روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2074|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahat0902 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-30 12:56  / r6 b2 B% _3 e+ K+ v) g9 n7 F. A: Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
4 F$ R, ~& i# }3 o4 Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى
2 g4 m- t: p* c, O* a8 _' G(مۇلاھىزە)
$ \3 P( E# ]+ X7 H* r( [7 nئىستىلىستكا  تىلشۇناسلىقنىڭ،جۈملىدىن تىل-ئەدەبىياتنىڭ موھىم بىر قىسمى بولۇپ،تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پىكىر ۋە ھېسىياتنى ياخشى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.ئىستىلىستكىلىق ۋاستە دېگىنىمىز كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان،تار مەنىدىن ئېيتقاندا،تىلنى ئوبرازلىق،جانلىق،كونكىرېت قىلىپ بېرىدىغان ۋاستىلەردىن ئىبارەت. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر تىل ماھارىتى مەسلىسى بولۇپ،ئۇ خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تىل ئالاقىسىدە،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتىمىزدا دائىم دېگۈدەك قوللىنىلىدۇ.ئاتمىش-يەتمىش ياشلاردىن ئاشقان بوۋاي-مومايلارنىڭ تىلى نېمىشقا تاتلىق؟چۈنكى ئۇلار ھەر بىر جۈملە سۆزىدە ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى،جۈملىدىن ئوخشۇتىش،سۈپەتلەش ۋەياكى سىمۋوللارنى قوللىنىدۇ.خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى نېمە ئۈچۈن قىزىق تۇيۇلىدۇ؟چۈنكى بۇ ئەسەرلەرمۇ ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرگە باي. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قويۇپ تۇرايلى. نېمە ئۈچۈن ئالىملىرىمىزدىن ئەسەت سۇلايماننىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتى ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش نىسبىتىدىن شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەبمۇ يەنىلا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردە. ‹‹ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنيىتى››بىلەن‹‹تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ››نىڭ قايسى بەكىرەك كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟بىز ئۇيغۇرلار نەزىريىۋى تەپەككۈرگە قارىغاندا ئوبرازلىق تەپەككۈرگە بەكرەك ئادەتلەنگەن مىللەت بولۇپ،ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستكىسىدا سۈپەتلەش،ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش،مۇبالىغە، سىموۋول،كنايە،تەكرارلاش،سېلىشتۇرۇش،رىتورىك خىتاب،رىتورىك سۇئال،سىلىقلاش قاتارلىق ۋاستىلەر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. شۇ ۋەجىدىن تېكىسلەردە ئىشلىتىلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئايرىيالايدىغان ۋە ئۆزلىرىمۇ مۇناسىپ ئىستىلىستكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ جۈملە تۈزىيەلەيدىغان،قىسقا پارچىلارنى يازالايدىغان،ئوي پىكىرنى، ھېسىياتىنى ئېنىق،كونكېرت،ئوبرازلىق ۋە جانلىق ئىپادىيەلەيدىغان بولۇش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدىكى موھىم نوقتىلارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. مەيلى كونا دەرسلىكتە بولسۇن،مەيلى يېڭى دەرسلىكتە بولسۇن،ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىدىن ئىبارەت تۆت خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىنىڭ پەرقىنى ئاجىرىتىش ۋە مۇۋاپىق قوللىنىش ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئوقۇتۇشتىكى قىيىن نوقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بۇ ۋاستىلەر ئوتتۇرسىدا ئىنىچكە پەرقلەر بولۇش بىلەن بىرگە يەنە نىسبى ھالدىكى ئوخشاشلىقنىڭ بولغانلىقىدا.
6 G1 f" V) W6 ^' B$ c/ @ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەكى،يوقارقى تۆت خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئىچىدە ئوخشىتىش يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ.قالغان ئۈچ خىل ئىستىلىستىكىلق ۋاستە ئوخشىتىشتىن شاخلاپ چىققان بولۇپ،ئۇلاردىمۇ نىسبى ھالدىكى ئوخشۇتىش تۈسى بار ھەم بولۇشى كېرەك." O# r( a: w* Vبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەسىلەن: ‹‹ئويغانغان زېمىن››،‹‹ئەللەي تەبئەت››ۋە‹‹ئۇيقۇغا كەتكەن تەكلىماكان›› دېگەن جانلاندۇرۇشلاردا،جانلاندۇرۇشتىن ئاۋال يەنە زېمىن ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ئادەمگە ئوخشۇتىلغان،تەبئەت بۆشۈككە بۆلۈندىغان بوۋاققا،تەكلىماكان ئۇخلايدىغان ئادەمگە ئوخشۇتىلغان بولىدۇ.2 B; n# _4 D8 O% `6 e1 m" Gبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئومۇمەن،جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش تۈرىدە شۇ جانلىق ياكى جانسىز نەرسىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىكى،ھەركىىتى،ھالىتى...ئادەمنىڭ مەلۇم ئالاھىدىلىكى،ھەركىتى،ھالىتىگە... ئوخشىشى كېرەك. نەرسىلەشتۈرۈش تۈرىدىمۇ ئادەمنىڭ مەلۇم ئالاھىدىىكى،ھەركىتى،ھالىتى... جانلىق ياكى جانسىز نەرسىنىڭ مەلۇم ئالاھىدىكى،ھەركىىتى،ھالىتىگە...ئوخشىشى كېرەك.پەقەتلا ئوخىتىش تۈسى بولمىسا،جانلاندۇرۇشنىڭ ھېچقايسى تۈرىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق قوللانغىلى بولمايدۇ.
7 C8 C$ \( u; o8 }# p ئەمدى مۇبالىغىغە كەلسەك،كۆپ قىسىم مۇبالىغىلەردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ئوخشۇتىش تۈسى بار. مەسىلەن:‹‹قىلنى قىرىق يارماق››دېگەن مۇبالىغىدە مۇبالىغە قىلنغان ئادالەت ئاۋال قىرىق پارچىگە يېرىلغان ئىنىچكە قىلغىمۇ ئوخشۇتىلغان بولىدۇ.   D% ~2 w/ J( c- ^9 pبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىموۋولغا كەلسەك،بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوخشۇتىشتىن ئەڭ ئايرىيالماي قىينىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى، سەۋەبى سىمولنىڭ ئوخشۇتىش تۈسى جانلاندۇرۇش بىلەن مۇبالىغىغە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، ھەتتا ئۇ بەزىدە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا جانلاندۇرۇش،مۇبالىغە ۋە سىمىۋوللارنى ئوخشۇتىش دەپ ئايرىيدۇ ياكى ئوخشۇتىشتىن پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.
8 W3 o# Y: I: _: y7 T   شۇنى نەرسىگە دىققەت قىلىش كېرەككى،يوقارقى جانلاندۇرۇش،مۇبالىغە ۋە سىمۋولدا مەلۇم دەرىجىدە ئوخشۇتىش تۈسى بولسىمۇ ئەمما ئوخشۇتىشنىڭ ئۆزىدە ھەرگىزمۇ يوقارقى ئۈچ خىل ئىستىلىستىكىلق ۋاستىلەرنىڭ بىرەرنىڭمۇ تۈسى بولمايدۇ.ئىستىلىستكىلىق ۋاستىلەرنى مانا مۇشۇ مەسلىلەرنى نەزەرگە ئالغان ھالدا تۈرگە ئايرىغاندا توغرا ئايرىغىلى بولىدۇ. ئوخشۇتۇش ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ،ئېنىق ئوخشىتىشتا ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تاشقى شەكىل ياكى ھەرىكەت جەھەتتىن بىرسى-بىرسىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئوخشىتىشنىڭ ئەڭ ئاددىي شەكىلى. بېشى قاپاقتەك،بوينى ساپاقتەك،چېچى سۇمبۇلدەك،قېشى قوندۇزدەك،كۆزلىرى بولاقتەك،مەڭزى ئاناردەك،لەۋلىرى گىلاستەك،چىشلىرى ئۈنچىدەك،قىزىل گۈلدەك جامالى،بۇلبۇلدەك ئاۋازى…دېگەنلەر نېمە نېمىگە ئوخشۇتىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلا بىلگىلى بولىدىغان ئوخشۇتۇشلاردور. يۇشۇرۇن ئوخشىتىشتا ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن ئەمەس،بەلكى ئىچكى ماھىيەت ۋە مەزمون جەھەتتىن بىرسى-بىرسىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئوخشىتىشنىڭ سەل چوڭقۇرلاشقان شەكلى.مەسىلەن:مەكتەپنىڭ بولاق ياكى باغقا،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شام ياكى باغۋەنگە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچەت ياكى گۈل-غۇنچىلارغا،ئاتىنىڭ زۇلپىقارغا،ئانىنىڭ تىلتۇمارغا،ئاكىنىڭ تاغقا ئوخشۇتىلىشى… يوشۇرۇن ئوخشۇتىشقا كىرىدۇ. ۋەكىللك ئوخشىتىشتا ئوخشالغۇچى ۋە ئوخشىتىش قوشۇمچىسى بولمايدۇ،ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.بۇ ئوخشىتىشنىڭ بىر قەدەر چوڭقۇرلاشقان،ئاپتورنىڭ نېمىنى ئوخشۇتىۋاتقانلىقىنى بىلمەك خېلى تەس بولغان  شەكلى.ئۇيغۇر خەلق ئىدىيوم ۋە تەمسىللىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك ۋەكىللىك ئوخشىتىش قوللىنىلغان.مەسلەن:‹‹ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورىماق››،‹‹نان قېپى››،‹‹موزاينىڭ يۈگۈرشى سامانلىققىچە››،‹‹چىراقپاينىڭ تۈۋى قاراڭغۇ››...مەيلى قايسى خىل ئوخشۇتىش بولسۇن ئۇلار پۈتكۈل ئەسەر خاراكتىرلىك قوللىنىلماستىن، بەلكى جۈملە ۋە مىسرا خاراكتېرلىك قوللىنىلىدۇ. شۇڭا بىر ئەسەردە نۇرغۇن ئېنىق،يۇشۇرۇن ۋە ۋەكىلىك ئوخشۇتىشلار قوللىنىلىدۇ. جانلاندۇرۇشنىڭ ئادەملەشتۈرۈش ۋە نەرسىلەشتۈرۈش دەپ ئىككى تۈرى بولۇپ،ئادەملەشتۈرۈش ئادەمدىن باشقا بارلىق جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى ئادەملەردەك قىلىقلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:‹‹ئويغانغان زېمىن››،‹‹كۈرەشچان يىللار››،‹‹تەبىئەت تەبەسۈمى››...ۋاھاكازالار. نەرسىلەشتۈرۈش(كۆپۈنچە سەلبى قىلمىشلارغا قوللىنىلىدۇ) بولسا ئادەملەرنى تەبىئەتتىكى ئادەمدىن باشقا جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرى بىلەن قىلىقلاندۇرۇپ تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ.
2 V6 ^) |1 c9 T/ p7 Q  Mمەسىلەن:  ئۆمەر شاڭيۇ نۇرۇمغا يەنە نەشتىرىنى سانجىۋالدى.شەرۋانىخان غۇنچەمگە بىرمۇنچە زەھرىنى چاچتى. ئۆمەر شاڭيۇ  غۇنچەمنىڭ نۇرۇم بىلەن قاچقىنىنى ئاڭلاپ چىچاڭشىپ كەتتى.ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر بولۇپ بىچارە كېلىنى ئوتتۇرغا ئېلىپ تالاپ كەتتى...ۋاھاكازالار. مۇبالىغىدە بولسا شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەت مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان يەنە بىر شەيئىي ياكى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆزۈنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ناھايىتى ئاشۇرۇپ ياكى كېمەيتىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ.
+ O# t4 N) S3 i0 O! m+ ^مەسىلەن:خۇشاللىقتىن ئۇنىڭ ئاغزى قولقىغا يەتتى.كۆڭلى سۈيۈنىپ بېشى ئاسمانغا يەتتى.بىر كېچىدىلا قىرىق ياش قېرىپ كەتتى...ۋاھاكازالار.
5 G5 \8 U1 P/ z, D9 N' k1 n/ g4 [يوقارقى جۈملىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئازىراقلا ئۆزگەرتىۋەتسەك ئوخشىتىش تۈسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. سىمىۋول ئوخشىتىشنىڭ ئوخشىغۇچى ۋەكىللىك ئوخشىتىش تۈردىنمۇ بەكرەك چوڭقۇرلىققا يۇشۇرۇنغان بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە بولۇپ مەلۇم شەيئى ياكى ھادىسىنى توغرىدىن توغرا  بىۋاستەتەسۋىرلىمەستىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلىقى بولغان   ئىككىنچى بىر شەيئى ياكى ھادىسە ئارقىلىق تەسۋىرلەشنى كۆرسىتىدۇ.     ۋەكىللىك (ۋە يۇشۇرۇن)  ئوخشىتىش بىلەن سىموۋولنىڭ ھەر ئىكىلىسىدە بىر شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەت ئوخشاشلىقى بولغان ئىككىنچى بىر شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەتنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىلىدۇ . بۇ ئىككى خىل ۋاستىمۇ ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ئايرىشتا قىينىلدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىندور.
& W3 c: N' C! O# r% b+ C2 pئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى مۇنداق: (ۋەكىللىك ۋە يۇشۇرۇن)ئوخشىتىشلار ھەر بىر مىسرا ياكى كوبلىت،ھەر بىر جۈملە ياكى ھەربىر ئابزاستا بىر ياكى بىرقانچىدىن قوللىنىلىدۇ./ N; u" \* c. c( p0 ]% dبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
سىمۋول بولسا مىسرا،كوبلىت ياكى جۈملە،ئابزاس خاراكتېرلىك ئەمەس،بەلكى بىر پۈتۈن ئەسەر خاراكتېرلىك قوللىنىلىدۇ. پۈتۈن بىر ئەسەر(مەسەل،چۆچەك،ھېكايە،نەسىر شېئر،روماندا...)دە بىر،ئىككى ياكى ئۈچ چاممىسىدا سىمىۋول قوللىنىلغان بولىدۇ. ئوخشاش بىر شەيئى ياكى ئىش-ھەرىكەتنى جۈملە ياكى مىسرادا ئوخشىتىش ئورنىدا قوللانغىلى بولۇش بىلەن بىرگە،بىر پۈتۈن ئەسەردە سىمۋول ئورنىدىمۇ قوللانغىلى بولىدۇ.
" \" a6 j* @# }/ {$ i3 ~+ F' ~5 {مەسىلەن:‹‹مەكتەپ- بىلىم بولۇقى››دېگەن ماقالدا مەكتەپ بولاققا ئوخشۇتۇلغان بولسا،‹‹لېيىغان بولاق››دېگەن روماندا لېيىغان بولاق مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە نەشىرات ئىشلىرىنىڭ چېكىنگەنلىكىگە ۋە   قالايمىقانلاشتۇرۇلغانلىقىغا سىمىۋول قىلىنغان.
7 p+ @1 N) B* Rھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ ۋە دۆلەتلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان قېلىپلاشقان،نىسبەتەن مۇقىم بولغان،مەجازى ۋاستىگە ئايلانغان سىمۋوللۇق شەيئىلىرى بولىدۇ، شۇنداقلا بەزى سىمۋوللارنى يازغۇچى شائېرلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئجاد قىلىدۇ. ئەمما ئوخشىتىش ھېچقانداق دۆلەت ۋە خەلقتە بۇنداق قېلىپلاشمىغان،نىسبەتەن مۇقۇممۇ ئەمەس. ئۇ ئايرىم شەخسنىڭ يېزىق ۋە ئېغىز تىلى ئارقىلىق ئىجادىي يارتىلىدۇ. بۇلبۇل ۋە قىزىلگۈل: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەللىك ئادىتىدە ۋە پىسخىك ئېڭىدا قىزىلگۈل دائىم سۆيۈملۈك يارنىڭ،ئەركىن مۇھەببەتنىڭ،گۈزەللىك ۋە ساپلىقنىڭ؛بۇلبۇل بولسا ساداقەتمەن ئاشىقنىڭ،يار ۋىسالىدا پەرياد چەككۈچىنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. كاككۇك بىلەن زەينەپ:ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇرادىغا يېتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلارنى كاككۇك بىلەن زەينەپكە ئوخشىتىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى«كاككۇك ئاشىقى زەينەپ،بىرى باغدا،بىرى تاغدا»گەن مىسرالارمۇ كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ خەلقىمىز ئەقىدىسىدىكى سىمۋوللۇق مەنىسىنى ئىپادىلىگەن. كۈن،ئاي،يۇلتۇز،چولپان: خەلقىمىزنىڭ گۈزەللىك ئادىتىدە بۇ ئاسمان جىسىملىرى ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ تۇراقلىق سىمۋولى بولۇپ كەلگەن ھەمدە خەلقنىڭ ئاغزاكى تىل ئادىتىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئىجابىي مەنىدىكى تەسۋىرىي ۋاستىلەردۇر. يوقارقىلاردىن باشقا يەنە ھەرقاسى دۆلەتلەرنىڭ بەلگىسى ۋە بايراقلىرىمۇ سىمۋولۇق مەنىگە ئىگە.
  l6 v& |* F6 b8 Z
' N! r8 I- u$ `+ i7 Y2 |$ K& r7 N3 h% z8 i2 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى(مۇلاھىزە)ئوخشىتىش.rar

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
tulpar2 + 15 + 9 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-8-30 12:50:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىتىش،سىمۋول،جانلاندۇرۇش ۋە مۇبالىغىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى توغرىسىدا يېزىلغان مۇلاھىزە ماقالىسى ئوخشىمامدۇ؟!
بۇ تەرەپلەرنى بىلىشمۇ زۈرۈر ..
ۋاقتى: 2015-9-1 12:28:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن ، ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى ماتىرىيال ئىكەن .

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-6 09:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش