روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 5715|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-22 15:29:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار،
تاشلار سالقىن دۇنياغا نەزەر.
شادلىق قۇچۇپ قىزارغان يۈزى،
قىلار بىزەڭ كۈلۈشتىن ھەزەر.

پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار،
سالار مۇڭلۇق ناخشىغا قۇلاق.
گۈزەل ياشلىق جىلۋىسى يېنىپ،
دولقۇن ياسار قەلبىدە بۇلاق.

پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار،
تۇرار مەزمۇت ئۆزىنى تۇتۇپ.
سەيياھ كۆڭۈل تەلپۈنەر مەستخۇش،
شېرىن خىيال قولىنى ئۇتۇپ.

پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار،
سۇدىن چىققان پەرىزات بېلىق.
شەرمى-ھايا مۇجەسسەم بولغان،
ئەجەپ لەرزان چىقارغان قىلىق.

پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار،
زەڭگەر كۆكتە چاقنىغان چولپان.
تىنىچ كېچە ھۇزۇرى جاندا،
پەرۋاز قىلىپ ياسىغان ۋولقان.
2014.11.26        سەنيا
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-22 21:22:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىۋە ئىچىپ ئولتۇرغان قىشغا ،
قىيا بېقىپ قىلمىغىن ھەۋەس.
سۇدىن چىققان بېلىق بولسىمۇ،
ئەپسۇس، شەرمىي-ھايالىق ئەمەس.
سەنيالىق قىز چولپان بولسىمۇ،
ئىچمىگەنگە يەتمىكى بەك تەس.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 15:38:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان سەنيادا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى شېئىرلاشتۇرۇپ قويدۇم، ئەپۇ كۆزلىرىڭلار بىلەن نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ باقايسىلەر!
ۋاقتى: 2014-12-22 18:44:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار پىۋا ئىچمىسە گۇزەل دۇنياغا باقالمىيدىكەندە.
ۋاقتى: 2014-12-22 19:39:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغان قىزلار،
سۇدىن چىققان پەرىزات بېلىق.
شەرمى-ھايا مۇجەسسەم بولغان،
ئەجەپ لەرزان چىقارغان قىلىق.

ماۋۇ مىسرالارغا ھەيران بولدۇم. پىۋا ئىچىپ چىقارغان قىلىقلارغا شەرمى-ھايا مۇجەسسەم بولغانمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 20:02  

ئۇستازنىڭ يازمىسىنى ئوقۇغانكەنمەن ئۆز پىكىرىمنى بايان قىلىشىم كېرەك ئەلۋەتتە, سۆزۈم ئاساسىز بولسا پىكىرىمدە قالىمەن , ئۇستازىم بۇ شىئېرىڭىز بۇرۇنقى‘’  يازغان شىئېرلىرىڭىز بىلەن چىقىشالمايدىكەن, مەسلەن تولىمۇ پاساھەتلىك يىللار بىلەن يېزىلغان ‘’ ئاۋات ۋاقتى سەئەت نۆلدە‘’...قاتارلىق يازمىللىرىڭىزدىكى ئىدىيە  ۋە باشقا جەھەتتىكى قاراشلىرىڭىز بۇقېتىمقى يازمىڭىزدا ئۆزگۈرۈش ياساپ قاپتۇ ئۇستاز . بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بىلىمىزكى قەلەمكەش مەيلى قايسى مەدەنيەت بۈشۈكىگە بارايلى سەزگۈرنېرىۋېمىزنى غىدىقلاۋاتقان ئاشۇ مەدەنيەت ئامىللىرىغا يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ شەرمى ھاياغا لىق تولغان ئۇيغۇرچە تەپەككۇرىمىز بىلەن قاراپ قەلەم تەۋرىتىشىمىز كېرەكقۇ دەيمەن؟
قايلمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-22 22:03:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرىڭلار ئورۇنلۇق، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي...
ۋاقتى: 2014-12-22 22:30:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شېئىرنى  ئەدىپلەر  چۇشىنەرمىكىن بىلمىدىم، مەن چۈشىنەلمىگۈدەكمەن ؟ئاپتور  نىمىنى  تەشەببۇس  قىلماقچىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ۋاقتى: 2014-12-23 10:52:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ بىقىڭىلار
http://v.youku.com/v_show/id_XOD ... d?qq-pf-to=pcqq.c2c

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-24 02:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش