روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2316|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‏‏ئۈلۈمنىڭ ‏ئىچىدە تۇرۇپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏‏ئۈلۈمنىڭ ‏ئىچىدە تۇرۇپ

‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)

بىر ‏ئازاپ مەن ‏ئۈچۈن يىغلايدۇ ‏ئ‏ۆكسۈپ،
مەنزىلىم قان بىلەن ‏ئۈلۈم كۈزىدە .
مەۋجۇتسىز قەبرەمدە ‏ئۈگدەيدۇ بەختىم،
چىدىغىن ھېجراننىڭ كەيپى يۈتكۈچە.....

مەنزىلىم قان بىلەن ‏ئۈلۈم كۈزىدە،
بىلىمەن ‏ئۈلۈمگە يۈزلەندىم شەكسىز.
‏ئوت كەتكەن ھاياتنىڭ ‏ئەگرى يولىدا،
كىملەرگە خار بولدۇم كىملەرگە ‏ئەزىز؟؟؟

مەۋجۇتسىز قەبرەمدە ‏ئۈگدەيدۇ بەختىم،
مەن شۇنداق بەك ‏ئامراق ‏ئۈنسىز ‏ئۈلۈشكە.
ساماۋىي ‏ئاشىقلىق بولامدۇ شۇنداق؟
«بەك گۈزەل ‏»ئويلايتىم بۈگۈندىن ‏ئەتە.....

چىدىغىن ‏‏ئازاپنىڭ كەيپى يۈتكۈچە،
بۇ بىر چۈش،
            بوراننىڭ ھۇلاشلىرى بار.
سەن ‏ئىدىڭ خۇمارى كۈلۈمسىرەشنىڭ،
سەن ماڭغان شۇ يوللار پۇرايتى ‏ئىپار.....

كىملەرگە خار بولدۇم كىملەرگە ‏ئەزىز؟
بىۋاپا دۇنيانىڭ ‏ئازاپ دەشتىدىن.
ھەسرەتتىن يېرىلسا يۈرۈكۈم شۇ تاپ،
سەن چىقىپ كىتەمسەن شۇنىڭ‏ ‏ئىچىدىن

‏ئەڭ ‏ئاخىرقى ‏ئىككى مىسرا روھلان شا‏ئىرەسى سىھىر (گۈلبوستان موللى‏مىن) خانىمنىڭ
2014-يىلى 18-دېكابىر ‏ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق) تا يېزىلدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +15 تەڭگە +9 يىغىش سەۋەبى
tapan + 15 + 9 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-18 22:43:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز نى ياخشى يېزىپسىز .
ۋاقتى: 2014-12-19 12:36:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مىسىرالىرىممۇ سىزنىڭ قۇلىڭىزدا جايىنى ياخشى تېپىپتۇ،،،،يەنە لازىم بولسا تارتىنماي ئىشلىتىۋېرىڭ ئۇستاز،،،شۇنداق ياخشى يېزىپسىز قەلىمىڭىز بەركەت تاپسۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 23:24  
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 12:36
مىنىڭ مىسىرالىرىممۇ سىزنىڭ قۇلىڭىزدا جايىنى ياخشى تېپ ...


ئەمەليەتتە بۇ بىر ئۈگۈنۈش شەكىلى. باشقىلارنىڭ شىئېرىنى ئوقۇپمۇ شۇ ئاساستا مەلۇم بىر شىئېرغا قەلەم تەۋرىتىش، بىر مىسرا ئارقىلىق بېيىتىپ يېزىش، باشقىلارنىڭ يازمىسىغا تەقلىد قىلىپ يېزىش ، ئەگىشىپ يېزىش، شىئېرىغا جاۋاپ شەكلىدە شىئېر يېزىش قاتارلىق ئۆگۈنۈش شەكىللىرى بار. خېلى داڭلىق شائىرلاردىمۇ بۇ خىل باشقىلارنىڭ مىسرالىرىنى ئىزاھات بىرىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش شەكىلى ھازىغىچىمۇ ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن. مىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شىئېرىم  /1988ـيىلى يېزىلغان ھەم  شۇ يىلى شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان  ) تىيىپچان ئىليۇفنىڭ  باھار توغرىسىدىكى بىر شىئېرى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.  ئەسلى سۆزگە قايتساق مەن بەزىدە  مەلۇم شىئېرنى يېزىشقا باشلىغاندا كومپىيوتېردا ياكى  باشقىلارنىڭ شىئېرلار توپلىمىنى ئوقۇغاچ يازىدىغان ۋاختىم بەك كۆپ. شۇڭا بۇ قېتىم سىزنىڭ شىئېرىڭىزنى ئوقۇغاچ يازغان بولغاچقا ئاشۇ ئىككى مىسرايىڭىز دەل چۈشۈپ قالدى. ماڭا ئىلھام بەرگەن قەلىمىڭىزگە رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-12-20 17:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىر ‏ئازاپ مەن ‏ئۈچۈن يىغلايدۇ ‏ئ‏ۆكسۈپ،
مەنزىلىم قان بىلەن ‏ئۈلۈم كۈزىدە .
مەۋجۇتسىز قەبرەمدە ‏ئۈگدەيدۇ بەختىم،
چىدىغىن ھېجراننىڭ كەيپى يۈتكۈچە.....

ئابدۇرېھىمجان سىزدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتىۋاتساق نىمە ئۆلۈمنى ئويلاپ قالدىڭىز
مۇبارەك بولسۇن شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2014-12-20 18:10:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئاچچىق ھىسلارغا تويۇنغان شېئىرى ئادەمنى بىر خىل تەپەككۇرگە يېتەكلەيدۇ.
يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ، قېرىندىشىم.
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 17:59
بىر ‏ئازاپ مەن ‏ئۈچۈن يىغلايدۇ ‏ئ‏ۆكسۈپ,
مەنزىلىم قان ...

‏ئۈلۈم دىگەن راھەتتۇر راھەت،
باشلىقى يوق ‏ئىشخانىلاردەك
       ‏           (ئادىل تۇنياز)
HIRISTAL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 17:59
بىر ‏ئازاپ مەن ‏ئۈچۈن يىغلايدۇ ‏ئ‏ۆكسۈپ,
مەنزىلىم قان ...

‏ئۈلۈم دىگەن راھەتتۇر راھەت،
باشلىقى يوق ‏ئىشخانىلاردەك........
       ‏           (ئادىل تۇنياز)
نۇرلان يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 18:10
نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئاچچىق ھىسلارغا تويۇنغان شېئىرى ئا ...

نۇرلان ئەپەندىمنىڭ باھاسىغا رەھمەت

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-23 04:35

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش