روھلان مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇڭ

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 3564|ئىنكاس: 22
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بەخىت ئىزدەپ (ناتىۋان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بەخىت ئىزدەپ

كۈتۈش ئىچرە ئۆتەر كۈنلەر، قۇياش كۈلگەن يورۇق تاڭنى ،
ئىپار-ئەنبەر پۇراپ تۇرغان ھاۋالىق بىر گۈزەل باغنى .

ئەگەر يەتسەم ئاشۇ كۈنگە  بېشىم يەتكەيمۇ كۆكلەرگە،
بەخىت پەيزى يۇيارمۇ ھەم يۈرەكتىكى ئەلەم، داغنى .

كۈتۈپ ئاشۇ گۈزەل كۈننى، ئازاپلارغا چىداپ كەلدىم ،
ئۈمىد ماڭا مادار بولدى كۆتۈرمەككە ئېغىر تاغنى .

ئۈمىدسىزلىك مېنى ھەردەم ئېغىر تەشۋىشكە سالغاندا،
ئىمانىم ئوزۇق بولدى، ئەسلىتىپ گۈزەل چاغنى .

يىقىتقاندا مېنى زەربە ،يەنە تۇردۇم ئورۇندىن دەس،
يۈرىكىمگە تېڭىپ مەھكەم يېڭىلمەيمەن  دىگەن ئاڭنى .

سەپەر مۈشكۈل ، مەنزىل يىراق، ئەمما غەيرىتىم تاغدەك ،
ھامان بىر كۈن تاپارمەن شۇ بەخىت كۈلگەن چاھار باغنى !

                ناتىۋان
2014-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تەجرىبە +25 ئىناۋەت +25 تەڭگە +25 يىغىش سەۋەبى
ADiL + 25 + 25 + 25 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-9 23:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى چىققان ئەسەرلىرىڭىزنى روھلان تور بېكىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئۈندىدار سالونىدا ئېلان قىلىشىمىزغا قوشۇلامسىز؟
روھلان ئۈندىدار سالونى ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېما
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-9 23:38:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 23:27
روھلان مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياخ ...

ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن ،مېنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت !
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
مۇشۇ ناتىۋان ئاچام بەك ئېسىل يازىدۇ جۇمۇ  ... ھارمىغايسىز  
ۋاقتى: 2014-12-10 10:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىڭىزنى نىمانچە ياخشى  يازغانسىز، تىللىرى شۇنداق راۋان ، ھېسسىيات ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ.شئېرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ  مەنمۇ شۇ خىل ھېسسىياتتا بولغاندەكلا ھېس قىلىپ قالدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 11:06:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heqqani يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 08:59
مۇشۇ ناتىۋان ئاچام بەك ئېسىل يازىدۇ جۇمۇ  ... ھارمىغايسى ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئۇكام .
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-10 11:09:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 10:25
بۇ شئېرىڭىزنى نىمانچە ياخشى  يازغانسىز، تىللىرى شۇندا ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !سىلەرنىڭ ئىلھاملىرىڭلار مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى يېزىشىمغا تۇرىتكە بولغۇسى !
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-10 11:45:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتىۋان دىگەن بۇ ئەزا ئايالمۇ؟
ۋاقتى: 2014-12-10 11:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناتىۋان دىگەن بۇ ئەزا ئايالمۇ؟
ۋاقتى: 2014-12-10 12:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-3 03:34

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش