روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1912|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

سېنى سۆيىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-23 14:56:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تاللاپ سۆيگەن نىگارىم ئۆزۈڭ،
ۋاپا پۇراپ تۇرار ھەر سۆزۈڭ.
مۇھەببەتتە باقىدۇ كۆزۈڭ،
ئېھ، ئايالىم-سۆيۈملۈك ۋەتەن!

ئايدەك ئەمەس ھۆسىن-جامالىڭ،
ياراشقىنى- مەڭزىڭدە خالىڭ.
تەپچىپ تۇرار شەرمىي-ھايارىڭ،
سەن ھەقىقىي ئۇلۇغ ئايالسەن.

جۈپ پەرزەنتىم يايرىماس سەنسىز،
سەنسىز يىگەن ئاش-تائام تەمسىز.
سەن بولغاچقا ئۈچىمىز غەمسىز،
كەپىمىزگە بايلىقسەن، زەرسەن.

ئەقىدىدىن كۆكلەيدۇ جاھان،
ئائىلىمىز  سۆيۈملۈك ماكان.
سەن مېنىڭكى مەھبۇبەم ھامان،
كۆز يۇمغۇچە سېنى سۆيىمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-23 16:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر خىل رومانتىكىلىق پۇراپ تۇرىدىكەن، ئايالىڭىز كۆرسە ئېرىپ تۆكۈلۈپ كەتكۈدەك جۇمۇ! ھې....ھې....ھې....

باھا سۆز

رەھمەت، مەنمۇ شۇ مەقسەتتە يازغان.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-23 21:28
رەھمەت، مەنمۇ شۇ مەقسەتتە يازغان.  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-23 21:28
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-23 21:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 16:36
بىر خىل رومانتىكىلىق پۇراپ تۇرىدىكەن، ئايالىڭىز كۆرسە ...

رەھمەت، مەنمۇ شۇ مەقسەتتە يازغان.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-23 21:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Hiyalparas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-23 16:36
بىر خىل رومانتىكىلىق پۇراپ تۇرىدىكەن، ئايالىڭىز كۆرسە ...

رەھمەت، مەنمۇ شۇ مەقسەتتە يازغان.
تولىمۇ ئەركىن يېزىلىپتۇ بۇ شىئېرىڭىز، ياخشى بىر كومپىزىتورنىڭ قولىغا چۈشسە تەسەرلىك بىر ناخشىغا ئايلىناتتىكەن،
ۋاقتى: 2014-12-26 22:12:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندىمنىڭ بۇ شىئىرى ۋاپادارلىق بابىدا مۇقامىغا يەتكەن بىر ئەركەكنىڭ سۈيۈملۈك ئايالىغا بولغان مىھرى مۇھەببىتىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بىرىپتۇ ،،،،،،،جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق ئەرلەرنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىشىنى تىلەيمەن ،،،،ھارماڭ ،قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەركەتلەر تاپقاي،،،،،
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-27 00:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېھىرغا تەشەككۈر.
ۋاقتى: 2015-1-19 00:17:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ،پاھ  قالتىس شىئېر بوپتۇ نۇرلان ئەپەندى،،مەن ئەجەپ كۆرمەي قاپتىمەن دىسە...مۇبارەك بولسۇن!
ۋاقتى: 2015-1-19 15:33:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىققان بۇ شئېردىن ھۇزۇر ئالدىم ،ھارمىغايسىز !

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-30 03:38

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش