روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2952|ئىنكاس: 12
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاخىرقى قېتىم.....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 09:09  


ئاخىرقى قېتىم......

ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

بەلكىم سەنمۇ قويىسەن كۈلۈپ،
چىن قەلىبتىن سۈيۈلسەڭ ئەگەر.
ھوزۇر ئالار كۈلكەڭدىن بەلكىم،
يۈرۈكۈڭنى چىكەلىگەن ئەر......

2010 - يىلى 22 - مارت ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق) تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-6 22:55:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بىر كۇبلىتلىق شېئىر يوللىغىنىنى  تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم. شېئىر گەرچە بىر كۇبلىت بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي ھىسيات گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىتىلگەن تىلمۇ ناھايىتى جايىدا بوپتۇ.
ۋاقتى: 2015-1-7 07:39:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى مەزمۇنلوق شېئىر ئىكەن
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2015-1-7 15:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندى مەن شېئىرىڭىزنى ياختۇردۇم ، مەن بۇرۇن يىزىپ قويغان بىر كۇپلىتلىق شېئىرىم بار ئىدى يوللاپ قويايمىكى ..
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 22:55
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بىر كۇبلىتلىق شېئىر يوللىغىنىنى  ت ...

نۇرلان ئەپەندىمنىڭ باھاسىغا كۆپ رەھمەت. بۇ شىئېرنى 2010 - يىللا يېزىپ بولغان. ئەمما شۇنچە بېيىتىپ داۋاملاشتۇرۇپ يازاي دىسەممۇ بولمىدى. بۇ شىئېرنى يوللاشتىن ئاۋالمۇ نەچچە سائەت جىجىلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم .... يەنە قاملاشمىدى. ئاخىرى بىلدىمكى مەن دىمەكچى بولغۇنۇمنى مۇشۇ تۆت مىسرادا تۇللۇق دەپ بوپتىمەن. دىمەك شۇڭا قانچە يازساممۇ بۇ بىر كۇبلىتلىق شىئېرنىڭ داۋامى بولالمايدىكەن. شۇڭا مۇشۇ پېتى ھەر قايسىڭزلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 19:08  
شاھدىل يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 15:07
نەۋرۇز ئەپەندى مەن شېئىرىڭىزنى ياختۇردۇم ، مەن بۇرۇن ي ...


ياختۇرغىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم. مەنمۇ بۇ بىر كۇبلىتىنى بىر شىئېر سۈپىتىدە يوللاشنى خالىماي يۇقارقى ئىنكاسىمدا دىگىنىمدەك بەك ئۇزۇن ھەپىلەشتىم . 2010 - يىلدىن ھازىرغىچە تۆت يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۈتۈپتۇ بېيىتىپ داۋاملاشتۇرۇپ يازاي دەپ شۇنچە جىدەللەشسەممۇ بولماي ئاخىرى شۇ پېتى قىلچىمۇ تەھرىرلىمەي يوللىدۇم. ناۋادا ئاشۇ بىر كۇبلىتلىق شىئېرىڭىز دىمەكچى بولغىنىڭىزنى تۇللۇق ئىپادىلەپ بېرەلىسە دىمەك ئۇ بىر مۇكەممەل شىئېر دىگەن گەپ. مەنمۇ ئەزەلدىن نۇرلان ئەپەندى دىگەندەك بىر كۇبلىتنى شىئېر دەپ ئويلىمايتىم ھەم يوللىمايتىم. بۇ قېتىم يوللاشتى بۇرۇن نەچچە ئويلۇنۇپ قارىسام دىمەكچى بولغىنىم تۈگەپتۇ. دىمەك بۇ بىر شىئېر بولسا بولغۇدەك دەپ قارىدىم.  سىزمۇ شۇنداق قارىسىڭىز ئەلۋەتتە يوللاڭ. قالغىننى تورداشلار باھالاپ كۈرىدۇ

باھا سۆز

شىئىر بىر كۇبلىت ئەمما نەچچە كۇبلىت شىئىردا ئىپادىلەيدىغان ئاساسى مەزمۇن شۇنداق ئىخچام ئىپادىنىپتۇ ،،،،،ھا  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2015-1-7 20:03
ۋاقتى: 2015-1-7 20:03:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 19:05
ياختۇرغىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم. مەنمۇ بۇ بىر كۇبلىتىنى بى ...

شىئىر بىر كۇبلىت ئەمما نەچچە كۇبلىت شىئىردا ئىپادىلەيدىغان ئاساسى مەزمۇن شۇنداق ئىخچام ئىپادىنىپتۇ ،،،،،ھارماڭ،،،،،سالامەت بۇلۇڭ
ۋاقتى: 2015-1-7 21:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە شېئىر يازغاندا زورۇقۇپ يېزىشقا ،ئىلھام ئىزلەشكە بولمايدۇ. مەن نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرىنى ،شۇنداقلا بۇ خىل شەكلىنى ياختۇردۇم. خۇددى سېھىر دىگەندەك بۇ بىر كوپلىت بارلىق كوپلىتلارنى نامايەن قىپتۇ .شېئىردىكى ئەركىن تەپەككۇر، شېرى ئىلھام ھەممىدىن مۇھىم .مەن يېقىندىلا شەھرىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان «شېرى تۇيغۇ ۋە رىياللىق » دىگەن ماقالەم «مايبۇلاق ژورنىلى» نىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇچاغدا مۇنبەرگە يوللايمەن ھەم  كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن   
ۋاقتى: 2015-1-7 21:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گاھىدا ھىسىيات شۈنچىلىك كىلىپلا ئۆتۈپ كىتىدۇ ، شائېر شۇ بويىنچە ئىپادىلەپلا شۇنداق ھاردۇقى چىقىدۇ . كىيىن داۋاملاشتۇراي دىگەندە قەلبىدە ئاخىرقى چىكىت ئۇرۇلۇپ بولغانلىقتىن ھىچقانداق جىجىلاپمۇ داۋام ئىتەلمەيدۇ . شۇڭا بۇنداق شېئىرلار كىشىگە ئالاھىدە زوق بىغىشلايدۇ .... نەۋرۇز ئەپەندى شېئىرىڭىزنىڭ باشلىنىشىمۇ شۇ خاتىمىسىمۇ شۇ بوپتۇ ... مەن راستلا ياختۇردۇم .
«شاھ مەشرەپ قىسسى» دە بابارەھىم شاھ مەشرەپنىڭ، شاگىرتى سىتارىغا ئېيتقان مۇنداق بىر سۆزى بار:- مېنىڭچە شائىرلىق تەڭرى پۈتكەن بىر قىسمەت، بۇ قىسمەتكە دۇچار بولغۇچى خوددى تەرىتى قىستاپ كەتكەن ئادەم تەرىتىنى چىقىرۋەتمىسە بولمىغاندەك ئىلھام كەلگەندە يازمايمۇ تۇرالمايدۇ؛ شۇڭا بۇ كەسىپتە ھېچكىم ھېچكىمگە ئۇستاز بولالمايدۇ، پەقەت ھۇجۇدىدىكى ئاشىقلىقلا ساڭا ئۇستاز بولالايدۇ.    مېنىڭچىمۇ شائىرلىق، شېئىر ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىندىغان نەرسە ئەمەس، ئىلھام كەلمىسە قەلەم تۇتۇپ نەچچە سائەت ئولتۇرسىمۇ بىر كۇبلىتنى قوراشتۇرغىلى بولمايدۇ؛ گاھىدا ئىلھام بولىقى شۇنداق تاشىدۇكى، قەلەم پۈتۈپ ئۈلگۈرتەلمەيدۇ.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-19 20:59

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش