روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1798|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەدىرسىز ئۆتكەن يىللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەدىرسىز ئۆتكەن يىللار

سەيدىئەلى ئابدۇقادىر

ئۆتتى كۈنلەر ئۆتتى ئايلار،
قوغلىشىپ كەينىدىن يىللار،
لېكىن بىزلەر ئوينىشارمىز،
سەزمەي كەتتى شۇ يىللار.

ئويلىغان بولساق كەينىنى،
ئاشۇنداق ئۆتەرمىدى يىللار،
قەدىرسىز ئۆتكەن يىللارنىڭ،
ئەتىۋارىنى قىلمىدى بالىلار.

چوڭ بولغاندا بىلىشىدۇ،
ئەقلىنى ھەم تېپىشىدۇ،
ئىش تەكتىنى بىلگەندە،
ۋاي ئېسىت كېچىكىدۇ.

ئاھ ئۆگەنسەك بوپتىكەن،
ئوينىمىساق بوپتىكەن،
ھەر نېمە دېگەن بىلەن،
ۋاقىت كەينىگە قايتمايدىكەن.

ۋاقىت ئۆتىدۇ يانمايدۇ،
ياشلىق ئۆتىدۇ قايتمايدۇ،
بىلىمسىز قېرىساڭ گەر،
سۆزۈڭ ھېچكىمگە ياقمايدۇ.

ئاڭلا دوستۇم سۆزۈمنى،
ياخشى ئۆگەن بىلىمنى،
ئۆگەنگەنلەر يەپ كۆردى،
شۇ بىلىمنىڭ نېنىنى.

كېلەچەككە بارغاندا،
سەنمۇ يەيسەن نېنىنى.

2016.يىلى 20.يانۋر «چارشەنبە»
        
         قاراقاش



بىكا ئولتۇرۇغىچە يېزىپ باقتىم. دوسلارنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-22 15:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپىم: سىز ئالدى بىلەن ياخشى يېزىلغان شېئىرلارنى كۆپرەك ئوقۇش بىلەن بىرگە شېئىرىيەت نەزەرىيىسى ھەققىدىكى بىلىملەرنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئاندىن شېئىر يېزىشقا كىرىشىڭ.

باھا سۆز

تەكلىپىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-22 15:59
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 15:46
تەكلىپىم: سىز ئالدى بىلەن ياخشى يېزىلغان شېئىرلارنى ك ...

تەكلىپىڭىزنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىمەن.
بارىككالا قېرىندىشىم ياخشى يېزىپسز. ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ
بارىكاللا ياخشى يېزىپسىز ئۆزىڭز يازدىڭىزمۇ

باھا سۆز

ھە ئە ئۆزۈم يازدىم.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-23 09:58
تەنھا110 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 22:30
بارىكاللا ياخشى يېزىپسىز ئۆزىڭز يازدىڭىزمۇ

ھە ئە ئۆزۈم يازدىم.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-28 10:55

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش