روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 4082|ئىنكاس: 25
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

‏مۇھەببەتنىڭ كەسمە يۈزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 20:29  

‏مۇھەببەتنىڭ كەسمە يۈزى

‏ئابدۇرېھىم ‏ئابدۇۋەلى(‏ئاسۇق)

سۈيۈلگەن مەن ‏ئەمەس بەلكىم سەنمۇ ھەم،
‏قايغۇرۇش يوق مىنىڭ ‏ئازاپلىرىمدا.
بىر بەخىت يېقىنلاپ قالغان شۇ كۈنى،
شۇ قەدەر قىينىلىپ سىر ‏ئېيىتتىم ساڭا.

سۈيۈلگەن مەن ‏‏ئەمەس بەلكىم سەنمۇ ھەم،
شەيتاندەك ‏ئېزىقىپ يۈردۇق قۇرۇق قول.
سەن كەتتىڭ چىرايلىق خوشمۇ دىمەستىن،
قالدۇرۇپ يۈرەككە بەخىتسىز بىر يول....

سۈيۈلگەن مەن ‏ئەمەس بەلكىم سەنمۇ ھەم،
ھەممىمىز ‏ئەسلىدە سۈيۈملۈك ‏ئىنسان.
‏ئەتتىرگۈل شېخىدا قان-زەرداپ ‏ئىچىپ
قار ياققان كېچىدە ‏ئاقماقتا پىغان.

سۈيۈلگەن مەن ‏ئەمەس بەلكىم سەنمۇ ھەم
يوللۇرۇم قان يۇقى كەتمەكتە تۇزۇپ
سەن مەندىن ۋاز كىچىپ كەتكەن ‏ئاشۇ چاغ،
كىم بىرى مەن ‏ئۈچۈن يىغلار ‏ئاھ ‏ئۇرۇپ .........

2014-يىل 9-دېكابىر ‏ئاقسۇ ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-28 21:47  

سۈيۈلگەن مەن ‏ئەمەس بەلكىم سەنمۇ ھەم،
ھەممىمىز ‏ئەسلىدە سۈيۈملۈك ‏ئىنسان.
‏ئەتتىرگۈل شېخىدا قان-زەرداپ ‏ئىچىپ .
قار ياققان كېچىدە ‏ئاقماقتا پىغان ...

كىچىك بولساممۇ دېگۈم كەلدى ... مۇشۇنداق ئۆزگەرتسەك ياخشىدەك كۆرۈندى ، ھارمىغايسىز ...
ۋاقتى: 2014-12-9 13:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇ پەچەتكەنغۇ بۇ شېئىرىڭىزنىڭ، مەن تېخى ماۋزۇغا قاراپ بىرەرسى يەنە ماتېماتىكىلىق سۆيگۈ خېتى يازغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

باھا سۆز

مەنمۇ شۇنداق ئويلاپتىكەنمەن  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-9 13:16
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
ۋاقتى: 2014-12-9 13:16:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 13:07
ماۋزۇ پەچەتكەنغۇ بۇ شېئىرىڭىزنىڭ، مەن تېخى ماۋزۇغا قا ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلاپتىكەنمەن
ۋاقتى: 2014-12-9 13:22:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شئېرىڭىزمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ،  ھارماي -تالماي شئېر يازىسىزغۇ-ھە، ھەر بىر شئېرىڭىز ئۆزگىچە شۇنداق ياخشى يېزىلغان.  ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار  يار بولسۇن  ھارمىغايسىز.
ۋاقتى: 2014-12-9 14:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىقىپتۇ . قول قويدۇم سىزگە
ۋاقتى: 2014-12-9 14:38:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى بىر شىئىر يوللاپسىز نەۋرۇز ئەپەندىم،،،قاراتمىلىقى كۈچلۈك،،،شىئىرنىڭ مەقسەت مۇددىئاسى ئېنىق ،،،،ھارماڭ يەنىمۇ ئىسىل تىمىلىرىڭىز بارلىققا كەلگەي
ئەگىشىپ قويمامسىز سىھىر خانىم ياقتۇرغان بولسىڭىز
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 13:07
ماۋزۇ پەچەتكەنغۇ بۇ شېئىرىڭىزنىڭ، مەن تېخى ماۋزۇغا قا ...

تېمىنى ئاشۇنداق قويسام مەزمۇن گەۋدىلىندىغاندەك تۇردۇ. مازاق قىلماڭ ئاغىنەم ئادىلجووووووووووون
سىھىر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 14:38
ناھايتى ياخشى بىر شىئىر يوللاپسىز نەۋرۇز ئەپەندىم،،،ق ...

ئەگىشىپ قويمامسىز سىھىر خانىم ياقتۇرغان بولسىڭىز

باھا سۆز

كەچۈرۈڭ سەۋڭيەم يەتمەيدۇ،،،تۇرمۇشۇمدىكى بەزىبىر ئىشلار تۈپەيلى بارلىق مۇنبەرداشلاردىن ئايرىلماقچىمەن ،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-9 15:46

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 12:25

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش