روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1542|ئىنكاس: 3
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئېسىڭدىمۇ مەن لالەم؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېسىڭدىمۇ مەن لالەم؟

ئېسىڭدىمۇ يەنە مەن لالەم؟
دەرتكە توشقان قەلىب-پىيالەم.
ئازاپلارنىڭ دولقۇنلىرىدا،
كۈتۈش بىلەن ئاقىدۇ نالەم.

ئېسىڭدىمۇ يەنە مەن لالەم؟
دەرت چەككەنگە ئۆلمەسكەن ئادەم.
سۆيۈشلەردە سېھىرلەر تالاي،
سۆيۈلۈشتە گۈزەلدۇر ئالەم.

ئېسىڭدىمۇ يەنە مەن لالەم؟
سەن ھاياتىم،ئەزىز غەمخانەم.
پىراقىڭدا سائىل بولساممۇ،
ساداقىتىم مەڭگۈ دەسمايەم.

ئېسىڭدىمۇ يەنە مەن لالەم؟
ئازابلىرىم سېغىنىشقا تەم.
«سەۋىر ئۇلۇغ» دەيدۇ كونىلار،
كۈتۈش قىلار ئاشىقلارنى جەم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

مۇھەببەتلىك بۇ شىئ‍رىڭىزمۇ ناھايتى يىقىشلىق چىقىپتۇ، ،،يەنىمۇ ياخشى تىمىلىرىڭىز بارلىققا كەلگەي،،،،ئ‍ەمدى ئ‍ەگىشۋالمايمەن راست چاقچاق  
ۋاقتى: 2014-12-3 08:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-كوبلىت 4-مىسرانى «سۆيۈلۈشتىن گۈزەلدۇر ئالەم» دېسە قانداق بولار؟ ئاقساقاللىقىمنى كەچۈرۈڭ، نۇرلان ئۇستاز.
دىلى سۇنۇق ئاشىقن مەشۇققا دەردىنى تۈكۈپلاۋېتىپتىغۇ ..... مۇھەببەتلىك لىرىكىڭىز تولىمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ .قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-22 02:57

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش