روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2004|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

كۈتۈشنىڭ جاۋابى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىھىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-1 19:57  

بۇ شىئىرىمنى مۇنبەردىكى نۇرلان ئۇستازنىڭ تاتلىق خىياللار ناملىق شىئىرغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئەگىشىپ يازغان ،،،،،مۇنبەرداشلار باھالاپ بېقىڭلار

كۈتۈشنىڭ جاۋابى
گۈلبوستان موللىمىن

يۈرۈكۈمگە مۈكۈۋال مەيلى،
ئۇتالىساڭ مەيلىمنى ئەگەر.
بوستان كىرپىك ساڭا ئىگىلەر،
قارچۇقۇمغا سىڭىپ كەتسەڭ گەر.

باھاردىكى مەيىن شامالدەك ،
ھىدلاپ ئۆتكىن پۇراقلىرىمنى.
باغلىرىمدا گۈل-چىچەك بۇلۇپ،
مەستخۇش قىلغىن دىماقلىرىمنى.

گۈل بەرگىگە قونغان شەبنەمدەك
سىرغىپ چۇشسەڭ زىناقلىرمغا.
ھۇجۇدىمغا سېغىنىش تۇلۇپ،
ئوخشارمەنمۇ گۈزەل يارىڭغا.

داۋاملاشتۇر خىياللىرىڭنى،
ئېشىپ قالار بىر كۈن ئەمەلگە .
مۇھەببەتلىك ئۆتكىن ھەر ۋاقىت،
مىھماندۇرمىز ئۇشبۇ ئالەمگە


2014.12.1




ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالتىس! بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قاپىيەسىمۇ كەپتۇ. رەھمەت داۋاملىق ياخشى شېئىرلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. ^_^

باھا سۆز

رەھمەت ....روھلان مۇنبىرگە خۇش كەپسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-3 10:45
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-3 10:45:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھاΔ يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 02:24
قالتىس! بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قاپىيەسىمۇ كەپتۇ. رەھمەت دا ...

رەھمەت ....روھلان مۇنبىرگە خۇش كەپسىز
سىھىر خانىمنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىلمەن. مەيلى ئەگىشىپ يېزىڭ ، مەيلى مۇستەققىل يېزىڭ «قازان» دا بولمىسا «چۈمۈچ»كە چىقمايدۇ. بۇ سىزنىڭ قەلىمىڭىزنىڭ پىشىش نوقتىسى بولۇپ قالغۇسى. روھلاندىكى قەدىمىڭىز ياخشى كىتىۋاتىدۇ.

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە نەۋرۇز ئەپەندىم،،،،،  تەپسىلاتى ئىنكاس ۋاقتى: 2014-12-6 17:30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-6 17:30:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 20:56
سىھىر خانىمنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىلمەن. مەيلى ئەگىشىپ ...

رەھمەت سىزگە نەۋرۇز ئەپەندىم،،،،،
ۋاقتى: 2014-12-6 20:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىتىملىق چىققان لىرىكىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي !
روھلان android تېرمىنالىدا يوللانغانروھلان android تېرمىنالىدا يوللانغان
رەھمەت دوستۇم،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-21 17:05

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش