روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 1146|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

قەلبىدىن كۆچۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 13:16  

قەلبىدىن كۆچۈش
ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)

بىر قەھرى قېلىچتا يېرىلسا باغرىم،
قانلىرىم گۈللەرگە پۈركەر يۇلۇڭنى.
قەبرەمنىڭ يېنىدىن ئۆتسەڭ ئېزىقىپ،
كۈتۈرمە دۇئاغا قانلىق قۇلۇڭنى.

دۇنيانى ۋاراقلاپ ئوقۇپ باقمىدىم،
بەرىبىر قەبرەمگە قايتىپ كىتىمەن.
بۇ ھايات قىممارغۇ ئۇتۇپ ئۇتتۇرۇپ،
يەنىلا ساراڭدەك ھىىجىيىپ يۈرگەن.

يىقىلدىم يىغلىدىم ئۆزۈم دەس تۇرۇپ،
ۋە لىكىن سوغاقتا قالمىدىم مۇزلاپ.
كۈتىدۇ جىلمىيىپ يېقىنلا يەردە،
شەپەقتەك يارلىنىپ تۇرغان بىر ئازاپ.

نەقەدەر تاتلەق ھەم ئازاپتا ئۈلۈش،
مەن ياتقان قەبرىمۇ يىرتىلىپ كەتتى .
يىراقتا بىر ئۆتمۇش كىپەنلەر مىنى،
بولدىلا دۇنيادىن كىتەيچۇ ئەمدى......

2014-يىل 2-دىكابىر ئاقسۇ شەھەر (ساجىڭزا قۇمقۇدۇقتا يىزىلدى)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-2 16:29:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى نەۋرۇز ئەپەندىملا يازسا بولغىدەك. مەنىسى چوڭقۇر، تىلى پاساھەتلىك.  قەلىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن.
ۋاقتى: 2014-12-2 22:39:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 22:55  

گەرچە مەنمۇ ئۇنچىۋالا ياخشى يازالمىساممۇ نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ ئۇسلۇبىنى دوراپ باقاي،،،،قەلىمىم پىشىپ قالار   
بىر قەھرى قېلىچتا يېرىلسا باغرىم،
قانلىرىم چېچىلار گۈللەر بەرگىدەك.
مۇزلىغان تەنلىرىم كىرسە قەبرىگە،
ئەگىشەر بۇ روھىم ساڭا سايىدەك.

دۇنيانى ۋاراقلاپ ئۇقۇپ باقمىدىم،
بەتلىرىڭ بەجايكى سىرلىق بىر قەلئە.
بىزلەر ھەم ئارتىسمىز ھەر خىل روللاردا،
بۇ تۇرمۇش بۇ ھايات رەڭدار بىر سەھنە.

يىقىلدىم ،يىغلىدىم ئۈزۈم دەس تۇرۇپ،
ھالسىردىم تۇرمۇشنىڭ داۋانلىرىدا.
ئازاپتىن مۇستەسنا شۇنداق بىر جاي بار،
كۈتىدۇ يېقىنلا ،قەبرىلەر ئارا.

نەقەدەر تاتلىق ھەم ئازاپتا ئۈلۈش،
ھاياتلار ماتەمدە ،ئەتىلا تويدا،،،،
يەنە بىر كەلگۈسى كىپەنلار مىنى،
جىمجىتلا كىتەيچۇ ،ئەمدى بولدىلا،،،،
سىھىر خانىم ھەر بىر كۇبلىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىنى   ئېلىپ ئۆزگىچە تىل ئۆزگىچە ھېسيات بىلەن بىر پارچە ئىسىل ي
سىھىر خانىم ھەر بىر كۇبلىتنىڭ بىرىنچى مىسراسىنى   ئېلىپ ئۆزگىچە تىل ئۆزگىچە ھېسيات بىلەن بىر پارچە ئىسىل يازمىدىن بىرنى ھۇجۇتقا چىقىرىپسىز . رەھمەت سىزگە . روھلان بىزنىڭ بەسلىشىپ ئۆگۈنۈش قىلىدىغان ياخشى سەينارىمىز بولغۇسى
ئەلۋەتتە ،،،،،،،سىزنى دوراپ قويدۇققۇ،،،،،

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-29 07:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش