روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1623|ئىنكاس: 7
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەلىبتىكى يول

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-14 12:12:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                 قەلىبتىكى يول

سۆيگۈمگە رەڭ بېرىپ، سەھەردە قۇياش،
نۇر سېپېپ قەلبىڭگە سىڭىپ كىرىدۇ.
بىر يول بار، يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتاش،
مۇھەببەت شۇ يولدىن مېڭىپ كىرىدۇ.
                                   بۇ يولغا سېغىنىش ئوتى پايانداز،
                                   ۋىسالنىڭ دىلبىرى كۈتۈپ ئالىدۇ.
                                  بۇ يوللار ھاۋالىق، ئەينى باھار-ياز،
                                   گاھىدا خىياللار قونۇپ قالىدۇ.
بۇ يوللار شۇ قەدەر پاكىز، چىرايلىق،
ئاشىقلىق كەپتىرى ئۇچار پەر قېقىپ.
مەشۇقلۇق كۈيلىرى سايرار يېقىملىق،
جۈپ يۈرەك جۈپ تەنگە كىرىدۇ ئېقىپ.
                             قەلبىمدە بىر يول بار قەلبىڭگە ئۇدۇل،
                             رىشتىمنى رىشتىڭگە باغلاپ قاچىدۇ.
                             مەيلىمنى مەيلىڭگە ئەيلىسەڭ قوبۇل،
                             مۇشۇ يول بەختكە قۇچاق ئاچىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1ئىناۋەت +3 تەڭگە +3 يىغىش سەۋەبى
سىھىر + 3 + 3 ماختاشقا تېگىشلىك

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-14 13:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، قاپىيە شەكىللىرىمۇ ناھايىتى ماس كەپتۇ .
ۋاقتى: 2014-12-14 16:15:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى شىئىرلىرىڭىز ئىچىدە بۇ شىئىرىڭىز ئەڭ مۇنەۋۋەر شىئىر بولسا بولغىدەك،،،،رەسمى ياخشى چىقىپتۇ ،،،،
بۇ شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.قەلىمىڭىز ھارمىغاي!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-14 16:45:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرغىنىغا رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-12-14 21:06:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلان ئەپەندى تولىمۇ ئەركىن ئويناق مىسرالار بىلەن يېزىپسىز .قايتا قايتا ئوقىۋەتتىم. ئاشىقنىڭ مەشۇق ئۈچۈن ماڭغان ھەر بىر قەدىمىدىن گۈل ئۈنىدۇ......قەلىمىڭىز ھارمىغاي نۇرلان ئەپەندى.
ۋاقتى: 2014-12-15 11:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، ئىجادىيەتلىرىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-15 15:05:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرگە تەشەككۈر. سىلەرنىڭمۇ ھەر بىر شېئىرىڭلارنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇيمەن. ھەممىمىزگە ئامەت يار بولغاي.

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-25 03:06

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش