئىچىدىن خۇددى قىيا تاش ئارىسىدىن كۆكلەپ چىققان گىياھتەك كۆكلەپ چىقماقتا. ئاشۇ خىل كۆكلەشلەرگە ئەل سۆيەر ئوغلانلارنىڭ يۈرەك قېنى ، تەۋەككۇلچىلىكى سىڭگەن . ئەمدى ئۇ پەرۋىش قىلىشقا ، قوغداشقا ، يىتەكلەشكە مۇھتاج. گىياھ دەسلەپتە ئۈنگەندە ئىنتايىن ئاجىز بۇلىدۇ، ئەمما ئۇ ئۆسكەندە ، باراقسانلىغاندا بولسا شۇنى ئۆستۇرگەن ئادەملا ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن مەنپەتلىنەلەيدۇ، ئۇنىڭ سايىسىدا سالقىندايدۇ.. K) `- M8 T0 g9 Rبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن شۇنداق بىر ئادەتنى يىتىلدۇرگەن : بىر نەرسە سېتىۋالسام ئوخشاش مەھسۇلات ئىچىدە ئۆز شىركەتلىرىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتى ئازراق قىممەت بولسىمۇ، سۇپىتى باشقا مەھسۇلارتلارغا يەتمىسىمۇ يەنىلا شۇنى سېتىۋالاتتىم. مىللىي كارخانىللىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشىم ئۇلارنى قوللىغىم ، ئۇلارغا تەرەققىيات پۇرسىتى يارتىپ بەرگىنم ، مىللى مەدەنىيتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقىنىم ئىدى. چۇنكى ئۇلار نۇرغۇن «مەن» لەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا تەرەققى قىلسا، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تەرەققى قىلسا، چەتئەللەرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىمۇ ئۇلارغا «ساتاتتى»، ئىستىمال قىلدۇراتتى . باشقىلار مىنڭ كىملىكىمنى ئاشۇلار ئارقىلىق تۇنۇيتتى. مىنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغىنم خوتەندىكى ، قەشقەر كونا شەھەردىكى ياكى قەشقەر يېڭىشەھەردىكى، ئاقسۇ ئۈچتۇرپاندىكى، ... بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلغىنىم ئىدى. ئۇلار مەندەك ئىستىمالچىللىرىغا رەھمەت ئېيتىش يۇزىسىدىن ئاشۇ سەبىيلەرگە ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بىرەتتى. ئاشۇ سەبىيلەر ئىچىدىن كەلگۇسىدە دۇنياۋى ئالىملار چىقمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
$ Y( V4 O- v: x- g* b5 F$ V% \3 K+ E5 G    بىزنىڭ بىر  كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشىمىز ئاددى ھالدىكى بىز مەنپىئەتلىنىدىغان ، كارخانا پايدا ئالىدىغان جەريان ئەمەس. ئاشۇ كارخانىلارنى قۇرۇۋاتقان ئەزىمەتلەردە پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇدىن باشقا تېخمۇ يۈكسەك بىر ئارزۇ – مىللىي مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش، مىللى گەۋدە سۈپىتىدە دۈچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، مىللەتنى، خەلىقنى تەرەققىياتقا باشلاشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك يۈرەكلىرىدە يالقۇنجاپ كۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئالىم ئەھەت ئەپەندى لوندۇن ۋە ئامرىكىدىكى ئاكىللىرىنڭ: «بۇياققا كەل، ئاشۇ بىلىمىڭ بىلەن يۇقرى تەمىناتلىق خىزمەت تاپالايسەن ،قاچانغىچە 30 يۇەنگە ئەلكاتپ  سېتىپ يۇرۇيسەن» دىيشىگە پەرۋا قىلماي «ئۇيغۇرسوفت»نى دەپ بۇ يەردە قالمىغان؛ دوكتۇر خالمۇرات غۇپۇرمۇ يۇقرى ئىش ھەققى ۋە خىزمەت شارائىتىنى تاشلاپ چەتئەلدىن يېنىپ كىرمىگەن؛ رادىل ئابلامۇ  ھازىرقى ئىگلىگىنىڭ قەنتىنى چاقماي «ئۆگىنىمەن ، تەرەققى قىلدۇرىمەن »دەپ پايپاسلاپ يۇرمىگەن بۇلۇر ئىدى ... ئۇلارنىڭ نەزرىدە پۇلدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە بار ئىدىكى ، ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ راھەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن،ئۈزلۈكسىز تىرىشقان ۋە يۇرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى .8 T, {2 n: X' qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
دىمەك، ئۇيغۇر كارخانچىللىرىنىڭ ،تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ ئېيتساق مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ قولىدا. مىللىي كارخانىللىرىمىزغا، مىللىي مەدەنىيتىمىزگە تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بىرەمدۇق ياكى ئۇلارنى ھالاكەت يولىغا باشلامدۇق بۇ ئۆزىمىزگە باغلىق.4 x' ^& ~  G; q: }- r3 vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئاخىردا مۇنداق بىر ھېكايە بىلەن يازمامنى ئاخىرلاشتۇرىمەن: : o' c7 I6 D6 A. V3 x: _; ~بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
چەتئەلدىكى بىر يەھۇدىلار مەھەللىسىدە بىر يەھۇدىي بار بۇلۇپ، باشقا يەھۇدىلار ئۇنى « ئاچكۆز،ئالدامچى» دەپ بەكمۇ يامان كۇرىدىكەن .كۇنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى « ئاچكۆز،ئالدامچى» دەپ ئاتالغان يەھۇدىي مەھەللىنىڭ چېتىدە دۇكان ئېچىپتۇ . ھەيران قالارلىقى،شۇ مەھەللدىكى يەھۇدىلار خېلى يەرلەردىن،نۇرغۇن دۇكانلاردىن ئاتلاپ  كىلىپ  ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەن.بىر چەتئەللىك بۇنى چۈشەنمەي قوشنىسىن سۇراپتۇ:«سەن پالانچىنى ئالدامچى ،ئاچكۆز دەپ تىللاۋاتاتتىڭ،ئەمما يەنە ئۇنىڭ دۇكىنىدىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالىدىكەنسەنغۇ؟»دەپ سۇراپتۇ.ھېلىقى يەھۇدىي:«ئۇنىڭ ئالدامچى ،ساختىپەزلىگى راست،ئەمما ئۇ سودىدىن پايدا ئالسا ئاشۇ پۇللارنڭ بىر قىسمى بىلەن باللىرىنى تەربىيلەيدۇ ،بەلكىم باللىرى ياراملىق ئادەم بۇلۇپ يەھۇدىيلار ئۈچۈن چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىشى مۇمكىن » دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
# ]! J2 K4 ?2 L  N5 a* s3 t7 Y: u: e6 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بۇ يەرنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ !

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +8 ئىناۋەت +7 تەڭگە +1 بايلىق +2 يىغىش سەۋەبى
alogli + 5 + 5 + 1 + 1
kurban007 + 3 + 2 + 1

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ۋاقتى: 2011-1-11 23:15:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
1 C1 Z! i9 t7 }  V, D% xبۇ تېمىنى ئوقۇپ بەكلا سۆيۈدۈم، توغرا دەيسىز  ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك.8 J( J0 w7 p; O5 ~, r" M: Xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مۇشۇنداق  تىمىلارغا ھەر ۋاقىت  تەقەززار مەن.
ۋاقتى: 2011-1-12 10:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك ، سۆيمىسەك ، بىزنى كىم قەدىرلەيدۇ ، سۆيىدۇ. , _: G! P; g; D, Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز - پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدا .
6 k0 o" b: v$ q/ @$ |/ m5 A8 L; q يوللىغۇچىغا رەھمەت !
5 D/ c6 F; B4 B) }  c9 N- H
ۋاقتى: 2011-1-12 12:44:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئوچۇق، ۋە چۈشىنىشلىك پىكىر بوپتۇ.ھەقىقەتەن كۆزىمىزنى بەك كىچىك قىلمىساقلا،ئازراق بولسىمۇ ساۋابلىك ئىش قىلالايدىكەنمىز. «ساۋابلىق» ئىشىمىز بىر ئۇلۇغ ئىش ئەمەسمۇ؟!.......
ۋاقتى: 2011-1-12 16:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ،بىزنىڭ قولىمىزدىن جېق ئىشلار كەلمىسمۇ ئەمما تور بەتلەرگە كىرىپ قالساق ئېلانلاردىن بىر ئىككىنى ئىرىنمەي چىكىپ قويساق،ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالساق ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتىپ بېرەلەيمىز،ئەمما شۇنچىلىك ئاددى ئىشقىمۇ نەچچىمز ئىرىنىمىز.نەچچىمىز پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىمىز.تور بەت قۇرغۇچىلار بىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى قىلىدۇ،بىزگە پايدىلىق بىلىملەرنى يوللاپ تۇرۇدۇ،ئەمما بىز ئۇلارنىڭ ئېلانلىرىنى چىكىپ قۇيماي ئۆتۈپ كېتىمىز.ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بىر ماقالىسىنى ئوقۇغان ئەمما ئۇنىڭدا خېنەنمۇ ئىسمى تازا يادىمدا قالماپتۇ بىر ئۆلكىدىكى خەنزۇلارنىڭ ئۆز ئۆلكىسىدە زاۋۇت بوپ قالىسلا باشقا ئۆلكىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى قەتئى سېتىۋالمايدىغانلىقنى يېزىپتىكەن بىزمۇ ئازراق ئازراقتىن تىرىشساق  نۇرغۇن ئىشلار ھەل بولىدۇ ئەمەسمۇ
ۋاقتى: 2011-1-16 03:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تىما بوپتۇ قىرىندىشىم بولسا  موشۇنداق تىمىكارنى پات-پات يوللاپ تۇرسىڭىز.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-11 18:00

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش