ۋاز كېچەي
ساتېرىك
"ئىلغارلىق"نى تالىشىپ غەلۋە— غەۋغا كۆپ بولدى،
ئالالمايمەن بەرىبىر"بىتاقەت" دىن ۋاز كېچەي،
ھەركىم ئىزدەر ئالدىراش دەلىل— ئىسپات، نەتىجە،
ئۆز كۆمەچكە چوغ تارتقان، " ئادالەت" دىن ۋاز كېچەي،
" ئارتۇقچىلىق" ئۈستىدىن غالىپ كەلدى " كەمچىلىك"،
يول قويۇشماي غاجاشتى ئاداۋەتتىن ۋاز كېچەي،
" بېشەم" لىشىپ ھەق— ناھەق ئاستىن— ئۈستىن قىلىندى،
بىرلىرى ھەم قىلدى ئەرز، شىكايەتتىن ۋاز كېچەي،
تالاشمايمەن ئىلغارلىق ئاچ— زارلىقتا قالساممۇ،
يەنە پايدا قوغلاشقان " تاپاۋەت" دىن ۋاز كېچەي.
بولمىسىمۇ تۆھپەم زور ئەقىدەم بار، ئەجرىم بار،
پەش قىلىپ ئاز" تۆھپە" نى ئابرويۇمنى ساتمايمەن،
ئارزۇ— ھەۋەس،ئارمان كۆپ، بىراق، ساپا— دەرمان يوق،
ئىرادەم چىڭ نىشانغا يەتمەي ئارام تاپمايمەن،
ئىشلىرىمدا ئۆكسۈش يوق،داۋاملىشار ئىزچىللىق،
يەتمىسىمۇ ئىلغارلىق ، قېيداپ " پەش" نى قاقمايمەن،
قانائەت يوق قىلچىلىك، خەلقىم رازى بولغىچە،
ئەر بىلمىسە، ئەل بىلەر ئوز خىسلەتنى ساقلايمەن،
قۇل قىلمايمەن ئۆزۈمنى ئەمدى ئارتۇق تاماغا،
قىزارتمايمەن يۈزۈمنى " خىجالەت" دىن ۋاز كېچەي.
ھەيران قالدى مودىرمۇ كار قىلمىغاچ تەربىيە،
چاپان ياپتى " سەۋەن" گە ئۆزلىرىنى ئاقلىدى،
ھەق گەپ قىلىپ بىرلىرى ئازار يىدى ئارتۇقچە،
" نامزات" لارنىڭ ئۈستىدىن نەچچە سائەت داتلىدى،
" مەن" لا دېدى بەزىلەر، موما تۈگە قۇم يۆلەپ،
باشقىلارنى سۇندۇردى، ھەتتا قارا چاپلىدى،
يەر تېپىشتى بەزىلەر، زەردە بىلەن مۇش تۈگۈپ،
قەستەن جىدەل چىقىرىپ سوقۇشۇشقا باشلىدى،
" يىغىن" ئەمەس بۇ خۇددىي بولدى جەڭگاھ مەيدانى
چىقتى ھەدەپ ئەۋجىگە،" قىيامەت" دىن ۋاز كېچەي.
تەمەخورلوق ۋە كىبىر ھەركىم ئۈچۈن دۈشمەندۇر،
سەبرىسىدە ھالۋا بوپ پىشار بىر كۈن غورىسى،
تالاشقانغا يەتمىسە بېرىلگەن بىر كۆرسىتكۈچ،
ئىلغارلىق راست بىر شەرەپ— روھنىڭ ئۇرغۇ— دورىسى،
ئېگىسىنى تاپسا راست رازى بولار بارچە ئەل،
خاتا كەتسە ھەممىنىڭ قايناپ تاشار ئوغىسى،
نەتىجىسى— تۆھپىسى بارلار چەتتە قالدىغۇ!؟
ئالدى بىراق، تالىشىپ يالغان شەرەپ ئوغرىسى،
گوروھ قۇرۇپ، كۈچ توپلاپ نامزات بولدى بەزىلەر،
يەڭ سودىىسى قىلىشقان " كاپالەت" دىن ۋاز كېچەي.
تالاشمايمەن ئىلغارلىق، تالاشمايمەن ھەم ئېنۋان،
ھىمايىسى ئاممىننڭ ماڭا كاتتا مۇكاپات،
مىزانىم بار ئۆزگىچە ئۆزۈمگە يۈز كەلگۈدەك،
دىلىم ئوچۇق، كۆڭلۈم توق، روھىيىتىم پاك— ئاۋات،
كۆز ئالدىمدا بالىلار، مەن ئۇلارغا بىرئۇستاز،
پەرۋازىغا ئۇلارنىڭ بولاي دەيمەن پەر— قانات،
مەشئەل بولۇپ يول باشلاش ئەڭ مۇقەددەس بۇرچۇمدۇر،
بەختى كۈلسە ئۇلارنىڭ كۈلەر پۈتكۈل كائىنات،
ئامانەتتۇر بىز ئۈچۈن ئاداققىچە بالىلار،
جېنىم پىدا ھەر ۋاقىت، خىيانەتتىن ۋاز كېچەي.
ۋىجدان، بۇرچ، ھەقىقەت مەرت- نامەرتنى سىنايدۇ،
ئۆزىنى مەرت چاغلىغان ۋەدىسىدىن تانمايدۇ،
ئەل قوينىدا ئەل سانسىز مەردان— مەرتنى تاۋلايدۇ،
ئەل ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەننى ئەل تاللايدۇ،
ساقالدىكى ئاش بىلەن راستلا قورساق تويمايدۇ،
تويمىغىچە بەزىلەر زادى ئارام تاپمايدۇ،
شۇ سەبىلەر بىز لەرگە چەكسىز ئۈمىت باغلايدۇ،
مۇشۇ ھالدا ئىشەنچنى قانداقسىگە ئاقلايدۇ!؟
كەلگۈسىدە ئەۋلادنى قانداق كۈلپەت ساقلايدۇ!؟
شۇڭا قۇرۇق شان- شەرەپ— ئىناۋەتتىن ۋاز كېچەي.
ئوقۇتقۇچى دەپ ئۇلۇغ نامىمىز بار شەرەپلىك،
تالىشىمىز كىملەردىن يەنە قانداق بىر نەپنى !؟
ئويلانمىدۇق كىم ئىدۇق؟ ئوخشاپ قالدۇق كىملەرگە؟
مەنپەئەت بار قانچىلىك؟ تالاشتۇق شۇ " مەنسەپ" نى
كىچىككىنە تۆھپىدىن پەخرلەندۇق، خوش بولدۇق،
چىتقا يايدۇق چاۋىنى، قوزغاتتۇق غۇم— ھەسەتنى،
قاچانغىچە يۈرەرمىز داغ تەككۈزۈپ ئابرويغا،
قەدىرلىمەي ئەل بەرگەن شۇ ئۇلۇغ نام— شەرەپنى،
مەسئۇلىيەت ئۇنتۇلدى، غەيرىي مەنپەئەت ئازدۇردى،
ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئىللەت— ئاسارەتتىن ۋاز كېچەي.
مەنبە: ئۆز يازمام |